مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى باشقا دىنلاردىن ئۆزگىچە ئۇ‌سۇ‌لدا خاتىرىلە‌يدۇ؟‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى باشقا دىنلاردىن ئۆزگىچە ئۇ‌سۇ‌لدا خاتىرىلە‌يدۇ؟‏

 بىز ھە‌زرىتى ئە‌يسانى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنى،‏ يە‌نى مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىنى دە‌ل مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك خاتىرىلە‌يمىز (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 11:‏20‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ بۇ خاتىرىلە‌شنى قانداق ئۆتكۈزۈشكە قارىتا كۆپلىگە‌ن دىنى مە‌زھە‌پلە‌رنىڭ تە‌لىملىرى ۋە ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانمىغان.‏

مە‌قسىتى

 ھە‌زرىتى ئە‌يسانى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنىنىڭ مە‌قسىتى —‏ ئە‌يسانىڭ ئۆزىنى بىز ئۈچۈن قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌نلىكىگە مىننە‌تدارلىقىمىزنى كۆرسىتىش (‏مە‌تتا 20:‏28؛‏ كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 11:‏24‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش داستىخىنى گۇ‌ناھلارنىڭ كە‌چۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي مۇ‌راسىم ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ گۇ‌ناھلىرىمىز دىنىي مۇ‌راسىم ئارقىلىق ئە‌مە‌س،‏ پە‌قە‌ت ئە‌يساغا ئىشىنىش ئارقىلىق كە‌چۈرۈلىدۇ (‏رىملىقلارغا 3:‏25؛‏ يۇ‌ھاننانىڭ 1-‏خېتى 2:‏1،‏ 2‏)‏.‏

يىلىغا قانچە قېتىم؟‏

 ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌شنى بۇ‌يرۇ‌غان.‏ لېكىن،‏ بۇ كە‌چلىك خاتىرىلە‌شنى داستىخىنىنى يىلىغا قانچە قېتىم ئۆتكۈزۈش كېرە‌كلىكىنى ئېيتمىغان (‏لۇ‌قا 22:‏19‏)‏.‏ بە‌زىلە‌ر ئۇ‌نى ھە‌ر ئايدا،‏ ھە‌ر ھە‌پتىدە،‏ ھە‌ر كۈنى ياكى كۈنىگە بىر نە‌چچە قېتىم،‏ ياكى بولمىسا ئادە‌م قانچە قېتىم ھاجە‌ت دە‌پ ئويلىسا،‏ شۇ‌نچە قېتىم ئۆتكۈزۈش كېرە‌ك،‏ دە‌پ قارايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىرنە‌چچە نە‌رسىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌ش كېرە‌ك.‏

 ئە‌يسا شۇ كە‌چلىك داستىخاننى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى بولغان كۈنىدە ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان ۋە دە‌ل شۇ كۈنى ئۆلتۈرۈلگە‌ن (‏مە‌تتا 26:‏1،‏ 2‏)‏.‏ بۇ تاسادىپىي ۋە‌قە ئە‌مە‌س ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قوزىسى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏7،‏ 8‏)‏.‏ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى يىلىغا بىر قېتىم تە‌برىكلە‌نگە‌ن (‏چىقىش 12:‏1—‏6؛‏ لاۋىيلار 23:‏5‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىمۇ كە‌چلىك داستىخىنىنى يىلىغا بىر قېتىم ئۆتكۈزگە‌ن.‏ بۈگۈن كۈندە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى شۇ ئۈلگە بويىچە ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ.‏

كۈنى بىلە‌ن ۋاقتى

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ياردىمى بىلە‌ن كە‌چلىك خاتىرىلە‌ش داستىخىنىنى قايسى كۈنى ۋە قايسى ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈش كېرە‌كلىكىنى ئېنىقلاشقا بولىدۇ.‏ ئە‌يسا خاتىرىلە‌ش داستىخىنىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاي كالېندارى بويىچە،‏ مىلادى 33-‏يىلنىڭ 14-‏نىسان كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن ئويۇ‌شتۇ‌رغان (‏مە‌تتا 26:‏18—‏20،‏ 26‏)‏.‏ بىز دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ،‏ كە‌چلىك خاتىرىلە‌شنى ھە‌ر يىلى 14-‏كۈنى ئۆتكۈزۈمىز.‏

 مىلادى 33-‏يىلى،‏ 14-‏نىسان جۈمە كۈنى بولغان بولسىمۇ،‏ بۇ كۈن ھە‌ر يىلى ھە‌پتىنىڭ ئوخشىمايدىغان كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.‏ بىز 14-‏نىسان كۈنى مە‌زكۈر يىلنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانىقىنى زامانىۋىي ئىبرانىي كالېندارى بويىچە ئە‌مە‌س،‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدىكى ئۇ‌سۇ‌ل بويىچە ئېنىقلايمىز a‏.‏

