ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
كۆزقارىشىڭلار پە‌رقلە‌نگە‌ندە
https://cms-imgp.jw-cdn.org/img/p/502019351/univ/art/502019351_univ_sqr_xl.jpg

ئائىلىلە‌ر ئۈچۈن ياردە‌م

كۆزقارىشىڭلار پە‌رقلە‌نگە‌ندە

كۆزقارىشىڭلار پە‌رقلە‌نگە‌ندە

ئە‌ر-‏ئايالنىڭ قىزىقىشلىرى بىلە‌ن ئادە‌تلىرىنىڭ پە‌رقلىنىشى ۋە مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تۈپە‌يلىدىن كېلىشمە‌سلىكلە‌ر پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما بە‌زى مە‌سىلىلە‌ردە،‏ مە‌سىلە‌ن تۆۋە‌ندە كە‌لتۈرۈلگە‌نلىرىدە،‏ تېخىمۇ قىيىن بولۇ‌شى ئېھتىمال:‏

  • ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلارغا قانچە ۋاقىت بۆلۈش

  • پۇ‌لنى قانداق خىراجە‌ت قىلىش

  • بالىلىق بولۇ‌ش-‏بولماسلىق

ە‌گە‌ر ئىككىڭىزنىڭ كۆزقارىشى پە‌رقلىنىدىغان بولسا،‏ ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز بىلە‌ن قانداق تىل تاپالايسىز؟‏

 سىز نېمىنى بىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

ئە‌ر-‏ئايالنىڭ بىر-‏بىرىگە لايىق بولۇ‌شى ئويى بىر يە‌ردىن چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بىر-‏بىرىگە ئاجايىپ ماس كېلىدىغان ئە‌ر-‏ئايال،‏ ھە‌تتا مۇ‌ھىم مە‌سىلىلە‌ردىمۇ،‏ ھە‌ردائىم ئوخشاش ئوي-‏پىكىردە بولمايدۇ.‏

‏«مە‌ن ئىناق ئائىلىدە چوڭ بولدۇ‌م.‏ شە‌نبە-‏يە‌كشە‌نبە كۈنلىرى بىز بارلىق ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلار بىلە‌ن بىللە يىغىلاتتۇ‌ق.‏ ئە‌مما ھە‌مراھىمنىڭ ئائىلىسى تامامە‌ن باشقىچە ئىدى.‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلار بىلە‌ن،‏ ھە‌تتا يىراقتا تۇ‌رىدىغانلىرى بىلە‌ن،‏ قانچە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش كېرە‌كلىكىمىز ھە‌ققىدىكى پىكىرلىرىمىز پە‌رقلىنە‌تتى» (‏تامارا)‏.‏

‏«ئايالىم ئىككىمىزنىڭ پۇ‌لنى قانداق خىراجە‌ت قىلىشقا باغلىق كۆزقارىشىمىز ھە‌ر تۈرلۈك بولدى.‏ بۇ‌نىڭغا ئالغان تە‌ربىيىمىز سە‌ۋە‌ب بولغان.‏ توي قىلىشتىن كېيىن بىرنە‌چچە ئاي داۋامىدا پۇ‌ل مە‌سىلىسى تۈپە‌يلىدىن بىرقانچە قېتىم تاكاللاشتۇ‌ق» (‏تايلېر)‏.‏

ئىككى كىشى ئوخشاش بىر مە‌نزىرىگە قاراپ،‏ ئىككى خىل نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشى مۇ‌مكىن.‏ نە‌ق شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌ر-‏ئايالنىڭمۇ بىر مە‌سىلىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك كۆزقارىشى پە‌رقلىنىشى مۇ‌مكىن

بە‌زى كېلىشمە‌سلىكلە‌رنى پە‌قە‌تلا كېلىشىش ئارقىلىق بىر تە‌رە‌پ قىلىش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قېيىناتا ياكى قېيىنانا ئاغرىپ قېلىپ،‏ ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌پ قالسىچۇ؟‏ ئېرى ياكى ئايالى بالىلىق بولۇ‌شنى خالىغاندا،‏ جورىسى خالىمىسىچۇ a‏؟‏

