مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

7-‏باب

ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن كىشىلىرىڭىز ئۈچۈن ھەقىقىي ئۈمىد

ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن كىشىلىرىڭىز ئۈچۈن ھەقىقىي ئۈمىد

قىيامەت كۈنىدە تىرىلىشنىڭ راستتىنلا بولىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش توغرىسىدا پەرۋەردىگار يەھۋا قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟

قىيامەت كۈنىدە كىملەر تىرىلدۈرۈلىدۇ؟

سـىـز ياۋۇز بىر دۈشمەننىڭ قولىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قېچىپ كېتىۋاتقان مۇنداق بىر كۆرۈنۈشنى خىيال قىلىپ بېقىڭ. ئۇ سىزدىن كۆپ كۈچلۈك ۋە تېز يۈگۈرەيدۇ. سىز ئۇنىڭ ناھايىتى ياۋۇز ئىكەنلىكىنى بىلىسىز، چۈنكى سىز ئۆز كۆزىڭىز بىلەن ئۇنىڭ بەزى دوستلىرىڭىزنىڭ جېنىنى ئالغانلىقىنى كۆرگەن. مەيلى سىز قانچە كۈچەپ ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنغان بولسىڭىزمۇ، ئۇ سىزگە داۋاملىق يېقىنلاپ كېلىۋاتقان، سىزدە قېچىپ قۇتۇلالىشىڭىزغا نىسبەتەن ئۈمىد قالمىغان ئاشۇ پەيتتە، توساتتىن سىز تەرەپتە تۇرىدىغان بىر قۇتقۇزغۇچى پەيدا بولسا ۋە ئۇ سىزنىڭ دۈشمىنىڭىزگە قارىغاندا ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ سىزگە ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرسە، ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى قانچىلىك تەسەللىي تاپقۇزىدۇ، ھە!

2 مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، دەل شۇنداق قەبىھ دۈشمەن سىزنى قوغلىماقتا. يالغۇز سىزنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئىنسانلارنى ئاشۇ دۈشمەن قوغلاۋاتىدۇ. ئالدىنقى بابتا ئۆگەنگەندەك، مۇقەددەس كىتاب:‏ ئۆلۈمنى دۈشمەن دەپ ئاتايدۇ. ھېچ قايسىمىز ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز ياكى ئۇنى توسۇپ قالالمايمىز. ھەممىمىز دېگۈدەك، بۇ دۈشمەننىڭ بىزنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزنى بىزدىن ئېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. بىراق، پەرۋەردىگار يەھۋا ئاشۇ دۈشمەن ئۆلۈمگە قارىغاندا كۆپ كۈچلۈك. خۇدا بىر مېھر-‏شەپقەتلىك قۇتقۇزغۇچى، ئۇ ئاللىقاچان ئاشۇ دۈشمەننى مەغلۇپ قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. يەنە ئۇ ئاشۇ دۈشمەن ئۆلۈمنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. مۇقەددەس كىتاب:‏ «ھەممىدىن ئاخىرقى دۈشمەندەك ئۆلۈم ئۆزى يوقىتىلۇر» دەپ تەلىم بېرىدۇ (1-‏كورىنتلىقلار 15:‏26). بۇ نېمە دېگەن ئاجايىپ خۇش خەۋەر، ھە!

3 قېنى بىز ھازىر ئاشۇ دۈشمەن، ئۆلۈم، بىزنىڭ يېقىن ئۇرۇق-‏تۇغقان ۋە دوست-‏بۇرادەرلىرىمىزنى ئېلىپ كەتسە، بىز قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. مۇشۇنى مۇلاھىزە قىلىش يەھۋانىڭ بىزنى خۇشال قىلىدىغان ۋەدىسىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. قارىڭە! پەرۋەردىگار يەھۋا ئۆلۈكلەرنى قايتا ياشايدۇ دەپ ۋەدە قىلغان (يەشايا 26:‏19). كەلگۈسىدە ئۆلۈكلەر ھاياتلىققا قايتۇرۇلۇپ كېلىنىدۇ. ئاشۇ دەل تىرىلىش ئۈمىدىدۇر.

