نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سەياسەتكە ئارىلاشمايدۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دىنىي-ئېتىقادى سەۋەبلىك سىياسىي بېتەرەپلىكنى ساقلايدۇ. بىز مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس ياشايمىز، شۇڭا بىرەر سىياسىي پارتىيىنى ياكى نامزاتلارنى قوللاپ ئاۋاز بەرمەيمىز ھەم نامايىشلارغا قاتناشمايمىز. سىياسىي مەنسەپكە ئىگە بولۇشقا ئىنتىلمەيمىز ياكى دۆلەت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدىغان بىرەر ھەرىكەتكە قاتناشمايمىز. شۇنداق قىلىشىمىزنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان يېتەرلىك سەۋەبلىرى بارلىقىغا ئىشىنىمىز.
بىز سىياسىي ھوقۇق-مەنسەپنى رەت قىلغان ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىمىز (يۇھاننا 6:15). ئۇ شاگىرتلىرى ھەققىدە «ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۈپ ئەمەستۇر»، دەپ تەلىم بەرگەن ھەم سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئۆز شاگىرتلىرىغا ئېنىق چۈشەندۈرگەن (يۇھاننا 17:14، 16؛ 18:36؛ مارك 12:13—17).
بىز خۇدا پادىشاھلىقىغا سادىق بولىمىز. ئەيسا مەسىھ: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 24:14). خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە، بىزگە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ كېلىشى ھەققىدە ۋەز قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ھېچبىر دۆلەتنىڭ، ھەتتا ئۆزىمىز ياشايدىغان مەملىكەتنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 5:20؛ ئەفەسلىكلەرگە 6:20).
بېتەرەپلىكنى ساقلاپ، بىز ھەر تۈرلۈك سىياسىي كۆزقاراشتىكى ئادەملەرگە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەرنى ئەركىن ۋەز قىلالايمىز. سۆزلىرىمىز ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىمىز بىلەن دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلارنى پەقەت خۇدا پادىشاھلىقى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (زەبۇر 56:11).
ئارىمىزدا سىياسىي بۆلگۈنچىلىكلەر بولمىغانلىقتىن، خەلقئارا قېرىنداشلىق رېشتىسى بىرلەشكەن (كولوسىلىقلارغا 3:14؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:17). بىراق، سىياسەتكە قاتنىشىدىغان دىنلارنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا بىرلىك يوق (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 1:10).
ھۆكۈمەتلەرنى ھۆرمەتلەش. گەرچە سىياسەتكە ئارلاشمىساقمۇ، بىز دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىمىز. بۇ مۇقەددەس كىتابتىكى «ھەممە ئادەم ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشى كېرەك»، دېگەن ئەمىرگە ماس كېلىدۇ (رىملىقلارغا 13:1). بىز دۆلەت قانۇنلىرىغا بويسۇنىمىز، باج-سېلىق تۆلەيمىز ھەم ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنى قوللايمىز. دۆلەتنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە قاتناشمايمىز. ئەكسىچە، بىز «پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار» ياكى ھۆكۈمرانلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر قارار چىقارغۇچىلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتكە ئەمەل قىلىمىز (تىموتىيغا 1-خەت 2:1، 2).
بىز يەنە باشقىلارنىڭ سىياسەتكە قارىتا كۆزقاراشلىرىنى ھۆرمەتلەيمىز. مەسىلەن، سايلامنىڭ ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلمايمىز ۋە ئاۋاز بەرمەكچى بولغانلارغا قارشىلىق كۆرسەتمەيمىز.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سىياسىي بېتەرەپلىكنى ئۆزلىرى ئويلاپ چىقارغانمۇ؟ ياق. بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان ئەيسانىڭ ئەلچىلىرى ۋە شاگىرتلىرىمۇ ھۆكۈمەتكە قارىتا ئوخشاش كۆزقاراشتا بولغان. بىر كىتابتا بۇ توغرىسىدا: «گەرچە بىرىنچى ئەسىردىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھۆكۈمەتنى ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىگە ئىشەنگەن بولسىمۇ، سىياسەتكە ئارىلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن»،— دەپ يېزىلغان («Beyond Good Intentions»). بىر تارىخىي كىتابتا بولسا، قەدىمقى مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى «سىياسىي مەنسەپكە ئىگە بولۇشقا ئىنتىلمىگەنلىكى» ئېيتىلغان («On the Road to Civilization»).
سىياسىي بېتەرەپلىكىمىز دۆلەت ئۈچۈن خەتەرلىكمۇ؟ ياق. بىز تىنچلىقپەرۋەر ئادەملەر بولغاچ، دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىزدىن قورقۇشىنىڭ ئاساسى يوق. 2001-يىلى ئۇكرائىنانىڭ دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ دوكىلاتىدا بېتەرەپلىكىمىز ھەققىدە مۇنداق ئېيتىلغان: «بەزىلەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بۇ كۆزقارىشنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. بىراق، بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئىلگىرى ناسىست ھەم كوممۇنىست تۈزۈلمىسى ئاستىدا زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان». ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى قاتتىق بېسىمغا قارىماستىن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى «قانۇنغا بويسۇنىدىغان پۇقرالار بولغان. ئۇلار يېزىلار ۋە كارخانىلاردىكى ئىش-ئەمگەكلەردە سەمىمىي ھەم راستچىل بولۇپ، كوممۇنىست تۈزۈمىگە تەھدىت بولمىغان». بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى ھەم ئىش-پائالىيەتلىرى، شۇ دوكىلاتتا خۇلاسە قىلىنغاندەك، «ھېچبىر دۆلەتنىڭ بېخەتەرلىكى ۋە بىرلىكىگە تەھدىت تۇغدۇرمايدۇ».