مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

ئە‌يسا —‏ ئۇ خۇ‌دامۇ؟‏

ئە‌يسا —‏ ئۇ خۇ‌دامۇ؟‏

نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۈچ بىرلىك تە‌لىماتىنى خرىستىئان دىنلىرىنىڭ ئە‌ڭ ئاساسىي تە‌لىماتى دە‌پ قارايدۇ.‏ ئۈچ بىرلىك تە‌لىماتىغا ئاساسلانغاندا،‏ ئاتا،‏ ئوغۇ‌ل ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھتىن ئىبارە‌ت ئۈچ روھىي شە‌خس بىر خۇ‌دادۇ‌ر.‏ كاردىنال جون ئوكوننور ئۈچ بىرلىك تە‌لىماتى ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ تە‌لىماتنىڭ يوشۇ‌رۇ‌ن سىر ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز ھە‌م ئە‌سلا ئۇ‌نى تولۇ‌ق چۈشە‌نمە‌يمىز».‏ نېمە ئۈچۈن ئۈچ بىرلىك تە‌لىماتىنى چۈشىنىش شۇ‌نچە قىيىن؟‏

بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بلىرىنىڭ بىرى بىر لۇ‌غە‌تتە مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھېچ بىر ئايىتىدە ئۈچ بىرلىك تە‌لىماتىغا ئېنىقلىما بېرىلمىگە‌چ،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانمىغان» (‏«‏The Illustrated Bible Dictionary‏»)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ بۇ تە‌لىماتقا ئىشە‌نگە‌نلە‌ر ئۇ‌نىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نى تە‌ستىقلايدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌رنى قايتا-‏قايتا ئىزدە‌شكە ئۇ‌رۇ‌نىدۇ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنى بۇ‌رمىلايدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌ر ئۈچ بىرلىك تە‌لىماتىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلامدۇ؟‏

دائىم ناتوغرا چۈشە‌ندۈرۈلىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌ردىن بىرى يۇ‌ھاننا 1:‏1-‏ئايە‌تتۇ‌ر.‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب جە‌مئىيىتىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇ‌يغۇ‌رچە تە‌رجىمىسىدە» بۇ ئايە‌تتە مۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ «دە‌سلە‌پتە سۆز بار ئىدى،‏ سۆز خۇ‌دا [گرېكچە،‏ تون تېئون‏] بىلە‌ن بىللە ئىدى ۋە سۆز بىر ئىلاھ [‏تېئوس‏] ئىدى» (‏يۇ‌ھاننا 1:‏1‏)‏.‏ بۇ ئايە‌تتە،‏ تېئوس (‏«خۇ‌دا»)‏ دېگە‌ن گرېك سۆزىنىڭ ئىككى شە‌كلى ئىشلىتىلىدۇ.‏ تېئون سۆزىنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل تون بولغاچ،‏ تېئون ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دانى كۆرسىتىدۇ.‏ تېئوس سۆزىنىڭ ئالدىدا بولسا،‏ ئېنىق ئارتىكىل يوق.‏ خاتالىق يۈز بېرىپ،‏ بۇ يە‌ردىكى ئېنىق ئارتىكىل يېزىلماي قالغانمىدۇ؟‏

نېمە ئۈچۈن ئۈچ بىرلىك تە‌لىماتىنى چۈشىنىش شۇ‌نچە قىيىن؟‏

يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر قە‌دىمقى گرېك ئورتاق تىلى كوينې دە‌پمۇ ئاتالغان تىلىدا يېزىلغان.‏ بۇ تىلدا ئېنىق ئارتىكىلنى ئىشلىتىشنىڭ قائىدىلىرى بولغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسى ئارچىبالد توماس روبېرتسوننىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئە‌گە‌ر جۈملىدە ئىگە ۋە پېئىلنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل تۇ‌رسا،‏ شۇ جۈملىنىڭ ئە‌زالىرى «بىر-‏بىرىگە باراۋە‌ر ۋە بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئالماشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ».‏ بۇ‌نىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە،‏ ئۇ مە‌تتا 13:‏38-‏ئايە‌تنى نە‌قىل كە‌لتۈردى.‏ بۇ ئايە‌تتە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ ئېتىز [گرېكچە،‏ خو ئاگروس‏]—‏ بۇ دۇ‌نيا [گرېكچە،‏ خو كوسموس‏].‏ «ئېتىز» ۋە «دۇ‌نيا» سۆزلىرىنىڭ ئالدىدا خو دېگە‌ن ئارتىكىل تۇ‌رىدۇ.‏ گرامماتىكا شۇ‌نى كۆرسىتىدۇ‌كى،‏ ئېتىز بىلە‌ن دۇ‌نيا بىرخىل نە‌رسىنى بىلدۈرىدۇ.‏

