مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇقەددەس كىتاب ھېكايىلىرى

مۇقەددەس كىتاب ھېكايىلىرى
ئەيسا بالىلار بىلەن پاراڭلاشماقتا

بۇ كىتابتا يېزىلغاننىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەر ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر. بۇ كىتاب دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ يازمىلارغا ئاساسەن يېزىلغان. بۇ ھېكايىلەر ئاللانىڭ يارىتىشنى باشلىشىدىن تاكى بىزنىڭ كۈنىمىزگىچە بولغان دۇنيا تارىخىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ھەمدە، خۇدانىڭ كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىنى بىزگە بايان قىلىدۇ.

بۇ كىتاب — مۇقەددەس كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە سىزگە چۈشەنچە بېرىدۇ. يەنە مۇقەددەس كىتابتىكى ئادەملەر ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى توغرىسىدا ھەم سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەر يۈزى جەننەتتىكى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتىن ئىبارەت خۇدانىڭ ئىنسانىيەتكە بەرگەن ئاجايىپ ئۈمىدىنى ئاشكارا قىلىدۇ.

بۇ كىتابتا 116 پارچە ھېكايە بار بولۇپ، سەككىز قىسىمغا بۆلۈنگەن. ھەربىر قىسىم باشلىنىشتىن بۇرۇن، شۇ قىسىمنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە بىر بەت چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن. بارلىق ھېكايىلەر تارىخى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلغان. ئىش-‏ۋەقەلەرنىڭ بىر-‏بىرى بىلەن بولغان زىچ باغلىنىشلىقى، شۇلارنىڭ تارىختا قايسى ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ.

ھېكايىلەر ئاددىي سۆز-‏ئىبارىلەر بىلەن يېزىلغان بولۇپ، كۆپلىگەن كىچىك بالىلار ھېكايىلەرنى ئۆزلىرى ئوقۇيالايدۇ. ئاتا-‏ئانا بولغۇچىلار، كىچىك بالىلىرىڭلارنىڭ بىرەيلەننىڭ ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بېرىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ھەتتا نەچچە رەت قايتا-‏قايتا ئاڭلاشنى خالايدىغانلىقىنى بايقايسىلەر. ئەمەلىيەتتە، بۇ چوڭ-‏كىچىك، قېرى-‏ياش ھەممە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇيدىغان كىتاب ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيسىز.

ھەربىر ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئايەتلەر تىلغا ئېلىنغان. بىز سىزنى شۇ ئايەتلەرنى ئوقۇشقا ئۈندەيمىز، چۈنكى ھەربىر ھېكايە شۇ تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەر ئاساسىدا يېزىلغان. 116-‏ھېكايىدىن كېيىنكى بەتلەردە، ھەربىر ھېكايىگە ئۈچۈن تەكرارلاش سوئاللىرى بېرىلگەن. ھەربىر ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئاشۇ سوئاللار ئاساسىدا ھېكايىدىن نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىڭىزنى ئەسلەپ بېقىڭ.

كىچىك بالىلارنىڭ بۇ كىتابتىكى ھېكايىلەرنى چۈشىنەلىشى ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەرنىڭ سۆز-‏جۈملىلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ھەر بىر ھېكايىدىن كېيىن، شۇ ھېكايىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى ئايەتلەر ئاساسىدا يېزىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.