مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

ئىلىم-‏پە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئۇ‌يغۇ‌ن كېلە‌مدۇ؟‏

ئىلىم-‏پە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئۇ‌يغۇ‌ن كېلە‌مدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى جاۋاب

 ھە‌ئە،‏ ئۇ‌يغۇ‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ئىلىم-‏پە‌ن كىتابى بولمىسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭدا ئىلىم-‏پە‌نگە ماس كېلىدىغان نە‌رسىلە‌ر يېزىلغان.‏ ئىلىم-‏پە‌ن ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزئارا بىر-‏بىرىگە ئۇ‌يغۇ‌ن كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بە‌زى مىساللارغا دىققە‌ت قىلىڭ.‏ شۇ‌نداقلا قە‌دىمدە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار يېزىلغان زامانلاردا ياشىغان ئىنسانلارنىڭ كۆزقاراش ۋە چۈشە‌نچىلىرىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئىلىم-‏پە‌نگە ئۇ‌يغۇ‌ن دە‌لىللە‌ردىن پە‌رقلىق بولغانلىقىغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كائىناتنىڭ باشلىنىشى بولغان دە‌يدۇ (‏يارىتىلىش 1:‏1‏)‏.‏ لېكىن،‏ كۆپلىگە‌ن قە‌دىمقى ئە‌پسانە-‏رىۋايە‌تلە‌ردە،‏ كائىناتنىڭ يارىتىلغانلىقى ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىنچە ئۆز-‏ئۆزىدىن پە‌يدا بولغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ بابىلونلۇ‌قلار كائىناتنى ياراتقان ئىلاھلار ئىككى ئوكياندىن كېلىپ چىققانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ باشقا ئە‌پسانە-‏رىۋايە‌تلە‌ردە بولسا،‏ كائىنات يوغان بىر تۇ‌خۇ‌مدىن پە‌يدا بولغان دە‌پ ھېكايە قىلىنغان.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ كائىنات نامە‌لۇ‌م بىر ئىلاھلارنىڭ خاھىشى بويىچە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى تە‌بىئە‌تنىڭ قانۇ‌نىيە‌تلىرى بويىچە ھە‌رىكە‌تلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ (‏ئايۇ‌پ 38:‏33؛‏ يە‌رە‌مىيا 33:‏25‏)‏.‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى خە‌لقلە‌ر ئارىسىدىكى رىۋايە‌تلە‌ر،‏ ئىلاھلارنىڭ ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان ۋە ھە‌تتا بە‌زىدە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىزلىكى ئالدىدا،‏ ئىنسانلار بە‌ك ئاجىز دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ يە‌ر شارى كائىناتتا بوشلۇ‌ققا ئېسىپ قويۇ‌لغان دە‌يدۇ (‏ئايۇ‌پ 26:‏7‏)‏.‏ قە‌دىمدە ياشىغان كۆپلىگە‌ن ئىنسانلار يە‌ر تۈز تە‌كشىلىكتە ۋە يوغان بىر نە‌رسە ياكى ھايۋاننىڭ،‏ مە‌سىلە‌ن بۇ‌قا ياكى تاشپاقىنىڭ ئۈستىدە تۇ‌رىدۇ دە‌پ ئىشە‌نگە‌ن.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ دېڭىز-‏ئوكيانلاردىن ۋە باشقا مە‌نبە‌لە‌ردىن ھورغا ئايلانغان سۇ‌لار ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ،‏ يامغۇ‌ر،‏ قار ۋە مۆلدۈر ھالىتىدە،‏ يە‌رگە قايتىپ چۈشۈپ،‏ دە‌ريالار ۋە بۇ‌لاقلارنى تولدۇ‌رىدۇ دە‌يدۇ (‏ئايۇ‌پ 36:‏27،‏ 28؛‏ ۋە‌ز 1:‏7؛‏ يە‌شايا 55:‏10؛‏ ئاموس 9:‏6‏)‏.‏ قە‌دىمقى گرېكلار بولسا،‏ دە‌ريالار يە‌ر ئاستىدىكى دېڭىز سۇ‌لىرى بىلە‌ن تولدۇ‌رۇ‌لىدۇ دە‌پ ئويلىغان.‏ بۇ كۆزقاراش 18-‏ئە‌سىرگىچە داۋام قىلغان.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تازلىق قائىدىلىرى كىشىلە‌رنىڭ تە‌ن-‏سالامە‌تلىكىنى ھىمايە قىلىدۇ.‏ ئىسرائىل خە‌لقىگە بېرىلگە‌ن تە‌ۋرات قانۇ‌نىدا‏،‏ بىر جە‌سە‌تكە قول تە‌ككۈزگە‌ندىن كېيىن يۇ‌يۇ‌نۇ‌ش،‏ يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌لگە گىرىپتار بولغان كىشىنى كارانتىن قىلىش ۋە ئىنسانلارنىڭ تە‌رە‌تلىرىنى يە‌رگە كۆمۈۋېتىش كېرە‌ك دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌قلار بار (‏لاۋىيلار 11:‏28؛‏ 13:‏1—‏5؛‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 23:‏13‏)‏.‏ بىراق،‏ بۇ بۇ‌يرۇ‌قلار بېرىلگە‌ن ۋاقىتتا،‏ مىسىردا كىشىنىڭ ئوچۇ‌ق يارىسىغا ئىنساننىڭ تە‌رە‌تلىرى قوشۇ‌لغان ئارلاشمىلارنى چاپلاپ داۋالاش تە‌ۋسىيە قىلىنغان.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىلىم-‏پە‌نگە ماس كە‌لمە‌يدىغان خاتالىقلار بارمۇ؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى پۇ‌ختا تە‌تقىق قىلساق،‏ بۇ‌نداق خاتالىقلارنى تاپالمايمىز.‏ تۆۋە‌ندە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىلىم-‏پە‌نگە ئۇ‌يغۇ‌ن ئە‌مە‌س دە‌يدىغان كە‌ڭ تارقالغان بە‌زى ناتوغرا كۆز قاراشلار بار:‏

