مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نېمىگە ئىشىنىدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نېمىگە ئىشىنىدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سۈپىتىدە بىز ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئۆگە‌تكە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرىنىڭ يۈرگە‌ن يولى بىلە‌ن مېڭىشقا تىرىشىمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىزنىڭ بە‌زى ئاساسىي تە‌لىماتلىرىمىز كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏

  1.   ئاللا.‏ بىز ھە‌ممىگە قادىر،‏ ياراتقۇ‌چى،‏ بىردىن-‏بىر ھە‌ق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىمىز.‏ ئۇ‌نىڭ ئىسمى —‏ يە‌ھۋا (‏زە‌بۇ‌ر 83:‏18؛‏ ۋە‌ھىي 4:‏11‏)‏.‏ ئۇ —‏ ئىبراھىم،‏ مۇ‌سا ۋە ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ خۇ‌داسى (‏چىقىش 3:‏6؛‏ 32:‏11؛‏ يۇ‌ھاننا 20:‏17‏)‏.‏

  2.   مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى خۇ‌دانىڭ ئادە‌مزاتقا بە‌رگە‌ن روھلاندۇ‌رۇ‌لغان سۆزى دە‌پ قارايمىز (‏يۇ‌ھاننا 17:‏17؛‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏16‏)‏.‏ بىز تە‌لىملىرىمىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ 66 كىتابىغا ئاساسلانغان.‏ بۇ‌نىڭغا «كونا ئە‌ھدە» ھە‌م «يېڭى ئە‌ھدە» كىرىدۇ.‏ دىنلارنى تە‌تقىق قىلىدىغان جېيسون دېيۋىد بېدۇ‌ن ئىسىملىك پروفېسسور يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى توغرىسىدا مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئۇ‌لار ھە‌رگىزمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى پە‌رە‌ز قىلىمايدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ھە‌م يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان.‏ a

     گە‌رچە پۈتۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئېتىراپ قىلساقمۇ،‏ بىز ئە‌سلىيە‌تچى (‏جاھىل)‏ ئېقىمدىكىلە‌ر ئە‌مە‌س‏.‏ يازمىلارنىڭ بە‌زى قىسىملىرى سىمۋوللۇ‌ق تىل بىلە‌ن يېزىلغانلىقى ۋە ئۇ‌لارنى ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە چۈشىنىشنىڭ توغرا ئە‌مە‌سلىكىنى چۈشىنىمىز (‏ۋە‌ھىي 1:‏1‏)‏.‏

  3.   ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر.‏ بىز ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تە‌لىملىرىگە ۋە ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىمىز ھە‌م ئۇ‌نى قۇ‌تقازغۇ‌چىمىز ۋە خۇ‌دانىڭ ئوغلى سۈپىتىدە ھۆرمە‌ت قىلىمىز (‏مە‌تتا 20:‏28؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 5:‏31‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دە‌پ ئاتالغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 11:‏26‏)‏.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ئە‌مە‌سلىكىنى بىلىۋالدۇ‌ق.‏ شۇ‌ڭا،‏ يازمىلاردا ئۈچبىرلىك تە‌لىماتىغا ھېچقانداق ئاساس يوق (‏يۇ‌ھاننا 14:‏28‏)‏.‏

  4.   خۇ‌دا پادىشاھلىقى.‏ بۇ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ قە‌لبىدىكى ھالە‌ت ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئاسماندىكى ھە‌قىقىي ھۆكۈمە‌تتۇ‌ر.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئورنىغا تىكلىنىپ،‏ خۇ‌دانىڭ يە‌ر يۈزىگە بولغان ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلايدۇ (‏دانىيال 2:‏44؛‏ مە‌تتا 6:‏9،‏ 10‏)‏.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى پات يېقىندا بۇ ئىشلارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ،‏ چۈنكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ بىز «‏ئاخىرقى كۈنلە‌ردە‏» ھايات كە‌چۈرىۋاتىمىز (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1—‏5؛‏ مە‌تتا 24:‏3—‏14‏)‏.‏

