مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تېببىي داۋالاشنى قوبۇ‌ل قىلامدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تېببىي داۋالاشنى قوبۇ‌ل قىلامدۇ؟‏

 ئە‌لۋە‌تتە،‏ قوبول قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تېىببىي داۋالاش ۋە دورىلارنى ئىشلىتىشكە قارشى ئە‌مە‌س.‏ گە‌رچە بىز سالامە‌تلىكىمىزگە كۆڭۈل بولۇ‌پ،‏ ئۆزىمىزنى ئاسرىساقمۇ،‏ بە‌زىدە بىز دوختۇ‌رغا مۇ‌ھتاج بولىمىز (‏لۇ‌قا 5:‏31‏)‏.‏ І-‏ئە‌سىردە ياشىغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى لۇ‌قاغا ئوخشاش،‏ بە‌زى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دوختۇ‌رلۇ‌ق كە‌سپى بىلە‌ن شوغۇ‌للىنىدۇ (‏كولوسىلىقلارغا 4:‏14‏)‏.‏

 ئە‌مما،‏ بە‌زى داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا قارشى بولغاچ،‏ بىز ئۇ‌لارنى رە‌ت قىلىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز قان سېلىشنى قوبۇ‌ل قىلمايمىز،‏ سە‌ۋە‌بى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ساقلاش ئۈچۈن تە‌نگە قان سالدۇ‌رۇ‌شنى مە‌نئىي قىلىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏20‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب داخانلىق قىلىش بىلە‌ن داۋالايدىغان ئۇ‌سۇ‌للارنىمۇ مە‌نئىي قىلىدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏19—‏21‏)‏.‏

 لېكىن،‏ كۆپلىگە‌ن تېببىي داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىغا قارشى ئە‌مە‌س.‏ ھە‌ر قانداق كىشى قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا داۋالىنىشنى ئۆزى تاللايدۇ.‏ بىر گۇ‌ۋاھچى مە‌لۇ‌م بىر داۋالاش ئۇ‌سۇ‌لىنى قوبۇ‌ل قىلىشنى قارار قىلسا،‏ باشقا بىر گۇ‌ۋاھچى ئۇ‌نى رە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏5‏)‏.‏