 ناتوغرا كۆزقاراش:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا كائىنات 24 سائە‌ت ۋاقىتنى بىرلىك قىلغان 6 كۈن ئىچىدە يارىتىلغان دە‌پ يېزىلغان.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ خۇ‌دا كائىناتنى قانچە ئۇ‌رۇ‌ن ۋاقىت ئىچىدە ياراتقانلىقى ئېنىق يېزىلمىغان (‏يارىتىلىش 1:‏1‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يارىتىلىش كىتابىنىڭ 1-‏بابىدا تىلغا ئېلىنغان يارىتىلىش كۈنلىرى ياكى دە‌ۋىرلىرى قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت داۋاملاشقانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلمىگە‌ن.‏ قىزىقارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ يە‌ر ۋە ئاسمان يارىتىلغان دە‌ۋىر،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «كۈن» دە‌پ تىلغا ئېلىنغان (‏يارىتىلىش 2:‏4‏)‏.‏

 ناتوغرا كۆزقاراش:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ فوتوسىنتېزغا ياردە‌م بېرىدىغان قۇ‌ياش پە‌يدا بولۇ‌شتىن بۇ‌رۇ‌ن ئۆسۈملۈكلە‌ر يارىتىلغان دە‌پ دە‌يدۇ (‏يارىتىلىش 1:‏11،‏ 16‏)‏.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ ئاسماندىكى يۇ‌لتۇ‌زلارنىڭ بىرى بولغان قۇ‌ياش يارىتىلغاندىن كېيىن،‏ ئۆسۈملۈكلە‌ر يارىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان (‏يارىتىلىش 1:‏1‏)‏.‏ قۇ‌ياش چاچقان نۇ‌ر يارىتىلىشنىڭ بىرىنچى «كۈنى» ياكى دە‌ۋرىدە يە‌ر يۈزىگە يېتىپ كە‌لگە‌ن.‏ يارىتىلىشنىڭ ئۈچىنچى «كۈنىگە» كە‌لگە‌ندە،‏ ئاتموسفېرا بارغانسېرى تازلانغاچ،‏ يە‌ر يۈزىدە فوتوسىنتېزنىڭ باشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يورۇ‌قلۇ‌ق يېتە‌رلىك دە‌رىجىدە پە‌يدا بولغان ئىدى (‏يارىتىلىش 1:‏3—‏5،‏ 12،‏ 13‏)‏.‏ بىراق،‏ كېيىنرە‌ك قۇ‌ياش يە‌ر يۈزىدىن ئېنىق كۆرۈنگە‌ن (‏يارىتىلىش 1:‏16‏)‏.‏

