مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

19000 ئايروپىلان بىلەت سوۋغىسى

19000 ئايروپىلان بىلەت سوۋغىسى

2013-‏يىل ئىيۇل ئېيىدا يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يېتەكچى كېڭىشى چەت ئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەخسۇس پېدائىي ۋەز ئېىتقۇچىلار ۋە ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېتقۇچىلارغا [مىسسىئونېرلارغا] خەت ئەۋەتتى.‏ مەزكۇر خەت چەت ئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ 2014-‏يىلدا ۋە 2015-‏يىلىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رايونلوق ۋە خەلقئارالىق ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا يېزىلغان ئىدى.‏

بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى چەت ئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ پەقەتلا چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىشى ئەمەس،‏ بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ياكى دوستلىرى بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىگە مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بېرىش ئىدى.‏ مۇشۇ خەتتە ئۇلارنىڭ بېرىپ-‏كېلىش ئايروپىلان بىلەت ھەقلىرىنى تەشكىلاتنىڭ تۆلەيدىغانلىقى يېزىلغان.‏

گەرچە بۇرۇنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇنلاشتۇرۇشلار قىلىنغان بولسىمۇ،‏ بۇ يىلى ئۆزگىچە بولاتتى.‏ يېتەكچى كېڭەشنىڭ تەلىم بېرىش كومىتېتى يېتەكچىلىكى ئاستىدا،‏ يېڭىدىن بىر بۆلۈم تەشكىللىگەن،‏ دۇنياۋىي باش ئىدارە (‏د.‏ب.‏ئى)‏ سەپەر بۆلۈمى،‏ بىلەتلەرنى ئالدىن-‏ئالا زاكاز قىلىش بىلەن شۇغۇللىناتتى.‏

تەكلىپ قىلىش خېتى ئەۋەتىلگەندىن كېيىن،‏ د.‏ب.‏ئى سەپەر بۆلۈمىگە ئايروپىلان بىلىتى ئۈچۈن ئېھتىياج بولغانلاردىن ئۇچۇر كېلىشكە باشلىدى.‏ 2014-‏يىل يانۋار ئېيىغا قەدەر ئۇچۇر ئەۋەتكەنلەرنىڭ سانى ئۆرلىدى.‏ سەپەر قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەيىنلەنگەن گۇرۇپپا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-‏پۇشقاقلىرىدىكى مەخسۇس تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەر ئۈچۈن سەپەر قىلىش يوللىرىنى ئىزدەپ،‏ ئالدىن-‏ئالا بىلەتلەرنى زاكاز قىلغان.‏

بەزىبىر سەپەر قىلىش يوللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كۆپ كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.‏ بەزى سەپەر قىلغۇچىلار ئىسلاندىيىدىكى رېيكياۋىك شەھىرىدىن بولىۋىيىدىكى كوچابامبا شەھىرىگە بېرىشى كېرەك ئىدى.‏ باشقىلىرى بولسا،‏ يېڭى كالېدونىيىدىكى نۇمېئا شەھىرىدىن ماداگاسكارنىڭ پايتەختى ئانتانانارىۋۇغا بېرىشى كېرەكتى.‏.‏ بىرمۇنچىلىرى پاپۇا-‏يېڭى گۋىنېيىسىدىكى پورت-‏مورسبى شەھىرىدىن سىئاتىلغا (‏ۋاشىنگتون شتاتى،‏ ئا.‏ق.‏ش)‏ ۋە باشقىلىرى،‏ بۇركىنا-‏فاسودىكى ئۇئاگادۇگۇ شەھىرىدىن كانادىدىكى ۋىننىپېگ شەھىرىگە ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپ بارغان.‏

بەش ئادەمدىن ئىبارەت د.‏ب.‏ئى سەپەر بۆلۈمى تەخمىنەن 19000 ئايروپىلان بىلىتىنى ئالدىن-‏ئالا زاكاز قىلدى.‏ د.‏ب.‏ئى سەپەر بۆلۈمى جامائەتلەر مەخسۇس بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئىئانىلەرنى پايدىلىنىپ،‏ ئايروپىلان بىلەتلىرىنى سېتىۋالدى ۋە ئۇلارنى 176 دۆلەتتىكى تەخمىنەن 4300 سەپەر قىلغۇچىلارغا ئەۋەتتى.‏

