مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى

جامائە‌ت يىغىلىشلىرىمىز ھە‌ققىدە مە‌لۇ‌مات ئېلىڭ.‏ جامائە‌ت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدىغان سىزگە ئە‌ڭ يېقىن جاينى ئىزدە‌ڭ.‏

سىزگە يېقىن جاينى تېپىڭ (opens new window)

يىغىلىشلىرىمىز قانداق ئۆتكۈزۈلىدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن ھە‌پتىسىگە ئىككى قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ بۇ يىغىلىشلاردا بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تە‌لىملە‌رنى ۋە ئۇ‌لارنى ھاياتىمىزدا قانداق قوللىنالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا تىڭشىغۇ‌چىلار ئۆز ئىختىيارى بىلە‌ن مۇ‌ھاكىمىگە قاتنىشالايدۇ.‏ يىغىلىشلىرىمىز ناخشا ۋە دۇ‌ئا بىلە‌ن باشلىنىدۇ ھە‌م ئاياقلىشىدۇ.‏

يىغىلىشلىرىمىزغا قاتنىشىش ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بىرى بولۇ‌شىڭىز شە‌رت ئە‌مە‌س.‏ بىز ھە‌ممىسىنى تە‌كلىپ قىلىمىز.‏ كىرىش ھە‌قسىز ھە‌م ئىئانە بېرىش تە‌لە‌پ قىلىنمايدۇ.‏