     ئە‌يسا مە‌سىھ خۇ‌دانىڭ ئاسماندىكى پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ۋە ئۇ 1914 يىلى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىدى (‏ۋە‌ھىي 11:‏15‏)‏.‏

  5.   قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئارقىلىق گۇ‌ناھ بىلە‌ن ئۆلۈمدىن ئازاد بولۇ‌شقا ئىمكانىيە‌ت يارىتىلدى (‏مە‌تتا 20:‏28؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 4:‏12‏)‏.‏ بۇ قۇ‌ربانلىقتىن مە‌نپە‌ئە‌تلىنىش ئۈچۈن،‏ ئادە‌ملە‌ر ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رگە پە‌قە‌ت ئىشىنىپلا قويماي،‏ ھايات تە‌رزىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى كېرە‌ك (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20؛‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 3:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئادە‌منىڭ ئىش-‏ھە‌رىكتى ئۇ‌نىڭ ئېتىقادىنىڭ تىرىك ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ (‏ياقۇ‌پ 2:‏24،‏ 26‏)‏.‏ ئە‌مما قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئۆزۈمىز ئېرىشە‌لمە‌يمىز،‏ ئۇ‌نىڭغا خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏شە‌پقىتى ئارقىلىق ئېرىشىمىز (‏گالاتىلىقلارغا 2:‏16،‏ 21‏)‏.‏

  6.   ئاسمان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە سادىق پە‌رىشتىلە‌ر روھىي ئالە‌مدە b ياشايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏19—‏21؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 7:‏55‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن بىللە ئاسماندىكى پادىشاھلىقتا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن پە‌قە‌ت 144000 ئادە‌م تىرىلىدۇ (‏دانىيال 7:‏27؛‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 2:‏12؛‏ ۋە‌ھىي 5:‏9،‏ 10؛‏ 14:‏1،‏ 3‏)‏.‏

  7.   يە‌ر يۈزى.‏ خۇ‌دا يە‌رنى ئىنسانىيە‌ت مە‌ڭگۈ ياشايدىغان ماكان قىلىپ ياراتقان (‏زە‌بۇ‌ر 104:‏5؛‏ 115:‏16؛‏ ۋە‌ز 1:‏4‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رگە بە‌رىكە‌ت تۆكۈپ،‏ ئۇ‌لارغا مۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ ساغلام تە‌ن ھە‌م جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏11،‏ 34‏)‏.‏

  8.   زۇ‌لۇ‌م ۋە قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت.‏ بۇ‌لار خۇ‌دانىڭ پە‌رىشتىلىرىنىڭ بىرى ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ندىن كېيىن باشلانغان (‏يۇ‌ھاننا 8:‏44‏)‏.‏ ئىسىياندىن كېيىن،‏ «شە‌يتان» ۋە «ئىبلىس»،‏ دېگە‌ن نام بىلە‌ن ئاتالغان.‏ بۇ پە‌رىشتە دە‌سلە‌پكى ئە‌ر-‏ئايالنىمۇ ئۆزىگە ئە‌گىشىشكە قايىل قىلغان ۋە ئاقىۋە‌تتە ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانىنىڭ ئە‌ۋلادلىرى بە‌كمۇ ئېچىنىشلىق ئە‌ھۋالغا چۈشكە‌ن (‏يارىتىلىش 3:‏1—‏6؛‏ رىملىقلارغا 5:‏12‏)‏.‏ شە‌يتان كۆتە‌رگە‌ن مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن خۇ‌دا زۇ‌لۇ‌م ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنىڭ بولۇ‌شىغا يول قويغان،‏ ئە‌مما ئۇ‌لارنىڭ مە‌ڭگۈ داۋام قىلىشىغا يول قويمايدۇ.‏

  9.   ئۆلۈم.‏ ئادە‌م ئۆلگە‌ندە‏،‏ ياشاشتىن توختايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 146:‏4؛‏ ۋە‌ز 9:‏5،‏ 10‏)‏.‏ ئۇ ھېچقانداق دوزاخ ئوتىدا قىينالمايدۇ.‏