ئېتىقادچى قېرىنداشلار بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەك مىننەتدار بولدى.‏ مىسسىئونېرلىق خىزمەتتىكى بىر ئەر-‏ئايال:‏ «بۈگۈن بىز شەرقىي-‏جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۆزۈمىز خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەنگەن يەرگە قايتىمىز.‏ تۇغۇلغان يۇرتىمىز ئەنگلىيىگە بېرىشقا ۋە بەش يىلنىڭ ئىچىدە بىرىنچى قېتىم ئائىلىمىز بىلەن يىغىلىشقا ياردەم بەرگىنىڭلار ئۈچۈن سەمىمىي مىننەتدارمىز.‏ بىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قىلىنغان مەزكۇر ئورۇنلاشتۇرۇش بولمىسا،‏ بۇ مۇمكىن بولمايتتى.‏ شۇنىڭ ئۈچۈن،‏ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەممىسىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز»،‏—‏ دەپ خەت يازدى.‏

پاراگۋايدا خىزمەت قىلىۋاتقان مىسسىئونېر مۇنداق يازدى:‏ «مەن ۋە ئايالىم نيۇ-‏جېرسى شتاتىدا (‏ئا.‏ق.‏ش)‏ ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.‏ 2011-‏يىلنىڭ بېشىدا بىز دۇنياۋىي باش ئىدارىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بېرىشقا پىلان قۇردۇق.‏ بىزنىڭ يىققان ئازراق پۇلىمىز بار ئىدى.‏ لېكىن،‏ شۇ يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا بىز پاراگۋايدىكى ئىما-‏ئىشارە تىلى جامائەتلىرىگە يولۇقۇشقا تەكلىپ قىلىندۇق.‏ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سەپەر قىلىش كېرەك ئىدى.‏ كۆپ ئويلانغاندىن كېيىن،‏ بىز ئامېرىكىغا بېرىشنىڭ ئورنىغا،‏ يېڭى خىزمىتىمىزدە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن،‏ ماشىنا سېتىۋېلىشنى قارار قىلدۇق.‏ ئاندىن كېيىن بىز خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندۇق.‏ شۇنداق قىلىپ بىز ئارزۇ-‏ئارمانلىرىمىزغا يەتتۇق!‏ يەھۋانىڭ شۇ ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-‏مۇھەببىتى ئۈچۈن ناھايىتى مىننەتدارمىز».‏

مالاۋىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەر-‏ئايالدىن شۇنداق خەت كەلدى:‏ «بۇ قىسقا خېتىمىزدا كۆپ رەھمەت ئېيتقۇمىز كېلىدۇ.‏ شۇنچىلىك كۆپ سەپەر قىلغۇچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ كۈچ،‏ ۋاقىت ۋە پۇل سەرپ قىلىنغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئۆزى تەس.‏ سىلەرنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن قىلغان ئىشلىرىڭلارغا ۋە ئۆيلىرىمىزگە بېرىپ،‏ خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش ھەم ئائىلىمىز ۋە دوستلىرىمىز بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ مەردلىكىگە ناھايىتى مىننەتدارمىز».‏

د.‏ب.‏ئى سەپەر بۆلۈمىدىكى بۇرادەر-‏قېرىنداشلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان بۇ خىزمەتنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ.‏ مىلېيۋى ئىسىملىك قېرىنداش:‏ «مىسسىئونېرلارغا ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە قايتىشقا ياردەم بەرگىنىمگە بەك خۇشال بولدۇم»،‏—‏دەيدۇ.‏ «بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش تەشكىلاتنىڭ چەت ئەلدە خىزمەت قىلىدىغانلارغا بولغان مېھىر-‏مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشىمگە ھەم ئۇنى قەدىرلەشكە ياردەم بەردى»،‏—‏دەپ قوشۇپ قويدى دورىس ئىسىملىك قېرىنداش.‏ شۇ بۆلۈمگە مەسئۇل بولغان بولغان رودنى ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ:‏ «بۇ ئىشقا قاتنىشىش ھەممىمىزگە كۆپ خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى».‏

پۈتكۈل دۇنيا يۈزىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدا،‏ تىرىشىپ تەر تۆكۈپ،‏ پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان ئەزىز قېرىنداشلىرىغا بۇ سوۋغاتنى قىلىش ئۈچۈن،‏ ئىئانە بېرىش پۇرسىتى بولدى.‏