مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

85-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ ئېغىلدا تۇغۇلۇشى

85-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ ئېغىلدا تۇغۇلۇشى

بۇ بوۋاق كىم بىلەمسىز؟ شۇنداق، بۇ دەل ئەيسا. ئۇ تېخى ھېلىلا بىر ئېغىلدا تۇغۇلغان. ئېغىل، دېگەن مال-‏چارۋىلارنى باقىدىغان جاي. مەريەم ئەيسانى، كىشىلەر ئېشەكلەر ۋە باشقا مال-‏چارۋىلارغا يەم-‏خەشەكلەرنى بېرىدىغان ئوقۇرغا ياتقۇزۇپ قويغانىدى. بىراق، يۈسۈپ بىلەن مەريەم نېمە ئۈچۈن مال-‏چارۋىلار بىلەن بىللە؟ بۇ جاي بوۋاق بالا تۇغۇلۇشقا قانداقمۇ ماس كەلسۇن!؟

شۇنداق، ئۇ مۇۋاپىق جاي ئەمەس. ئەمما، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە بولۇشىنىڭ سەۋەبى:‏ رىملىق ھۆكۈمران، قەيسەر ئاۋغۇستۇس، ھەممە ئادەمنى نوپۇس تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تۇغۇلغان يۇرتقا قايتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. يۈسۈپ بەيتلەھەمدە تۇغۇلغانىدى. ئۇ مەريەم بىلەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، ئەتراپتا ئۇلار تۇرىدىغان بىر ئۆي تېپىلمىدى. شۇڭا، ئۇلار ئامالسىز مال-‏چارۋىلار بىلەن بىللە تۇرۇش ئۈچۈن بۇ جايغا كەلگەنىدى. دەل بۇ كۈن، مەريەم ئەيسانى تۇغدى! لېكىن سىز كۆرۈپ تۇرغاندەك، بوۋاق ساغلام ئىدى.

يۈسۈپ، مەريەم ۋە بوۋاق ئەيسا

بىرقانچە پادىچىلارنىڭ ئەيسانى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇلار كېچىدە دالادا تۈنەپ، قويلىرىغا قارايتتى. ئۇلار كۈچلۈك نۇرنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆردى. ئەسلىدە ئۇ بىر پەرىشتە ئىدى! پادىچىلار قورقۇپ كەتتى. بىراق، پەرىشتە:‏ «قورقماڭلار! مەن سىلەرنى خۇشال قىلىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىمەن. بۈگۈن بەيتلەھەمدە مەسىھ تۇغۇلدى. ئۇ خەلقنى قۇتقۇزىدۇ! سىلەر ئۇنىڭ زاكىلاقلىق ھالەتتە ئوقۇرغا ياتقۇزۇلغانلىقىنى كۆرىسىلەر»، دېدى. بىردىنلا، نۇرغۇن پەرىشتىلەر كېلىپ، يەھۋا خۇدانى مەدھىيىلەشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، پادىچىلار دەرھال بەيتلەھەمگە ئەيسانى ئىزدەپ ماڭدى. مانا ھازىر ئۇلار ئۇنى تاپقانىدى.

نېمە ئۈچۈن ئەيسا شۇنچە بەك مۇھىم‌؟ ئۇ زادى كىم بىلەمسىز؟ يادىڭىزدا بارمۇ، بۇ كىتابتىكى بىرىنچى ھېكايىدە، يەھۋا خۇدانىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى ھەققىدە ئاڭلىغان ئىدۇق. خۇدا ئاسماندىكى ۋە يەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياراتقاندا، تۇنجى پەرىشتە ياردەم بەرگەنىدى. تۇنجى يارىتىلغان شۇ پەرىشتىنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، خۇددى ئاتا بىلەن ئوغۇلدەك يېقىن ئىدى. خۇدانىڭ ئۇ يېقىن سىردىشى دەل ئەيسا!

دەرۋەقە، پەرۋەردىگار يەھۋا شۇ پەرىشتىنىڭ ھاياتىنى ئاسماندىن مەريەمنىڭ قورسىقىغا يۆتكىگەن. شۇنىڭ بىلەن، خۇددى باشقا بوۋاقلار ئۆز ئانىلىرىنىڭ قورسىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگىنىگە ئوخشاش، مەريەمنىڭ قورسىقىدا بىر بوۋاق ئۆسۈپ يېتىلىشكە باشلىغانىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئەيسا بەيتلەھەمدىكى بىر ئېغىلدا تۇغۇلدى. پەرىشتىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە بەك خۇشاللىققا چۆمۈپ، ئەيسانىڭ تۇغۇلغانلىق خۇش خەۋەرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسىز؟!

لۇقا 2:‏1-‏20.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى ئۇ بوۋاق كىم؟ مەريەم ئۇنى قەيەرگە ياتقۇزۇپ قويغانىدى؟
  • نېمە ئۈچۈن ئەيسا مال-‏چارۋىلار ئېغىلدا تۇغۇلدى؟
  • رەسىمدە، كىملەر ئېغىلغا كىرىپ كەلمەكتە؟ بىر پەرىشتە ئۇلارغا نېمە دېگەن ئىدى؟
  • ئەيسا ئۇ زادى كىم؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • لۇقا 2:‏1-‏20-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانىڭ تۇغۇلۇشى ھەققىدىكى بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن قەيسەر ئاۋغۇستۇسنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ (لۇقا 2:‏1-‏4؛ مىخا 5:‏2)

    قانداق قىلىپ بىر كىشى خۇدانىڭ «يېقىن كۆرگەن بەندىلىرى» قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ؟ (لۇقا 2:‏14؛ مەتتا 16:‏24؛ يۇھاننا 17:‏3؛ ئەلچىلەر 3:‏19؛ ئىبرانىيلار 11:‏6)

    بىر قۇتقۇزغۇچى تۇغۇلغانلىقى سەۋەبلىك، يەھۇدىيەلىك كەمتەر پادىچىلار خۇشال بولۇشقانىدى. ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈندە خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ شاد-‏خۇراملىققا چۆمىشىگە قانداق ئالاھىدە سەۋەب بار؟ (لۇقا 2:‏10، 11؛ ئەفەسلىكلەر 3:‏8، 9؛ ۋەھىيلەر 11:‏15؛ 14:‏6)