ئىنسانلارنىڭ مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئاللا ئىرادە قىلغانمۇ؟
مـەيـلـى گېزىت ئوقۇڭ، تېلېۋېزور كۆرۈڭ ياكى رادىئو ئاڭلاڭ، ھەممىسىدە جىنايەت، ئۇرۇش ۋە تېرورلۇققا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ھەركۈنى بار! قېنى ئۆز-ئۆزىڭىزدە بار بولغان مەسىلىلەرنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئېھتىمال، تېنىڭىزنىڭ ئاغرىشى ياكى يېقىن ئادىمىڭىزنىڭ ئالەمدىن ئۆتىشى سىزنى قاتتىق ئازابلىغان بولۇشى مۇمكىن. ۋە ياكى سىزمۇ قەدىمكى زاماندا ياشاپ ئۆتكەن ئايۇپ پەيغەمبەرگە ئوخشاش، «ماڭا راھەت يوق، تىنچلىق يوق، ئارام يوق، يالغۇز دەرد بىلەن خاپىلىق كېلەدۇر» دېگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. — ئايۇپ 3:26.
ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنۇلارنى سوراپ بېقىڭ:
- مەن ۋە باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈشى خۇدانىڭ ئىرادىسىمۇ؟
- قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئامال-چارىلىرىنى قەيەردىن ئىزدەپ تاپالايمەن؟
- يەرشارىدا قاچانمۇ تىنچلىق كۈن بولار؟
مۇقەددەس كىتاب مۇشۇ سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىدۇ.
مۇقەددەس كىتاب بىزگە، خۇدا يەرشارىدىكى بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلايدۇ دەپ تەلىم بېرىدۇ.

«ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ھەر يېشىنى ئېيتىدۇر ۋە ئۆلۈم يەنە بولماس ۋە غەم يا پەرىيات ۋەيا ئاغرىق يەنە بولماس». — ۋەھىيلەر ٢١:٤.

‹پالەچ كىشى بۇغىدەك سەكرەر›. — يەشايا ٣٥:٦.

‹كورلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلار›.— يەشايا ٣٥:٥.

‹گۆرلەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن چىقار›.— يۇھاننا ٥:٢٨، ٢٩.

«ھېچ كىم:كېسەلدۇرمەن دېمەس».— يەشايا ٣٣:٢٤.

‹يۇرتتا تاغنىڭ چوقۇسىغىچە ئاشلىق ئۈنۈپ ھوسۇلى مول بولار›.— زەبۇر ٧٢:١٦.
مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىدىن كېلىدىغان پايدا-مەنپەئەتلەر

ئوتتۇرغا قويۇلغانلارنى، پەقەت خام-خىيالدىن ئىبارەت دەپ يىنكلىك بىلەن ئالدىراپ ھۆكۈم قىلماڭ. خۇدا ئاشۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ھەمدە ئۇ ۋەدىلىرىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى مۇقەددەس كىتاب بىزگە چۈشەندۈرىدۇ.
مۇقەددەس كىتاب ھەرجەھەتتىن پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. ھەتتا، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىن خۇشاللىق تېپىپ، شۈكۈر-قانائەت قىلىپ ياشىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. سىز غەم-ئەندىشە ۋە قىيىنچىلىقىڭىز توغرىسىدا ئويلاپ بېقىڭ. بەلكىم، ھازىر سىزنى ئىقتىساد كەمچىل بولۇش، ئائىلە تۇرمۇشى ئىناق بولماسلىق، تەن كېسەلچان بولۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر غەم-قايغۇغا سالغاندۇ ۋە ياكى يېقىن كىشىلىرىڭىزنىڭ ئۆلۈمى قەلبىڭىزنى ئازابقا دۇچار قىلىۋاتقاندۇ. مۇقەددەس كىتاب دەل سىز ھازىر تۇرمۇشىڭىزدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكىگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ كۆڭلىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ:
- بىز نېمە ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىمىز؟
- قانداق قىلىپ تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل غەم-ئەندىشىلىرىگە تاقابىل تۇرالايمىز؟
- قانداق قىلىپ ئائىلە تۇرمۇشىمىزنى بەخت-سائادەتكە ئىگە قىلالايمىز؟
- ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟
- ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرىمىز بىلەن قايتا جەم بولالايمىزمۇ؟
- ئاللانىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا قىلغان ۋەدىلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى قانداق جەزملەشتۈرەلەيمىز؟
سىزنىڭ مۇشۇ كىتابنى ئوقۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزدىن بىلىنىپ تۇرىدۇكى، سىز مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بارلىقىنى تېپىپ چىقىشنى خالايسىز. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. بەتنىڭ ئاستىدا بېرىلگەن ھەربىر ئابزاسقا ماس سوئاللارغا دىققەت قىلىڭ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىليونلىغان ئادەملەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن بىرلىكتە سوئال سوراپ، جاۋاب بېرىش شەكلىدە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. سىزنىڭمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى ياقتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ كۆڭلىنى ھەم قانائەت تاپقۇزىدۇ. سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بارلىقىنى تېپىپ چىقىشىڭىز ئۈچۈن خۇدا ئۆزى ياردەم بەرگەي!
مۇقەددەس كىتاب بىلەن تونۇشۇش

مـۇقـەددەس كىتاب (تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل) جەمئىي ٦٦ كىتابچە بولۇپ، ھەربىر كىتابچە باب ۋە ئايەتلەرگە ئېنىق ئايرىلغان. ئاختۇرۇپ تېپىش ناھايىتى قۇلايلىق. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب، مۇقەددەس كىتابتىن ئايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن. قوش چىكىتنىڭ ئالدىدىكى رەقەم باب نۇمۇرىنى قوش چىكىتنىڭ كەينىدىكى رەقەم ئايەت نۇمۇرىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، «٢-تىموتىي ٣:١٦»، بۇ بولسا مۇقەددەس كىتابنىڭ تىموتىيغا يېزىلغان ٢-خەت ٣-باب ١٦-ئايەتنى كۆرسىتىدۇ.
مۇشۇ كىتابتىكى مۇقەددەس كىتابتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەرنى ئىزدەپ تېپىش ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا مۇقەددەس كىتاب بىلەن تونۇش بولۇپ كېتىسىز. ھەركۈنى مۇقەددەس كىتابتىن ٣ دىن ٥ كىچە بابنى ئوقۇپ چىقسىڭىز، بىر يىل ئىچىدە مۇقەددەس كىتابنى تامام ئوقۇپ تۈگىتەلەيسىز. ئۇنداقتا، ھەركۈنى مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن نېمىشقا پىلان تۈزۈپ باقمايسىز؟

