مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

ئە‌يسا نېمە سە‌ۋە‌بتىن خۇ‌دانىڭ ئوغلى دە‌پ ئاتىلىدۇ؟‏

ئە‌يسا نېمە سە‌ۋە‌بتىن خۇ‌دانىڭ ئوغلى دە‌پ ئاتىلىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسا پات-‏پات «خۇ‌دانىڭ ئوغلى» دە‌پ ئاتىلىدۇ (‏يوھان 1:‏49‏)‏.‏ «خۇ‌دانىڭ ئوغلى» دېگە‌ن ئىبارە خۇ‌دا ھاياتنىڭ مە‌نبە‌سى ئىكە‌نلىكىنى ۋە ھە‌ممىنى،‏ شۇ جۈ‌ملىدىن ئە‌يسانى،‏ ياراتقانلىقىنى تە‌ستىقلە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 36:‏9؛‏ ۋە‌ھىي 4:‏11‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ ئادە‌ملە‌رگە ئوخشاش ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نادا بالا تاپقانلىقى ئېيتىلمىغان.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا پە‌رىشتىلە‌ر «خۇ‌دانىڭ ئوغۇ‌للىرى» دە‌پ ئاتالغان (‏ئايۇ‌پ 1:‏6‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا يازمىلاردا ئادە‌م ئاتىمۇ «خۇ‌دانىڭ ئوغلى» ئىكە‌نلىكى يېزىلغان (‏لۇ‌قا 3:‏38‏)‏.‏ لېكىن ئە‌يسا خۇ‌دانىڭ ئە‌ڭ بىرىنچى ۋە يالغۇ‌ز ئۆ‌زى ياراتقان تۇ‌نجا مە‌ۋجۇ‌داتى بولغاچقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ خۇ‌دانىڭ يېگانە ئوغلى دە‌پ ئاتالغان.‏

 ئە‌يسا يە‌رگە ئادە‌م بولۇ‌پ كېلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن ئاسماندا ياشىغانمۇ؟‏

ھە.‏ ئە‌يسا يە‌رگە كېلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن ئاسماندا روھىي شە‌خس بولغان.‏ ئۇ ئۆ‌زى ھە‌ققىدە:‏ «مە‌ن.‏.‏.‏ ئاسماندىن چۈ‌شتۈ‌م»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يوھان 6:‏38؛‏ 8:‏23‏)‏.‏

خۇ‌دا ئە‌يسانى ھە‌ممە مە‌ۋجۇ‌داتلاردىن ئاۋۋال ياراتقان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق يېزىلغان:‏

  • «ئۇ —‏ پۈ‌تكۈ‌ل مە‌ۋجۇ‌داتلار تۇ‌نجىسى» (‏كولوسىلىقلارغا 1:‏15‏)‏.‏

  • ئۇ «خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌داتىنىڭ باشلانمىسى» (‏ۋە‌ھىي 3:‏14‏)‏.‏

    ‏«چىقىشلىرى قېدىمدىن تارتىپ،‏ يە‌نى ئە‌زە‌لدىن تارتىپ بولغان ئىدى» دېگە‌ن پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆ‌زلە‌ر ئە‌يسانىڭ ھاياتىدا ئە‌مە‌لگە ئاشقان (‏مىكا 5:‏2؛‏ مە‌تتا 2:‏4—‏6‏)‏

 ئە‌يسا يە‌رگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئاسماندا نېمە قىلغان؟‏

ئە‌يسا ئاسماندا ژۇ‌قۇ‌رى دە‌رىجىگە ئىگە بولغان.‏ ئە‌يسا:‏ «ئاتام،‏ دۇ‌نيا يارىتىلىشتىن ئاۋۋال سېنىڭ يېنىڭدا بولغان شان-‏شە‌رىپىم بىلە‌ن مېنى مە‌دھىيىلىكىنە»،‏—‏ دە‌پ دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئۆ‌زىنىڭ دە‌رىجىسى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان (‏يوھان 17:‏5‏)‏.‏

ە‌يسا ئاتىسىغا،‏ باشقا ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى يارىتىشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌يسا خۇ‌دانىڭ ئالدىدا «ئۇ‌ستا ھۈ‌نە‌رۋە‌ندە‌ك» بولغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 8:‏30‏)‏.‏ ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئۇ‌نىڭ ۋاسىتىسى بىلە‌ن ئاسماندىكى ۋە يە‌ردىكى.‏.‏.‏ ھە‌ممىسى ئۇ‌نىڭ ئارقىلىق ھە‌م ئۇ‌نىڭ ئۈ‌چۈ‌ن يارىتىلغاندۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىلغان (‏كولوسىلىقلارغا 1:‏16‏)‏.‏

خۇ‌دا ئە‌يسا ئارقىلىق ھە‌ممىنى،‏ شۇ جۈ‌ملىدىن ئاسماندىكى پە‌رىشتىلە‌رنى ۋە يە‌ردىكى ئادە‌ملە‌رنى ياراتتى (‏ۋە‌ھىي 5:‏11‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌يسا بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىپ بىللە ئە‌مگە‌ك قىلغانلىقىنى ئارخىتېكتور بىلە‌ن قۇ‌رۇ‌لۇ‌شچىنىڭ بىللە ئە‌مگە‌ك قىلغانلىقى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ ئارخىتېكتور بېنانىڭ لايىھىسىنى ئويلاپ تاپىدۇ،‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شچى بولسا،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ.‏

ە‌يسا سۆ‌ز بولغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسانىڭ يە‌رگە كېلىشىدىن بۇ‌رۇ‌ن ئاسماندىكى ھاياتى توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان.‏ ئە‌يسا «سۆ‌ز» دە‌پ ئاتالغان (‏يوھان 1:‏1‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ خۇ‌دا ئوغلى ئارقىلىق باشقا مە‌ۋجۇ‌داتلارغا ئۆ‌زىنىڭ خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈ‌زگە‌ن ۋە يول-‏يورۇ‌ق بە‌رگە‌ن.‏

شۇ‌نداقلا ئە‌يسا خۇ‌دانىڭ خە‌ۋىرىنى ئادە‌ملە‌رگە يە‌تكۈ‌زۈ‌پ،‏ يە‌ردە يە‌ھۋانىڭ ۋە‌كىلى سۈ‌پىتىدە خىزمە‌ت قىلغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئېرە‌م بېغىدا ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىغا يول-‏يورۇ‌ق بېرىش ئۈ‌چۈ‌ن ئە‌يسا ئارقىلىق سۆ‌زلىگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏يارىتىلىش 2:‏16،‏ 17‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئىسرائىللىقلارنى چۆ‌ل-‏باياۋاندا يېتە‌كلىگە‌ن پە‌رىشتە ئە‌يسا بولغان.‏ ئىسرائىل خە‌لقى ئۇ‌نىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سېلىش كېرە‌ك ئىدى * (‏چىقىش 23:‏20—‏23‏)‏.‏

^ ‏ 18-‏ئابزاس يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆ‌ز خە‌ۋىرىنى پە‌قە‌ت ئە‌يسا ئارقىلىق يە‌تكۈ‌زمىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ باشقىمۇ پە‌رىشتىلە‌ر ئارقىلىق ئۆ‌ز خە‌لقىگە قانۇ‌نلارنى بە‌رگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 7:‏53؛‏ گالاتىلىقلارغا 3:‏19؛‏ ئىبرانىيلارغا 2:‏2،‏ 3‏)‏.‏