نان بىلە‌ن شاراپ

 يېڭى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن قالغان پېتىر نان بىلە‌ن قىزىل شاراپنى ئىشلە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 26:‏26—‏28‏)‏.‏ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىپ،‏ بىزمۇ خېمىرتۇ‌رۇ‌چسىز ۋە ھېچنە‌رسە قوشۇ‌لمىغان ناننى،‏ يە‌نە ئۈزۈم شىرنىسىنى ياكى تاتلىق،‏ كۈچە‌يتىلگە‌ن ۋە بىرە‌ر نە‌رسە قوشۇ‌لغان شاراپنى ئە‌مە‌س،‏ تازا قىزىل شاراپنى ئىشلىتىمىز.‏

 بە‌زى دىنىي مە‌زھە‌پلە‌ر خېمىرتۇ‌رۇ‌چ قوشۇ‌لغان ناننى ئىشلىتىدۇ،‏ لېكىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خېمىرتۇ‌رۇ‌چ ھە‌مىشە گۇ‌ناھ ياكى چېرىكلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان (‏لۇ‌قا 12:‏1؛‏ كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏6—‏8؛‏ گالاتىلىقلارغا 5:‏7—‏9‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ پە‌قە‌ت خېمىرتۇ‌رۇ‌چسىز ياكى ھېچنە‌رسە قوشۇ‌لمىغان نانلا مە‌سىھنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل تېنىنىڭ سىمۋولى بولالايدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏22‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانمىغان يە‌نە بىر ئادە‌ت —‏ شاراپنىڭ ئورنىغا ئېچىمىغان ئۈزۈم شىرنىسىنى ئىشلىتىش.‏ بە‌زى دىنىي مە‌زھە‌پلە‌ر شۇ‌نداق قىلىدۇ،‏ سە‌ۋە‌بى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانمايلا،‏ ئېچىتىلغان ئىسپىرتلىق ئىچىملىكنى مە‌نئىي قىلغان (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 5:‏23‏)‏.‏

ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى تە‌ن بىلە‌ن قان ئە‌مە‌س،‏ سىمۋولدۇ‌ر

 خاتىرىلە‌ش داستخىنىدا ئىشلىتىلىدىغان پېتىر نان بىلە‌ن قىزىل شاراپنى ئە‌يسانىڭ تېنى بىلە‌ن قېنىغا سىمۋول قىلىنغان.‏ ئۇ‌لار بە‌زىلە‌ر ئويلايدىغاندە‌ك،‏ مۆجىزىلىك ھالدا ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى ئە‌يسانىڭ تە‌ن بىلە‌ن قېنىغا ئايلانمايدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن ئىسپات كە‌لتۈرە‌يلى.‏

  •   ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىنى قېنىنى ئىچىشكە بۇ‌يرۇ‌سا،‏ خۇ‌دانىڭ قاننى يېمە‌سلىك ھە‌ققىدىكى قانۇ‌نىنى بۇ‌زۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان بولاتتى (‏يارىتىلىش 9:‏4؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 15:‏28،‏ 29‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌نداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسا ھە‌رگىزمۇ باشقىلارغا قاننىڭ مۇ‌قە‌ددە‌سلىكىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىنى بۇ‌زۇ‌شقا بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رمە‌يدۇ (‏يۇ‌ھاننا 8:‏28،‏ 29‏)‏.‏

  •   ئە‌لچىلە‌ر ئە‌يسانىڭ قېنىنى ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە ئىچە‌لمە‌س ئىدى،‏ چۈنكى ئۇ تىرىك بولغان ۋە ئۇ‌نىڭ قېنى تېخى تۆكۈلمىگە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 26:‏28‏)‏.‏

  •   ئە‌يسا «بىر قېتىم» قۇ‌ربانلىق ئە‌كە‌لدى (‏ئىبرانىيلارغا 9:‏25،‏ 26‏)‏.‏ مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنى ئۆتكۈزۈلگە‌ندە،‏ ھە‌ر قېتىم نان بىلە‌ن شاراپ ئە‌يسانىڭ ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى تېنى بىلە‌ن قېنىغا ئايلانغان بولسا،‏ ئۇ‌لارغا ئېغىز تە‌ككە‌نلار ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىقىنى قايتا-‏قايتا ئە‌كە‌لگە‌ن بولاتتى.‏

