بىز نە‌چچە يۈزلىگە‌ن مىللە‌ت ۋ‌ە تىل ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە،‏ ئە‌مما ئورتاق نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تلە‌ر ئۈچۈن جە‌م بولغان كىشىلە‌رمىز.‏ هە‌ممىدىن مۇهىمى،‏ بارلىق مە‌ۋ‌جۇداتلارنىڭ ياراتقۇچىسى ۋ‌ە مۇقە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ مۇئە‌للىپى خۇدا يە‌هۋ‌انى ئۇلۇغلاشنى مە‌قسە‌ت قىلغانمىز.‏ بىز كۈچىمىزنىڭ بارىچە ئە‌يسا مە‌سىهنى ئۈلگە قىلىپ،‏ هە‌ق خۇداغا خىزمە‌ت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن پە‌خىرلىنىمىز.‏ هە‌ربىرىمىز باشقىلارنىڭ مۇقە‌ددە‌س كىتاب ۋ‌ە خۇدانىڭ پادىشاهلىقى هە‌ققىدە بىلىم ئېلىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن دائىم ۋ‌اقىت چىقىرىمىز.‏ بىز يە‌هۋ‌ا خۇدا ۋ‌ە ئۇنىڭ پادىشاهلىقى هە‌ققىدە گۇۋ‌اهلىق يە‌نى ۋ‌ە‌ز ئېيتقاچ،‏ يە‌هۋ‌ا گۇۋ‌اهچىلىرى‏،‏ دە‌پ كىشىلە‌ر ئارىسىدا هە‌ممىگە تونۇلغان.‏

تور بېتىمىزنى زىيارە‌ت قىلىڭ.‏ توردا مۇقە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇڭ.‏ بىز ۋ‌ە بىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز هە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىڭ.‏