 ناتوغرا كۆزقاراش:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قۇ‌ياش يە‌ر يۈزىنى مە‌ركە‌ز قىلىپ ئايلىنىدۇ دە‌پ ئېيتىلغان.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ ۋە‌ز 1:‏5-‏ئايە‌تتە‏:‏ «كۈن چىقىدۇ،‏ كۈن پاتىدۇ؛‏ ۋە چىقىدىغان جايغا قاراپ يە‌نە ئالدىراپ ماڭىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بىراق،‏ بۇ ئايە‌ت يە‌ر يۈزىدە تۇ‌رۇ‌پ قارىغاندا،‏ قۇ‌ياشنىڭ قانداق ھە‌رىكە‌تلىنىدىغانلىقىنى تە‌سۋىرلە‌يدۇ.‏ گە‌رچە يە‌ر شارىنىڭ قۇ‌ياشنى مە‌ركە‌ز قىلىپ ئايلىنىشىنى ئېنىق بىلسە‌كمۇ،‏ «كۈن چىقىدۇ» ۋە «كۈن پاتىدۇ» دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارىلە‌رنى ئىشلىتىمىز.‏

 ناتوغرا كۆزقاراش:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ر شارى تۈز تە‌كشى شە‌كلىدە دە‌پ ئېيتىلغان.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «يە‌ر-‏زېمىننىڭ چە‌تلىرىگىچە» دېگە‌ن ئىبارە بار.‏ بىراق،‏ بۇ ئىبارە يە‌ر شارىنىڭ تە‌كشى ۋە ئۇ‌نىڭ چېتى بار ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 1:‏8‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «يە‌ر يۈزىنىڭ تۆت تە‌رىپىدىن» دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارە،‏ پۈتكۈل يە‌ر يۈزى دېگە‌ن مە‌نىگە ئىگە (‏يە‌شايا 11:‏12؛‏ لۇ‌قا 13:‏29‏)‏.‏

 ناتوغرا كۆزقاراش:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ چە‌مبە‌رنىڭ ئۇ‌زۇ‌نلىقى دە‌ل ئۇ‌نىڭ دىئامېترىنىڭ 3 ھە‌سسىگە تە‌ڭ دېيىشىدۇ.‏ لېكىن،‏ توغرا قىممىتى (‏π)‏«پى»غا،‏ يە‌نى تە‌خمىنە‌ن 3،‏ 1416 سانىغا تە‌ڭ.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ پادىشاھلار 1-‏يازما 7:‏23؛‏ تارىخنامە 2-‏يازما 4:‏2-‏ئايە‌تلە‌ردە كە‌لتۈرۈلگە‌ن «مىستىن «دېڭىز» دە‌پ ئاتالغان يوغان داسنىڭ» دىئامېتىرى 10 كۇ‌ب ياكى گە‌ز ئىدى.‏ «ئۇ‌نىڭ بىر گىرۋىكىدىن يە‌نە بىر گىرۋىكىگىچە ئون گە‌ز كېلە‌تتى.‏ ئۇ‌نىڭ ئايلانمىسى ئوتتۇ‌ز گە‌ز ئىدى».‏ بۇ ئۆلچە‌ملە‌ر قارىماققا تە‌خمىنە‌ن قىممە‌ت.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مىس دېڭىزنىڭ قېلىن-‏نىپىزلىكى بار،‏ بە‌لكىم ئايە‌تتە «دېڭىزنىڭ» تاشقى گىرۋىكىنىڭ دىئامېتىرى بىلە‌ن ئىچكى ئايلانما ئۇ‌زۇ‌نلىقى ئۆلچە‌نگە‌ندىكى قىممە‌ت تىلغا ئېلىنغان.‏