مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى چېكىدۇ؟‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى چېكىدۇ؟‏

 ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە «بارلىق خە‌لقلە‌ردىن شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش»نى بۇ‌يرۇ‌غان (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئۇ شاگىرتلارنى ئە‌ۋە‌تكە‌ندە،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىشنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 10:‏7،‏ 11—‏13‏)‏.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن І-‏ئە‌سىردىكى ئېتىقادچىلار ئاممىۋى ئورۇ‌نلاردا ۋە «ئۆيمۇ-‏ئۆي» خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشنى داۋاملاشتۇ‌رغان ئىدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 5:‏42؛‏ 20:‏20‏)‏.‏ بىزمۇ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ئۈلگە قىلىمىز ۋە ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌زە قىلىشنى ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىتىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى،‏ دە‌پ قارايمىز.‏