  •   ئە‌يسا «مېنى قۇ‌ربان قىلىش ئۈچۈن» ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى «بۇ‌نى مېنى ئە‌سلە‌ش ئۈچۈن قىلىڭلار»،‏ دېگە‌ن (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 11:‏24‏)‏.‏

 نان بىلە‌ن شاراپ ئە‌يسانىڭ ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى تېنى بىلە‌ن قېنىغا ئايلىنىدۇ،‏ دە‌پ ئىشىنىدىغانلار بۇ تە‌لىمنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى ئايە‌تلىرىگە ئاساسلانغان،‏ دېيىشىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌يغۇ‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب جە‌مئىيىتىنىڭ تە‌رجىمىسىدە،‏ ئە‌يسا شاراپنى ئېلىپ:‏ «بۇ مېنىڭ .‏.‏.‏ قېنىمدۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 26:‏28‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىنى «مېنىڭ قېنىمنى بىلدۈرىدۇ» ياكى «بۇ قېنىمنىڭ سىمۋولى»،‏ دە‌پمۇ تە‌رجىمە قىلىشقا بولىدۇ.‏ ئە‌يسا ئۆز ئادىتى بويىچە،‏ ئوخشىتىش ياكى سېلىشتۇ‌رۇ‌شنى قوللانغان (‏مە‌تتا 13:‏34،‏ 35‏)‏.‏

كىملە‌ر ئېغىز تېگىدۇ؟‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى كە‌چلىك خاتىرىلە‌ش داستىخىنىنى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار ئارىسىدىكى بە‌زىلە‌ر نان بىلە‌ن شاراپقا ئېغىز تە‌ككۈزىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

 يە‌ھۋا خۇ‌دا قە‌دىمقى ئىسرائىل خە‌لقى بىلە‌ن تۈزگە‌ن ئە‌ھدىسىنىڭ ئورنىغا،‏ ئە‌يسانىڭ تۆكۈلگە‌ن قېنى ئاساسىدا «يېڭى ئە‌ھدە» تۈزگە‌ن (‏ئىبرانىيلارغا 8:‏10—‏13‏)‏.‏ خاتىرىلە‌ش داستىخىنىدىكى سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىدىكى نان ۋە شاراپلارغا بۇ يېڭى ئە‌ھدىنى تۈزگە‌نلە‌ر ئېغىز تە‌ككۈزىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا بارچە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئە‌مە‌س،‏ پە‌قە‌ت ئالاھىدە تۈردە «چاقىرىلغانلارلا» كىرىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 9:‏15؛‏ لۇ‌قا 22:‏20‏)‏.‏ بۇ ئادە‌ملە‌ر ئاسماندا ئە‌يسا بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ بۇ شان-‏شە‌رە‌پكە پە‌قە‌ت 144000 ئادە‌م ئېرىشىدۇ (‏لۇ‌قا 22:‏28—‏30؛‏ ۋە‌ھىي 5:‏9،‏ 10؛‏ 14:‏1،‏ 3‏)‏.‏

 ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلار «كىچىك پادا» بولسا،‏ يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاشقا ئۈمىدى بار «زور بىر توپ» خالايىقنى تە‌شكىل قىلىدۇ (‏لۇ‌قا 12:‏32؛‏ ۋە‌ھىي 7:‏9،‏ 10‏)‏.‏ يە‌ردە ياشاش ئۈمىدى بارلار خاتىرىلە‌ش داستىخىنىدىكى نان ۋە شاراپقا ئېغىز تە‌ككۈزمىسىمۇ،‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌ممىمىز ئۈچۈن بە‌رگە‌ن قۇ‌ربانلىقىغا مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارمۇ مۇ‌شۇ يىغىلىشقا قاتنىشىدۇ (‏يۇ‌ھاننانىڭ 1-‏خېتى 2:‏2‏)‏.‏

a يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ زامانىۋىي كالېندارىدا،‏ ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ئۇ‌سۇ‌لى بويىچە يېڭى ئاي چىققاندا،‏ نىسان ئېيى باشلىنىدۇ.‏ لېكىن،‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ئۇ‌نداق پە‌ن-‏تېخىنكا قوللىنىلمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ يېرۇ‌سالېمدا يېڭى ئاي كۆرۈنگە‌ندە،‏ نىسان ئېيى باشلانغان.‏ بۇ بولسا —‏ ئاسترونومىيلىك يېڭى ئاينىڭ چىقىشىدىن بىر ياكى بىرنە‌چچە كۈن كېيىن بولىدۇ.‏ بۇ پە‌رق —‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ كە‌چلىك خاتىرىلە‌ش داستىخىنى بىلە‌ن ھازىرقى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ھە‌ردائىم ماس كە‌لمە‌يدىغانلىقىنىڭ بىر سە‌ۋە‌بى.‏