يېقىن كىشىلىرىمىز ئۆلۈپ كەتكەندە

4 سىزنىڭ بىرەر يېقىن كىشىڭىز ئالەمدىن ئۆتكەندە جۇدالىق ئازابى قەلبىڭىزنى چىرمىغانمۇ؟ بىز يېقىن كىشىلىرىمىزدىن ئايرىلغاندا، قەلبىمىز قايغۇ-‏ھەسرەتكە تولۇپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆزىمىزنى يوقىتىپ، قويغان-‏تۇتقىنىمىزنى ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان بولۇپ قالىمىز. ئاشۇنداق ۋاقىتتا، بىز خۇدانىڭ سۆزىنىڭ كۆڭلىمىزگە تەسەللىي بېرىشىگە موھتاج بولىمىز (2-‏كورىنتلىقلار 1:‏3، 4). ئادەملەر ئۆلۈپ كەتسە، يەھۋا ۋە مەسىھنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب بىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئۆز ئاتىسىنىڭ مىجەز-‏خۇلقىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن ئەيسا، بىر كىشىنىڭ ئۆز يېقىنلىرى ئۆلۈپ كەتكەندە قانچىلىك قايغۇ-‏ھەسرەت چېكىدىغانلىقىنى بىلىدۇ (يۇھاننا 14:‏9). ھەزرىتى ئەيسا ھەر نۆۋەت يېرۇسالېم شەھىرىگە كەلگىنىدە، ئادەتتە ئۇ قوشنا كىچىك شەھەر بەيتانىياغا كىرىپ لازار ۋە ئۇنىڭ ھەدىلىرى مەريەم بىلەن مارتانى يوقلاپ ئۆتەتتى. ئۇلار ھەممىسى ئەيسانىڭ يېقىن دوستلىرى بولۇپ قالغان ئىدى. مۇقەددەس كىتاب:‏ «ھەزرىتى ئەيسا مارتا، مەريەم ۋە لازارنى بەك ياخشى كۆرەتتى» دەيدۇ (يۇھاننا 11:‏5، ھ.ز.). لېكىن 6-‏بابتا ئۆگەنگىنىمىزدەك، لازار ئۆلگەن ئىدى.

5 ئەيسا ئۆز يېقىن دوستى ئۆلۈپ كەتكەندە قانداق ھېسسىياتتا بولغان؟ مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق خاتىرىلەنگەن:‏ مەسىھ ئەيسا لازارنىڭ ئۇرۇق-‏تۇغقانلىرى ۋە دوست-‏بۇرادەرلىرىنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇلار لازارنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ئازابلىنىپ قايغۇ-‏ھەسرەت چېكىۋاتقان ئىدى. ئەيسا پەيغەمبەر ئۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولدى. مۇقەددەس كىتابتا:‏ ئۇ «روھدا قايناپ [غەزەپلىنىپ] بىئارام بولۇپ» ئاندىن ئەيسا «يىغلىدى» دەپ خاتىرىلەنگەن (يۇھاننا 11:‏33، 35). ئەيسا مەسىھنىڭ ھەسرەت چېكىشى، ئۇنىڭ ئۈمىدسىز بولغانلىقىدىنمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئەيسا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشنىڭ پات-‏ئارىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى (يۇھاننا 11:‏3، 4). شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنە يېقىن دوستىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھەسرەت چەككەن ئىدى.

6 ئەيسانىڭ ھەسرەت چېكىشى، مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە تەسەللىي بېرىش بولۇپ، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى يەھۋانىڭ ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرۈدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرىدۇ. بىراق، ئاللا يەھۋا ئاشۇ دۈشمەن ئۆلۈم ئۈستىدىن غەلبە قىلىش كۈچ-‏قۇدرىتىگە ئىگە! قېنى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۋا بەرگەن كۈچ-‏قۇدرەت ئارقىلىق نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

«لازار، بۇ يەرگە چىق!»

7 لازار بىر ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلىنغان ئىدى، ئەيسا لازار دەپنە قىلىنغان ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزى ئىتىلگەن تاشنى ئېلىۋېتىشنى ئېيتتى. لازارنىڭ ئاچىسى مارتا قوشۇلمىدى. چۈنكى، لازارنىڭ ئۆلگىنىگە تۆت كۈن بولغاچقا، ئۇنىڭ جەسىتى ئاللىقاچان چىرىشكە باشلىغان ئىدى (يۇھاننا 11:‏39). شۇڭا، ئەتراپتىكى ئاشۇ ئىشلارنى كۆرگۈچىلەر لازاردا ئۈمىد يوق دەپ قارىغان.

