مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە ئىزاھات

قىيامەت كۈنى — ئۇ قانداق كۈن؟

قىيامەت كۈنى — ئۇ قانداق كۈن؟

سـىـز قىيامەت كۈنىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىسىز؟ نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق ئويلايدۇكى، قىيامەتتە مىلياردلىغان ئادەملەر تىرىلىپ بىر-‏بىرلەپ خۇدانىڭ تەختى ئالدىدا سوراق قىلىنىدۇ. ساۋابى ۋە گۇناھلىرى ئۆلچىنىپ مۇكاپاتقا لايىق بولغانلىرى ئاسماندىكى جەننەتتە بەخت-‏سائادەتكە ئېرىشىدۇ، جازاغا لايىق بولغانلىرى دوزاختا مەڭگۈ ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىدۇ. بىراق، مۇقەددەس كىتاب قىيامەت كۈنىنى باشقىچە تەسۋىرلىگەن. مۇقەددەس كىتاب، قىيامەت كۈنىنى دەھشەتلىك ئەمەس، بەلكى ئارزۇ-‏ئۈمىدكە تولغان، ھەممە ئەسلىگە قايتىپ كېلىدىغان كۈن دەپ تەسۋىرلەيدۇ.

مۇقەددەس كىتابنىڭ ۋەھىيلەر 20-‏باب 11، 12-‏ئايەتتە، قىيامەت كۈننى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:‏ «بىر چوڭ ئاق تەخت كۆردۈم ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىنىڭ يۈزىدىن يەر ۋە ئاسمان قېچىپ ئۇلارغا جاي تېپىلمىدى. ۋە ئۆلۈكلەر خاھ [مەيلى] چوڭ بولسۇن خاھ كىچىك بولسۇن تەختنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىنى كۆردۈم ۋە كىتابلار ئېچىلدى. ۋە باشقا بىر كىتاب يەنى تىرىكلىك كىتابى ئېچىلدى. ۋە ئۆلۈكلەر كىتابلاردا پۈتۈلگەندەك ئۆز ئەمەللىرىگە مۇۋاپىق ھۆكۈم قىلىندى». بۇ يەردە تەسۋىرلەنگەن ھۆكۈم قىلغۇچى كىم؟

پۈتۈن ئالەمنىڭ ھۆكۈمرانى خۇدا يەھۋا ئەڭ ئالىي ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر. ئەمما، ئۇ ئەمەلىي ھۆكۈم قىلىش ئىشىنى بىرىنىڭ ئۆزىگە ۋاكالىتەن قىلىشى ئۈچۈن باشقا بىرگە ھاۋالە قىلىپ تاپشۇرغان. ئەلچىلەر 17-‏باب 31-‏ئايەتتە، ئەلچى پاۋلۇس شۇنداق دېگەن:‏ خۇدا «بىر كۈننى تەيىن قىلىپتۇر. شۇ كۈندە ئۆزى تەيىنلىگەن بىر كىشىنىڭ ۋاستىسى بىرلە ھەممە دۇنيانى ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلۇر». مۇشۇ تەيىنلەنگەن ھۆكۈم قىلغۇچى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھتۇر (يۇھاننا 5:‏22). ئۇنداقتا، قىيامەت كۈنى قاچان باشلىنىدۇ؟ قانچە ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ؟

مۇقەددەس كىتابنىڭ ۋەھىيلەر قىسىمى، ئارماگېدون ئۇرۇشىدا شەيتان كونترول قىلىۋاتقان مۇشۇ جەمئىيەت يەر يۈزىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ* (ۋەھىيلەر 16:‏14، 16؛ 19:‏19-‏20:‏3). ئارماگېدون ئۇرۇشىدىن كېيىن، شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن جىنلار 1000 يىللىق كىشەنلىنىپ تېگى يوق ھاڭغا تاشلىنىدۇ. ئاشۇ مەزگىلدە، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە 144000‎ كىشى ئاسماندا ھۆكۈم سۈرۈپ «مىڭ يىلغىچە مەسىھ بىلەن پادىشاھلىق» قىلىدۇ (ۋەھىيلەر 14:‏1-‏3؛ 20:‏1-‏4؛ رىملىقلار 8:‏17). قىيامەت كۈنى تېزلا 24 سائەت ئىچىدە ئاخىرلاشماستىن، 1000 يىل داۋام قىلىدۇ.