‏«ئايالىم ئىككىمىز بالىلىق بولۇ‌ش-‏بولماسلىق ھە‌ققىدە بىرنە‌چچە قېتىم خېلە ئۇ‌زاق پاراڭلاشتۇ‌ق.‏ ئۇ بۇ ھە‌ققىدە بارغانسېرى كۆپ ئويلىۋاتىدۇ ھە‌م بىزنىڭ بۇ‌نىڭغا نىسبە‌تە‌ن كۆزقارىشىمىز تېخىمۇ كۆپ پە‌رقلىنىۋاتىدۇ.‏ بىز ھېچقاچان كېلىشمە‌يمىز دە‌پ ئويلايمە‌ن» (‏ئالېكس)‏.‏

ھە‌ر تۈرلۈك كۆزقاراشلار نىكاھ‌ڭىزنىڭ بە‌ختلىك بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بە‌زى مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌رنىڭ ئېيتىشىچە،‏ يارىڭىز بىلە‌ن مۇ‌ھىم بىر مە‌سىلىدە كېلىشە‌لمە‌يدىغان بولسىڭىز،‏ سىز ئاخىرىغىچە،‏ ھە‌تتا ئاجرىشىشقا قە‌دە‌ر،‏ ئۆز دېگىنىڭىزدە تۇ‌رۇ‌ۋېلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ لېكىن مە‌سىلىنىڭ بۇ‌نداق «ھە‌ل قىلىنىشى»،‏ ھە‌مرايىڭىزغا نېمىلا بولمىسۇ‌ن چاپلىشىمە‌ن دېگە‌ن خۇ‌دانىڭ ئالدىدا بېرىلگە‌ن قە‌سىمىڭىزگە ئە‌مە‌س،‏ سىزنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزغا كۆپرە‌ك دىققە‌ت بۆلىدۇ.‏

 سىز نېمە قىلالايسىز؟‏

نىكاھ قە‌سىمىڭىزگە ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشكە بە‌ل باغلاڭ.‏ بۇ‌نداق قىلساڭلار،‏ سىز ھە‌رقانداق مە‌سىلىگە قارشىلاشقۇ‌چىلاردە‌ك ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىتتىپاقداشلاردە‌ك قارايسىلە‌ر.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپى:‏ «خۇ‌دا بىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ق بىلە‌ن قوشقاننى ئادە‌م ئايرىمىسۇ‌ن» (‏مە‌تتا 19:‏6‏)‏.‏

بارلىق خىراجە‌تلە‌رنى ھېسابلاپ چىقىڭلار.‏ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ بىرى بالىلىق بولۇ‌شنى خالىسا،‏ باشقىسى خالىمايدۇ دە‌يلى.‏ بۇ ئە‌ھۋالدا تۆۋە‌ندىكىدە‌ك بىرقانچە ئامىلنى كۆرۈپ چىقىش لازىم:‏

  • نىكاھ‌ڭىزنىڭ قانچىلىك مە‌ھكە‌م بولۇ‌شى.‏

    سىلە‌ر بالا تە‌ربىيىلە‌ش بىلە‌ن باغلىق بولغان قوشۇ‌مچە بېسىمنى كۆتىرە‌لە‌مسىلە‌ر؟‏

  • ئاتا-‏ئانا بولۇ‌ش بىلە‌ن باغلىق بولغان مە‌سئۇ‌لىيە‌ت.‏

    بۇ مە‌سئۇ‌لىيە‌تكە پە‌قە‌تلا ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك،‏ كىيىم-‏كېچە‌ك ۋە پانا جاي بىلە‌ن تە‌مىنلە‌ش كىرمە‌يدۇ.‏

  • سىزنىڭ ماددىي ئە‌ھۋالىڭىز.‏

    سىز ئىش،‏ ئائىلە ۋە باشقىمۇ ۋە‌زىپىلە‌رنى تە‌ڭ ئېلىپ كېتە‌لە‌مسىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپى:‏ «ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردىن بىرىڭلار مۇ‌نارە سالماقچى بولسا،‏ ئۇ بالدۇ‌ر ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ بارلىق خىراجىتىنى ھېسابلاپ چىقماسمۇ؟‏» (‏لۇ‌قا 14:‏28‏)‏.‏