8 ئۆڭكۈر ئېغىزدىكى تاش ئېلىۋېتىلدى، ئەيسا يۇقىرى ئاۋازدا:‏ «لازار، مۇندا [بۇ يەرگە] چىققىن» دەپ توۋلىدى. نېمە ئىش يۈز بەردى؟ «ئۆلۈك قول ۋە پۇتلىرى كېپەن بىلەن باغلىنىپ يۈزى ياغلىق بىلەن يۆگەكلىك چىقتى» (يۇھاننا 11:‏43، 44). سىز ئەتراپتا تۇرۇپ مۇشۇ ئىشلارنى كۆرگەنلەرنىڭ قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ مەيلى لازارنىڭ ھەدىلىرى، ئۇرۇق-‏تۇغقانلىرى، دوست-‏بۇرادەرلىرى ياكى قولۇم-‏قوشنىلىرى بولسۇن، ھەممىسى لازارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلەتتى. لېكىن، مانا ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن ئادىمى قايتىدىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇردى. بۇ قارىماققا ئىشىنىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. بىراق، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ لازار بىلەن خۇشاللىق ئىچىدە قۇچاقلاشقانلىقى شەك-‏شۈبھىسىزدۇر. ۋاھ، بۇ ئۆلۈم ئۈستىدىن قىلىنغان نېمە دېگەن چوڭ غەلبە، ھە؟!

لازار تىرىلدۈرۈلگەندە، ھەممە كىشىلەر خۇشال بولۇشقان — يۇھاننا 11:‏38-‏44

ھەزرىتى ئەيسا لازارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمەكتە

9 مەسىھ ئۆز كۈچ-‏قۇدرىتى ئارقىلىق مۇشۇ ھەيران قالارلىق مۆجىزىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان. دەل لازارنى بۇياققا چىق دەپ چاقىرىشتىن ئىلگىرى، ئەيسا مەسىھ ئۆز دۇئايىدا ئادەمنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-‏قۇدرىتىنىڭ يەھۋا خۇدادىن كېلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسەتكەن (يۇھاننا 11:‏41، 42). بۇ تەڭرى يەھۋانىڭ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغان كۈچ-‏قۇدرىتىنى بىرىنچى قېتىم ئىشلىتىشى ئەمەس. لازارنى تىرىلدۈرۈش، خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابتا خاتىرىلەنگەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك توققۇز مۆجىزىنىڭ بىرلا خالاس.* مۇقەددەس كىتابتا خاتىرىلەنگەن مۇشۇ مۆجىزىلەرنى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ئادەمنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالىدۇ. ئاشۇ مۆجىزىلەردىن بىز ئاللانىڭ ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. چۈنكى، ئاللا تىرىلدۈرگەن ئادەملەر ئارىسىدا ئەر-‏ئايال، قېرى-‏ياش، ئىسرائىللار ۋە ئىسرائىل ئەمەسلەرمۇ بار. مۇقەددەس كىتابتا ئاشۇ تىرىلدۈرۈش مۆجىزىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ نەقەدەر خۇشال بولغانلىقى خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن، ئەيسا مەسىھ بىر كىچىك قىزنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەندە، قىزنىڭ ئاتا-‏ئانىسى ۋە «ئۇلار ناھايىتى ھەيران قالدىلار» (ماركۇس 5:‏42). ھەقىقەتەن، يەھۋانىڭ مېھر-‏شەپقىتى ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز، چەكسىز خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن.

10 ئەلۋەتتە، ئاشۇ ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن تىرىلدۈرۈلگەنلەر ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنداقتا، مۇشۇ تىرىلدۈرۈلۈش ئۇلار ئۈچۈن ئەھمىيەتسىزمۇ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس. مۇقەددەس كىتابتىكى ئاشۇ خاتىرىلەر مۇھىم ھەقىقەتنى ئىسپاتلىدى ۋە بىزگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

تېرىلدۈرۈلۈشكە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەردىن قانداق ھەقىقەتنى ئۆگىنەلەيمىز

ئىلياس پەيغەمبەر، تۇل ئايال ۋە ئايالنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئوغلى

ئىلياس پەيغەمبەر تۇل ئايالنىڭ بالىسىنى تىرىلدۈردى — 1-‏پادىشاھلار 17:‏17-‏24

11 مۇقەددەس كىتاب:‏ ئۆلۈكلەر «ھېچ نېمە بىلمەس» دەپ تەلىم بېرىدۇ. ئۆلۈكلەردە ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەس ھەم ھېچ قانداق سېزىم يوق. مۇقەددەس كىتابتىكى لازار توغرىسىدىكى خاتىرە مۇشۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىدى. قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەن لازار كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇپ جەننەت توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىمۇ؟ ياكى كىشىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىپ ئۇلارغا قورقۇنچلۇق ئوت كۆيۈۋاتقان دوزاخ توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىمۇ؟ ياق. مۇقەددەس كىتابتا لازارنىڭ ئاشۇنداق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىگەن ھېچقانداق بىر سۆزى ئەسلا خاتىرىلەنگەن ئەمەس. ئۇ تۆت كۈن ئۆلۈك ھالىتىدە «ھېچ نېمە بىلمەس» بولغان (ۋەز 9:‏5). لازار ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا بولغان ئىدى. — يۇھاننا 11:‏11.

12 مۇقەددەس كىتابتىكى لازار توغرىسىدىكى خاتىرىلەر تىرىلدۈرۈلىشنىڭ بىر ئەپسانىۋى رىۋايەت بولماستىن، بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىھ ئەيسا لازارنى بىر توپ كۆرۈپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن. ھەتتا، مەسىھكە ئۆچ بولغان دىنىي يېتەكچىلەرمۇ ئاشۇ تىرىلىش مۆجىزىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان. ئەكسىچە، ئۇلار:‏ «نېمە قىلايلى؟ بۇ ئادەم [ئەيسا] تولا مۆجىزە قىلادۇر» دېگەن (يۇھاننا 11:‏47). نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن لازارنى كۆرگىلى بارغان. نەتىجىدە، كۆپلىگەن كىشىلەر ئەيسا مەسىھكە ئىشەنگەن. ئۇلار مەسىھنىڭ ئاللا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى تىرىك ئىسپات لازار ئارقىلىق كۆردى. مۇشۇ ئىشلار باغرى تاش يەھۇدىي دىنىي يېتەكچىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى روشەن دەلىل-‏ئىسپات بولغاچ، ئاشۇ يېتەكچىلەر ھەزرىتى ئەيسا ۋە لازارنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان. — يۇھاننا 11:‏53؛ 12:‏9-‏11.

پېترۇس دوركاسنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمەكتە

مەسىھنىڭ شاگىرتى پېترۇس، دوركاس ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى ئايالنى تىرىلدۈردى — ئەلچىلەر 9:‏36-‏42

13 ئۇنداقتا، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشىگە ئىشىنىش ئەقىلگە سىغامدۇ؟ شۇنداق سىغىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق تەلىم بەرگەن:‏ شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، «گۆرلەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى» تىرىلدۈرۈلىدۇ (يۇھاننا 5:‏28). يەھۋا پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھاياتلىقنى قايتىدىن يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىش قىيىنمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇلار ئۇنىڭ ئەستە ساقلىشىغا باغلىق. ئۇ بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىزنى ئەسلىيەلەمدۇ؟ ساناپ تۈگەتكۈسىز چەكسىز يۇلتۇزلارنى ئاسمانغا تولدۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىسىم قويغان دەل خۇدا ئەمەسمۇ! (يەشايا 40:‏26). شۇڭا، بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن كىشىلىرىمىز توغرىسىدىكى ھەربىر كىچىك تەپسىلاتلارنى ئەسلەش تەڭرى يەھۋا ئۈچۈن ھېچ ئىش ئەمەس ھەمدە ئۇ ئۇلارنى قايتا ھاياتلىققا قايتۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگە.

14 لېكىن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە نىسبەتەن خۇدا قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب:‏ ئۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە تەشنادۇر دەپ تەلىم بېرىدۇ. ساداقەتمەن پەيغەمبەر ئايۇپ:‏ «ئۆلگەن ئادەم يەنە تىرىلەمدۇر؟» دەپ سورىغان. خۇدانىڭ ئۇنى ئەسلەيدىغان ۋاقىت-‏سائىتى كەلگۈچە ئايۇپ قەبرە ئىچىدە ساقلايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېيتقان. ئايۇپ پەيغەمبەر تەڭرى يەھۋاغا مۇنداق دېگەن:‏ «ۋاقتى كەلسە سەن مېنى قىچقىرار ئىدىڭ مەنمۇ ساڭا جاۋاب بېرەر ئىدىم…سەن بولساڭ قوللىرىڭنىڭ ئىشى بولغاننىڭ ئۆزىنى سېغىنىپ» سەن. — ئايۇپ 14:‏13-‏15.

15 ئويلاپ بېقىڭە! پەرۋەردىگار يەھۋا ھەقىقەتەن ئۆلگەن ئادەملەرنى سېغىنغاچقا، ئۇلارنى ھاياتلىققا قايتۇرۇپ كېلىشكە تەشنادۇر. ئۇنداقتا، يەھۋانىڭ ئۆلگەنلەرنى سېغىنىپ ئۇلارنى ھاياتلىققا قايتۇرۇپ كېلىشكە تەشنا ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۆگىنىش بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى تەسەللىي تاپقۇزمامدۇ؟ بىراق، قىيامەت كۈنىدىكى تىرىلىش قانداق يۈز بېرىدۇ؟ كىملەر تىرىلدۈرۈلىدۇ ۋە قەيەردە؟

«گۆرلەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى»

16 مۇقەددەس كىتابتىكى تىرىلدۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر بىزلەرنى كەلگۈسىدىكى تىرىلدۈرلۈش ھەقىقىدە بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ. ئاشۇ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەنلەر يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئۆز يېقىن كىشىلىرى بىلەن جەم بولىدۇ. كەلگۈسىدىكى تىرىلدۈرلۈشتە يەنە ئۆلۈپ كەتكەن ئۇرۇق-‏تۇغقانلار ۋە دوست-‏بۇرادەرلەر قايتا جەم بولىدۇ. بىز 3-‏بابتا ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، خۇدانىڭ مەقسىتى بولسا پۈتۈن يەرشارىنى بىر جەننەت ماكانغا ئايلاندۇرۇش بولغان. شۇڭلاشقا، ئۆلگەن ئادەملەر تىرىلگەن ۋاقىتتا دۇنيادا ئۇرۇش، جىنايەت ۋە كېسەللىك دېگەنلەر بولمايدۇ. تىرىلگەنلەرنىڭ تىنچلىق ۋە خۇشال-‏خۇراملىققا تولغان مۇشۇ يەرشارىدا مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتى بار بولىدۇ.

17 كىملەر تىرىلدۈرۈلىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا ئەيسا:‏ «گۆرلەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ [ئەيسا] نىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلۇر» ۋە گۆردىن چىقار دېگەن (يۇھاننا 5:‏28، 29). ئوخشاشلا، مۇقەددەس كىتابنىڭ ۋەھىيلەر 20-‏باب 13-‏ئايىتى (ھ.ز.):‏ «دېڭىز ئۆزىدىكى ئۆلۈكلەرنى، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىمۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلۈكلەرنى تاپشۇرۇشتى» دەيدۇ. «ئۆلۈكلەر دىيارى» يەنى ھەيدىس بولسا ئىنسانلارنىڭ گۆرى. (قۇشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ). مۇشۇ گۆردە ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا ئارام ئېلىۋاتقان نەچچە مىليارد ئۆلۈكلەرنىڭ ھەممىسى قايتا ھاياتلىققا ئىگە بولۇپ گۆردە ھېچكىم قالمايدۇ. مۇقەددەس كىتابتا ئەلچى پاۋلۇس:‏ «ياخشىلار بىلەن يامانلار قۇپادۇر» دېگەن (ئەلچىلەر 24:‏15). بۇ نېمە دېگەن گەپ؟

18 «ياخشىلار» — يەنى ھەققانىي ئادەملەر مۇقەددەس كىتابتىكى ئەيسا يەر يۈزىگە كېلىشتىن ئىلگىرى ياشىغان نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، ئۇلار نۇھ، ئىبراھىم پەيغەمبەر، ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارە، مۇسا پەيغەمبەر، تەقۋادار ئاياللاردىن رۇت ۋە ئەستېر ۋە باشقىلار. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 11-‏بابىدا مۇشۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ خۇداغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادى تىلغا ئېلىنغان. كەلگۈسىدە تىرىلدۈرۈلىدىغان ھەققانىي ئادەملەر ھازىر بىز ياشاۋاتقان زاماندا ئۆلۈپ كەتكەن يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى، ئاشۇ تىرىلىش ئۈمىدى بىزنى ئۆلۈمنىڭ قورقۇنچىدىن ئازاد قىلدى. — ئىبرانىيلار 2:‏15.