ئاشۇ 1000 يىل جەريانىدا، «تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەرنى ھۆكۈم قىلادۇرغان» ئەيسا مەسىھتۇر (2-‏تىموتىي 4:‏1). «تىرىكلەر» بولسا ئارماگېدون ئۇرۇشىدا ھايات قالغان «چوڭ بىر گۇرۇھ» كىشىلەر (ۋەھىيلەر 7:‏9-‏17). شاگىرت يۇھاننا يەنە «ئۆلۈكلەر…تەختنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىنى» كۆرگەن. بۇ ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسا ۋەدە قىلغاندەك، «گۆرلەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ [ئەيسا]نىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت» كېلىدۇ ۋە گۆرلىرىدىن چىقىشىدۇ (يۇھاننا 5:‏28، 29؛ ئەلچىلەر 24:‏15). بىراق، ئادەملەر نېمىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىنىدۇ؟

شاگىرت يۇھاننا كۆرگەن ۋەھىيلەرگە ئاساسەن، «كىتابلار ئېچىلدى» ۋە «ئۆلۈكلەر كىتابلاردا پۈتۈلگەندەك ئۆز ئەمەللىرىگە مۇۋاپىق ھۆكۈم قىلىندى». ئاشۇ كىتابتا كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشتە قىلغان ئىش-‏ھەرىكەتلىرى خاتىرىلەنگەنمۇ؟ ياق، كىشىلەر ئۆلۈشتىن بۇرۇن نېمە ئىش قىلغانلىقىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىنمايدۇ. بىز بۇنى قانداق بىلىمىز؟ مۇقەددەس كىتاب:‏ «ئۆلگەن كىمەرسە [كىشى] گۇناھ قىلىشتىن كېسىلىپتۇر» دەيدۇ (رىملىقلار 6:‏7). شۇڭا، ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلارنى گۇناھدىن قۇتۇلۇپ پاك بولىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، «كىتابلار» خۇدانىڭ كەلگۈسىدىكى باشقا تەلەپلىرىگە سىموۋل قىلىنغان. ئارماگېدون ئۇرۇشىدا ئامان قالغانلار ۋە تىرىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنسا يەنى مىڭ يىل جەريانىدا يەھۋا ئاشكارا قىلىدىغان يېڭى تەلەپلەرنى ئورۇندىسا مەڭگۈ ياشايدۇ. دېمەك، ھەربىر ئىنسان قىيامەت كۈنى جەريانىدا قىلغان ئىش-‏ھەرىكەتلىرىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

قىيامەت كۈنى جەريانىدا مىلياردلىغان ئادەملەر تۇنجى قېتىم خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ياشاش ھەققىدە ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ كەڭ-‏كۆلەمدە تەلىم-‏تەربىيە خىزمىتى مەيدانغا كېلىدۇ دېگەنلىك. ئۇ ۋاقىتتا، «يەر يۈزىنىڭ ساكىنلىرى [ئولتۇراقلاشقان خەلقى] ئادالەت ئۆگۈنۇر» (يەشايا 26:‏9). بىراق، ھەممىلا كىشى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ياشاشنى خالىمايدۇ. يەشايا 26:‏10-‏ئايەت:‏ «مۇناپىققا رەھىم قىلىنسا ئادالەت ئۆگەنمەي توغرىلىقنىڭ يۇرتىدا يامانلىق قىلىپ خۇداۋەندىنىڭ جالال [ئۇلۇغلۇق] نى كۆرمەيدۇر» دەيدۇ. ئاشۇ يامانلىق قىلغۇچى مۇناپىقلار قىيامەت كۈنى جەريانىدا مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ھالاك قىلىنىدۇ. — يەشايا 65:‏20.

قىيامەت كۈنى ئاخىرلىشىش ۋاقتىدا، ئەڭ دەسلەپتە ئادەم-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانا يوقاتقان مۇكەممەل ھاياتلىققا ئىنسانلار قايتا ئېرىشىدۇ (1-‏كورىنتلىقلار 15:‏24-‏28). ئاشۇ چاغدا بارلىق كىشىلەر ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىناققا دۇچ كېلىدۇ. شەيتان كىشەندىن ئازاد بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان (ۋەھىيلەر 20:‏3، 7-‏10). ئاشۇ ئازدۇرلۇشقا قارشى تۇرغۇچىلار مۇقەددەس كىتابنىڭ تۆۋەندىكىدەك ۋەدىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرىدۇ:‏ «ئادىللار ئۆزى يەرگە ۋارىس بولۇپ ئەبەدغىچە ئۇندا [ئۇ يەردە] ئولتۇرار» (زەبۇر 37:‏29). شۇنداق، قىيامەت كۈنى بارلىق ساداقەتمەن ئىنسانلار ئۈچۈن بەخت-‏سائادەت ئېلىپ كەلگۈسى!


*  ئارماگېدون ئۇرۇشى توغرىسىدا كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىش» دېگەن كىتابنىڭ 1-‏بۆلۈم 594-‏595، 1037-‏1038-‏بەتلىرى ۋە «يېگانە ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلىش» دېگەن كىتابىنڭ 20-‏بابقا قاراڭ.

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش