مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى باشقا دىنلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌مدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى باشقا دىنلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌مدۇ؟‏

 بىز ئادە‌ملە‌رنىڭ دىنىغا قارىماي،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمە‌تلە‌ڭلار»،‏ دېگە‌ن مە‌سلىھىتكە ئە‌مە‌ل قىلىمىز (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏17‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە نە‌چچە يۈز مىڭلىغان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بار.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ بىز ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرىغا ۋە قانۇ‌ن تۈزگۈچىلە‌رگە بېسىم قىلىپ،‏ باشقا دىنلارنىڭ ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىنى چە‌كلە‌شكە ھە‌رىكە‌ت قىلدۇ‌رۇ‌شقا ئۇ‌رۇ‌نمايمىز.‏ ھە‌مدە ئە‌خلاقىي ۋە دىنىي كۆزقاراشلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن قانۇ‌ن سۈپىتىدە يولغا قويۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلىپ نامايىش قىلمايمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ باشقىلار بىزنى ھۆرمە‌تلىشى ئۈچۈن،‏ بىزمۇ ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز (‏مە‌تتا 7:‏12‏)‏.‏