جەننەتتە، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى تىرىلدۈرۈلۈپ يېقىن كىشىلىرى بىلەن جەم بولىدۇ

جەننەتتە ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىۋاتقان كىشىلەر

19 ئۇنداقتا، يەھۋاغا ئىشەنمىگەن ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلماي ياشىغان بارلىق ئادەملەرچۇ؟ چۈنكى، ئۇلار يەھۋانى تونۇمىغان ياكى ئۆمرىدە ئۇنى تونۇش پۇرسىتى بولمىغان تۇرسا؟ ئۇلار تىرىلدۈرلەمدۇ؟ خۇدا مىلياردلىغان «يامانلار» — يەنى ھەققانىي ئاتالمىغان ئادەملەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇلارمۇ تىرىلدۈرۈلىدۇ. ئۇلارغا ھەق چىن خۇدا توغرىسىدا ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت بېرىلىدۇ. مىڭ يىل داۋامىدا ئۆلۈكلەر تىرىلدۈرۈلۈپ ئۇلارغا يەر يۈزىدىكى ساداقەتمەن كىشىلەرگە قوشۇلۇپ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش پۇرسىتى بېرىلىدۇ. ئاشۇ ئاجايىپ مىڭ يىل ۋاقىتنى مۇقەددەس كىتاب:‏ قىيامەت كۈنى دەپ ئاتايدۇ.#

20 بۇنىڭ مەنىسى دۇنياغا كېلىپ ياشاپ ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىلىدۇ دېگەنلىك بولامدۇ؟ ياق. مۇقەددەس كىتاب:‏ بەزى ئادەملەر ئۆلگەندىن كېيىن «گەھەننا» يەنى ئۇيغۇرچە مۇقەددەس كىتابتا «جەھەننەم» دەپ تەرجىمە قىلىنغان جايدا بولىدۇ دەيدۇ (لۇقا 12:‏5). گەھەننا بولسا قەدىمكى يېرۇسالېمنىڭ شەھەر سىرتىدىكى بىر ئەخلەت دۆۋىسى بولۇپ ئۆلۈكلەر ۋە ئەخلەتلەر ئۇ يەردە كۆيدۈرۈلەتتى. ئۇ يەرگە تاشلانغان ئۆلۈكلەر يەھۇدىيلارنىڭ نەزىردە دەپنە قىلىشقا ۋە تىرىلىشكە مۇناسىپ كەلمەيدۇ دەپ قارىلاتتى. شۇڭا، گەھەننا بولسا مەڭگۈلۈك ھالاك قىلىنىشنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىق سىموۋلى. گەرچە ئەيسا مەسىھ كەلگۈسىدە تىرىكلەر ۋە ئۆلۈكلەرنى سوت قىلىشقا تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئالىي ھۆكۈم قىلغۇچى يەنىلا يەھۋا (ئەلچىلەر 10:‏42). رەزىل ۋە ئۆزگەرمەس دەپ ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنى يەھۋا ھەرگىزمۇ تىرىلدۈرمەيدۇ.

تىرىلىپ ئاسمانغا چىقىش

21 مۇقەددەس كىتاب يەنە بىر خىل تىرىلىشنى تىلغا ئالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تىرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ روھى زات بولۇشتۇر. مۇشۇ خىل تىرىلىشنىڭ مىسالى سۈپىتىدە مۇقەددەس كىتابتا پەقەت بىرلا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.

22 ھەزرىتى ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار يەھۋا ئۆزىنىڭ ساداقەتمەن خىزمەتچىسىنىڭ گۆر ئىچىدە قېلىشىغا يول قويمىغان (زەبۇر 16:‏10؛ ئەلچىلەر 13:‏34، 35). خۇدا ئەيسا مەسىھنى تىرىلدۈرگەن. بىراق، ئىنسان سۈپىتىدە ئەمەس. مەسىھنىڭ شاگىرتى پېترۇس:‏ ئەيسا مەسىھ «جىسىمچە ئۆلتۈرۈلگەن بولسا ھەم روھچە تىرىلگۈزۈلدى» دەپ چۈشەندۈرگەن (1-‏پېترۇس 3:‏18). بۇ ھەقىقەتەن بىر ئاجايىپ مۆجىزە. مەسىھ كۈچ-‏قۇدرەتكە ئىگە روھى زات سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلدى! (1-‏كورىنتلىقلار 15:‏3-‏6). مەسىھ ئەيسا بولسا ئاشۇ شان-‏شەرەپلىك تىرىلىشنى تۇنجى بولۇپ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن (يۇھاننا 3:‏13). بىراق، ئۇ ئەڭ ئاخىرقىسى ئەمەس، يەنە باشقىلارمۇ بار.

23 مەسىھ ئۆزىنىڭ ئاسمانغا قايتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ساداقەتمەن ئەگەشكۈچىلىرىگە:‏ مەن سىلەر ئۈچۈن «جاي راسلىغىلى بارۇرمەن» دەپ ئېيتقان (يۇھاننا 14:‏2). ئاسمانغا چىقىش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلىدىغان كىشىلەرنى، ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ «كىچىك پادىسى» دەپ تىلغا ئالغان (لۇقا 12:‏32). مۇشۇ نىسبەتەن سانى ئازراق بولغان ساداقەتمەن ئېتىقادچىلارنىڭ سانى قانچە؟ مۇقەددەس كىتابنىڭ ۋەھىيلەر 14-‏باب 1-‏ئايىتىدە:‏ «كۆرسەم مانا سىئون تېغى ئۈستىدە قوزا [ئەيسا مەسىھ] تۇرادۇر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆز پېشانىلىرىدە ئۇنىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى پۈتۈكلۈك بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىمەرسە [كىشى] تۇرۇپتۇر» دېيىلگەن.

24 بۇ 144000‎ كىشى، ئەيسا مەسىھنىڭ ساداقەتمەن شاگىرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ئۇلار ئاسماندىكى روھى ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلىدۇ. ئۇلار قاچان تىرىلدۈرۈلىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا ئەلچى پاۋلۇس، ئەيسا پادىشاھ بولۇپ باشقۇرۇغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى خاتىرىلىگەن (1-‏كورىنتلىقلار 15:‏23). بىز دەل ئەيسا پادىشاھ بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان ئاشۇ ۋاقىتتا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى سىز 9-‏بابتا ئۆگىنىسىز. شۇڭا 144000‎ كىشىنىڭ كۆپىنچىلىرى تىرىلدۈرۈلۈپ ئاسماندا روھى ھاياتلىققا ئېرىشتى. لېكىن، قالغان ئاز ساندىكىلىرى ھازىر يەر يۈزىدە ياشاۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ھازىر ئۆلسە، ئاسماندىكى روھى ھاياتلىققا قوشۇلۇپ ياشاش ئۈچۈن دەرھال تىرىلدۈرۈلىدۇ (1-‏كورىنتلىقلار 15:‏51-‏55). بىراق، كۆپ ساندىكى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدە يەر يۈزىدىكى جەننەتتە ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلۈش ئۈمىدى بار.

25 ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگار يەھۋا كەلگۈسىدە بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بولغان ئۆلۈمنى مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە ئۆلۈم مەڭگۈ يوقىلىدۇ! (يەشايا 25:‏8). لېكىن، ‹تىرىلدۈرۈلۈپ ئاسماندا ھاياتلىققا ئېرىشىدىغانلار ئاسماندا نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟› دەپ بىلگىڭىز كېلىشى مۇمكىن. ئۇلار ئاسماندا پادىشاھلىق ھۆكۈمەت ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. بىز ئاشۇ ھۆكۈمەت توغرىسىدا كېيىنكى بابتا تەپسىلىي ئۆگىنىمىز.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • مۇقەددەس كىتابتىكى تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر بىزگە ھەقىقىي ئۈمىد بېرىدۇ. — يۇھاننا 11:‏39-‏44.
  • پەرۋەردىگار يەھۋا ئۆلگەنلەرنى ھاياتلىققا قايتۇرۇپ كېلىشكە تەشنادۇر. — ئايۇپ 14:‏13-‏15.
  • گۆردىكى ئۆلۈكلەرنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ. — يۇھاننا 5:‏28-‏29.

*  باشقا تىرىلدۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر مۇقەددەس كىتابنىڭ:‏ 1-‏پادىشاھلار 17:‏17-‏24؛ 2-‏پادىشاھلار 4:‏32-‏37؛ 13:‏20، 21؛ مەتتا 28:‏5-‏7؛ لۇقا 7:‏11-‏17؛ 8:‏40-‏56؛ ئەلچىلەر 9:‏36-‏42؛ 20:‏7-‏12 ئايەتلىرىدە خاتىرىلەنگەن.

#  قىيامەت كۈنى ۋە سوئال-‏سوراق قىلىنىشىنىڭ ئاساسى توغرىسىدا كۆپرەك تەپسىلاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن قوشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1-3. قانداق دۈشمەن ھەممىمىزنى قوغلايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنىڭ تەلىملىرىنى مۇلاھىزە قىلىش بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە تەسەللىي بېرەلەيدۇ؟

4. (1) نېمە ئۈچۈن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزى يېقىنىنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان ئىنكاسى بىزگە پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ھېسسىياتىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ (2) ئەيسا كىم بىلەن يېقىن دوست بولغان؟

5، 6. (1) ئەيسا، لازارنىڭ ھەسرەت چېكىپ ئازابلىنىۋاتقان ئۇرۇق-‏تۇغقان ۋە دوست-‏بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە بولغاندا، قانداق ھېسسىياتتا بولدى؟ (2) نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ھەسرەت چېكىشى بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە تەسەللىي بېرىدۇ؟

7، 8. نېمە ئۈچۈن ئەتراپتىكى ئاشۇ ئىشلارنى كۆرگۈچىلەر لازاردا ئۈمىد يوق دەپ قارىغان. بىراق، ئەيسا نېمە ئىش قىلدى؟

9، 10. (1) ئەيسا، لازارنى تىرىلدۈرگەندىكى كۈچ-‏قۇدرەتنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (2) مۇقەددەس كىتابتىكى تىرىلدۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى ئوقۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

11. لازارنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك مۇقەددەس كىتابتىكى خاتىرىلەر، ۋەز 9-‏باب 5-‏ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى قانداق ئىسپاتلىدى؟

12. نېمە ئۈچۈن، بىز لازارنىڭ ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلىكىگە جەزم قىلالايمىز؟

13. يەھۋا خۇدانىڭ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە قانداق ئاساسىمىز بار؟

14، 15. ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ دېگەن سۆزىگە قاراپ باقساق، يەھۋا ئۆلۈكلەرنى ھاياتلىققا قايتۇرۇپ كېلىشكە نىسبەتەن قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟

16. كەلگۈسىدە ئۆلگەن ئادەملەر تىرىلگەندە، ئۇلارنىڭ قانداق تۇرمۇش شارائىتى بار بولىدۇ؟

17. كىملەر تىرىلدۈرۈلىدۇ؟

18. كەلگۈسىدە تىرىلدۈرۈلىدىغان «ياخشىلار» — يەنى ھەققانىي ئادەملەر كىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ تىرىلىش ئۈمىدىنىڭ شەخسەن سىز ئۆزىڭىزگە قانداق پايدىسى بار؟

19. كىملەر «يامانلار» — يەنى ھەققانىي ئاتالمىغان ئادەملەر؟ مېھر-‏شەپقەتلىك تەڭرى يەھۋا ئۇلارغا قانداق پۇرسەت بېرىدۇ؟

20. گەھەننا دېگەن نېمە؟ كىملەر ئاشۇ جايغا بارىدۇ؟

21، 22. (1) مۇقەددەس كىتاب قايسى باشقا بىر خىل تىرىلىشنى تىلغا ئالغان؟ (2) كىم تۇنجى بولۇپ تىرىلدۈرۈلۈپ روھى ھاياتلىققا ئىگە بولدى؟

23، 24. ئەيسانىڭ كىچىك پادىسى كىملەر؟ ئۇلارنىڭ سانى قانچە؟

25. كېيىنكى بابتا نېمە توغرىسىدا ئۆگىنىمىز؟