     ھە‌ممىگە قادىر ئاللا مىلياردلىغان ئىنسانلارنى ئۆلۈم ئۇ‌يقىسىدىن تىرىلدۈرىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15‏)‏.‏ لېكىن،‏ تىرىلگە‌ندىن كېيىن خۇ‌دانىڭ يوللىرىنى رە‌ت قىلغانلار مە‌ڭگۈ يوق قىلىنىپ،‏ قايتا تىرىلمە‌يدۇ (‏ۋە‌ھىي 20:‏14،‏ 15‏)‏.‏

  10.   ئائىلە.‏ بىز نىكاھ بىر ئە‌ر ۋە بىر ئايال ئارىسىدا بولۇ‌شى كېرە‌ك ھە‌م ئاجرىشىشقا پە‌قە‌تلا جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق سە‌ۋە‌ب بولىدۇ،‏ دېگە‌ن خۇ‌دانىڭ ئە‌سلى ئۆلچىمىگە بويسۇ‌نىمىز (‏مە‌تتا 19:‏4—‏9‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھېكمە‌تلىك سۆزلە‌رنىڭ ئائىلىلە‌رنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏22—‏6:‏1‏)‏.‏

  11.   ئىبادىتىمىز.‏ بىز كرېست ياكى ھېچقانداق سۈرە‌تكە چوقۇ‌نمايمىز (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 4:‏15—‏19؛‏ يۇ‌ھاننانىڭ 1-‏خېتى 5:‏21‏)‏.‏ تۆۋە‌ندە ئىبادىتىمىز نېمىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كە‌لتۈرۈلگە‌ن:‏

    •   خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىمىز (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏6‏)‏.‏

    •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌يمىز ۋە تە‌تقىق قىلىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1—‏3‏)‏.‏

    •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئالغان بىلىملىرىمىز توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 77:‏12‏)‏.‏

    •   دۇ‌ئا قىلىش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىش،‏ ناخشا ئېيتىش،‏ ئىشە‌نچىمىزنى ئىپادىلە‌ش ۋە ئېتىقادداشلىرىمىزغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن يىغىلىشلىرىمىز (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏16؛‏ ئىبرانىيلارغا 10:‏23—‏25‏)‏.‏

    •   «پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى .‏.‏.‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى» ۋە‌ز قىلىمىز (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏

    •   مۇ‌ھتاجلارغا ياردە‌م بېرىمىز (‏ياقۇ‌پ 2:‏14—‏17‏)‏.‏

    •   ئىبادە‌ت زاللىرىنى ھە‌م پۈتۈن دۇ‌نيادىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىدىغان بېنالارنى سېلىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئاسراپ ساقلايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 127:‏1‏)‏.‏

    •   تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌ردە زىيان-‏زە‌خمە‌ت چە‌ككە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 11:‏27—‏30‏)‏.‏

  12.   تە‌شكىلاتىمىز.‏ بىز جامائە‌تلە‌رگە بۆلۈنۈپ تە‌شكىللە‌نگە‌ن ۋە ھە‌ربىر جامائە‌تكە ئاقساقاللار كېڭىشى يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ ئاقساقاللار باشقىلاردىن يۇ‌قىرى ئە‌مە‌س ۋە قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن پۇ‌ل ئالمايدۇ (‏مە‌تتا 10:‏8؛‏ 23:‏8‏)‏.‏ يىغىلىشلىرىمىزدا پۇ‌ل ياكى ئوندىن بىر قىسمى يىغىلمايدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 9:‏7‏)‏.‏ پۈتۈن ئىش-‏پائالىيىتىمىز ئىختىيارى ئىئانىلە‌ر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.‏

     يېتە‌كچى كېڭە‌ش —‏ روھىي يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدىن تە‌ركىپ تاپقان كىچىك بىر توپ.‏ ئۇ مە‌ركىزى باش باشقارمىدا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ پۈتۈن دۇ‌نيادىكى بارچە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىغا يوليورۇ‌ق بېرىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏

  13.   ئىناقلىقىمىز.‏ پۈتۈن دۇ‌نيادىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى بىرلە‌شتۈرگە‌ن نە‌رسە —‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 1:‏10‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا بىز ئىجتىمائىي،‏ مىللىي،‏ ئىرقى ياكى جە‌مئىيە‌تتىكى تۇ‌تقان ئورنىمىزغا قاراپ،‏ توپلارغا بۆلۈنمە‌سلىككە كۆپ كۈچ چىقىرىمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35؛‏ ياقۇ‌پ 2:‏4‏)‏.‏ بىراق،‏ ھە‌ممىمىزدە تاللاش ئە‌ركىنلىكى بار.‏ ھە‌ر بىر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ تە‌ربىيىلە‌نگە‌ن ۋىجدانى بويىچە قارار چىقىرىدۇ (‏رىملىقلارغا 14:‏1—‏4؛‏ ئىبرانىيلارغا 5:‏14‏)‏.‏

  14.   يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز.‏ بىز ھە‌ممە ئىشلىرىمىزدا سە‌مىمىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز (‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35‏)‏.‏ ئاللاغا ياقمايدىغان ئىشلاردىن نېرى بولۇ‌پ‏،‏ مە‌سىلە‌ن قاننى ناتوغرا ئىشلىتىپ،‏ ئۇ‌نى تە‌نگە سالدۇ‌رۇ‌شنى رە‌ت قىلىمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏28،‏ 29؛‏ گالاتىلىقلارغا 5:‏19—‏21‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز تىنچلىقپە‌رۋە‌ر ھە‌مدە ئۇ‌رۇ‌شلارغا قاتناشمايمىز (‏مە‌تتا 5:‏9؛‏ يە‌شايا 2:‏4‏)‏.‏ بىز ئۆزۈمىز تۇ‌رغان يە‌ردىكى ھۆكۈمە‌تكە ھۆرمە‌ت كۆرسىتىمىز ھە‌م خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرىغا زىت كە‌لمىگە‌ن بارچە يە‌رلىك قانۇ‌نلارغا بويسۇ‌نىمىز (‏مە‌تتا 22:‏21؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 5:‏29‏)‏.‏

  15.   باشقىلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆي»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرىغان.‏ ئۇ يە‌نە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى «بۇ دۇ‌نياغا مە‌نسۇ‌پ ئە‌مە‌ستۇ‌ر»،‏ دە‌پ ئېيتقان ئىدى (‏مە‌تتا 22:‏39؛‏ يۇ‌ھاننا 17:‏16‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىز «ھە‌ممىسىگە ياخشىلىق قىلىشقا» تىرىشىمىز،‏ ئە‌مما سىياسىي ئىشلاردا قە‌تئىي بېتە‌رە‌پلىكنى ساقلاپ‏،‏ باشقا دىننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏10؛‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 6:‏14‏)‏.‏ لېكىن،‏ بۇ مە‌سىلىدە باشقىلارنىڭ قارارلىرىنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز (‏رىملىقلارغا 14:‏12‏)‏.‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئېتىقادى ھە‌ققىدە سوئاللىرىڭىز بولسا،‏ تور بېكىتىمىزدىن مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشە‌لە‌يسىز‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بە‌يتە‌للىرىمىزىدىن بىرى بىلە‌ن ئالاقىلىشسىڭىز،‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىمىزغا كە‌لسىڭىز،‏ ياكى بولمىسا سىز ياشايدىغان جايدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدىن بىرى بىلە‌ن سۆزلە‌شسىڭىز بولىدۇ‏.‏

a ‏«تە‌رجىمىدىكى ھە‌قىقە‌ت» ناملىق كىتابنىڭ 165-‏بېتىگە قاراڭ (‏«‏Truth in Translation‏»)‏

b رە‌زىل پە‌رىشتىلە‌ر ئاسماندىن تاشلانغان بولسىمۇ،‏ روھىي ئالە‌مدە ياشاشنى داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىدۇ (‏ۋە‌ھىي 12:‏7—‏9‏)‏.‏