مە‌سىلىنى ھە‌ممە تە‌رە‌پتىن كۆرۈپ چىقىڭ.‏ بە‌لكىم،‏ كېلىشمە‌سلىكلە‌رنى قانداقتۇ بىر مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە ھە‌ل قىلىشقا بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پە‌رزە‌نت كۆرۈش مە‌سىلىسىدە بىر پىكىرگە كە‌لمىگە‌ن بولسىڭىز،‏ ئۇ‌نىمايدىغان جورا ئۆزىدىن مۇ‌نداق سورىسا بولىدۇ:‏

  • «مە‌ن بالىلىق بولۇ‌شنى پە‌قە‌تلا ھازىرچە خالىمايمە‌نمۇ ياكى تامامە‌ن خالىمايمە‌نمۇ؟‏»‏

  • «مە‌ن ياخشى ئاتا-‏ئانا بولالايدىغانلىقىمغا گۇ‌مانلانغانلىقتىن ئۆزۈمنى بالىلىق بولۇ‌شتىن تارتىمە‌نمۇ؟‏»‏

  • «جورام مېنى ئېتىبارسىز قالدۇ‌رىدۇ دە‌پ قورقىمە‌نمۇ؟‏»‏

باشقا تە‌رە‌پتىن،‏ پە‌رزە‌نت كۆرۈشنى خالايدىغان جورا ئۆزىگە تۆۋە‌ندىكى سوئاللارنى قويالايدۇ:‏

  • «بىز ئاتا-‏ئانا بولۇ‌ش ۋە‌زىپىسىنى ئاتقۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن تە‌ييارمۇ؟‏»‏

  • «بالا بېقىشقا باغلىق بولغان چىقىملارنى كۆتىرە‌لە‌يمىزمۇ؟‏»‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپى:‏ «ئە‌رشتىن چۈشكە‌ن دانالىق.‏.‏.‏ ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك» (‏ياقۇ‌پ 3:‏17‏)‏.‏

يارىڭىزنىڭ كۆزقارىشىنىڭ ئارتۇ‌قچىلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىڭ.‏ ئىككى كىشى ئوخشاش بىر مە‌نزىرىگە قاراپ،‏ ئىككى خىل نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشى مۇ‌مكىن.‏ نە‌ق شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌ر-‏ئايالمۇ ئوخشاش مە‌سىلىگە،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پۇ‌لنى قانداق خىراجە‌ت قىلىشقا،‏ ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراشتا بولۇ‌شى ئېھتىمال.‏ كۆزقاراشلىرىڭىز پە‌رقلىنىدىغان ھە‌رقانداق شارائىتنى مۇ‌ھاكىمە قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ ئىككىڭىزگە ئورتاق بولغان نە‌رسىلە‌ردىن باشلاڭلار.‏

  • ئورتاق مە‌خسە‌تلىرىڭلار قانداق؟‏

  • ھە‌ربىرىڭىزنىڭ كۆزقارىشىنىڭ قانداق ئارتۇ‌قچىلىقلىرى بار؟‏

  • نىكاھ‌ڭىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،‏ ئىككىڭلار،‏ يە بولمىسا،‏ بىرىڭلار پىكرىڭلارنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌مسىلە‌ر؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپى:‏ «ھە‌ركىم ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ئە‌مە‌س،‏ باشقىسىنىڭ پايدىسىنى ئىزدىسۇ‌ن» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏24‏)‏.‏

a مۇ‌ھىم سوئاللار توي قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن مۇ‌ھاكىمە قىلىنىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ كۈتۈلمىگە‌ن ئە‌ھۋاللار ئورۇ‌ن ئېلىشى مۇ‌مكىن،‏ يە بولمىسا ۋاقىت ئۆتۈپ بىر جورىنىڭ پىكرى ئۆزگىرىپ كېتىشى ئېھتىمال (‏ۋە‌ز 9:‏11‏)‏.‏