ئە‌گە‌ردە يۇ‌ھاننا 1:‏1-‏ئايە‌تكە ئوخشاش،‏ ئىگە ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل بولسا،‏ لېكىن پېئىل ئالدىدا ئارتىكىل بولمىسىچۇ؟‏ بۇ ئايە‌تنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌پ،‏ جېيمىس ئالېن خيۇ‌ئېنت شۇ‌نى تە‌كىتلە‌يدۇ:‏ «بۇ‌نداق سۆز قۇ‌رۇ‌لمىسىدا ئىگە ۋە پېئىل بىر-‏بىرىگە باراۋە‌ر ئە‌مە‌س ۋە بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئالماشتۇ‌رۇ‌لمايدۇ».‏

خيۇ‌ئېنت بۇ‌نى چۈشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن 1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏5-‏ئايە‌تنى كە‌لتۈرىدۇ.‏ بۇ ئايە‌تتە:‏ «خۇ‌دا يورۇ‌قلۇ‌قتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ گرېك تىلىدا خۇ‌داغا قارىتا خو تېئوس دېگە‌ن سۆز يېزىلىدۇ،‏ يە‌نى بۇ سۆزنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل خو بار.‏ بىراق،‏ يورۇ‌قلۇ‌قنى بىلدۈرىدىغان فوس دېگە‌ن گرېك سۆزىنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل يوق.‏ خيۇ‌ئېنت بۇ‌نى مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرىدۇ:‏ «خۇ‌دانى يورۇ‌قلۇ‌ققا ئوخشىتىشقا بولىدۇ،‏ بىراق يورۇ‌قلۇ‌ق خۇ‌دادۇ‌ر دېيىشكە ھە‌رگىز بولمايدۇ».‏ يە‌نە بۇ‌نىڭغا ئوخشاش مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ يۇ‌ھاننا 4:‏24 ۋە 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏16-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ «خۇ‌دا —‏ روھتۇ‌ر» ۋە «خۇ‌دا ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر» دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارىلە‌ر بار.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە «خۇ‌دا» دېگە‌ن سۆزنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل ئىشلىتىلگە‌ن،‏ بىراق «روھ» ۋە «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت» دېگە‌ن پېئىل سۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئارتىكىل يوق.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ بۇ سۆزلە‌ر بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئالماشتۇ‌رۇ‌لمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ روھنى خۇ‌دادۇ‌ر ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى خۇ‌دادۇ‌ر دېيىشكە ھە‌رگىز بولمايدۇ.‏

‏«سۆز» —‏ ئۇ كىم؟‏

قە‌دىمقى گرېك تىلىنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار ۋە كۆپلىگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌رجىمە قىلغۇ‌چىلار يۇ‌ھاننا 1:‏1-‏ئايە‌تتىكى «سۆز» دېگە‌ن نام-‏ئۇ‌نۋان شە‌خسنىڭ كىم ئىكە‌نلىكىنى ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى تە‌كىتلە‌يدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌رجىمە قىلغۇ‌چى ۋىليام باركىلاي مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «[ئە‌لچى يۇ‌ھاننا] بۇ ئايە‌تتە تېئوس سۆزىنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل ئىشلە‌تمىگە‌چ،‏ بۇ سۆز پە‌قە‌ت ئۆزىگە خاس خۇ‌سۇ‌سىيە‌تنى تە‌سۋىرلە‌يدۇ.‏ يۇ‌ھاننا بۇ ئايە‌تتە «سۆز» خۇ‌داغا تە‌ڭ-‏باراۋە‌ر دېمە‌كچى بولمىغان.‏ ئاددىي سۆز بىلە‌ن ئېيتقاندا،‏ ئە‌يسانى خۇ‌دانىڭ ئۆزى دېمىگە‌ن».‏ جېيسون دېيۋىد بېدۇ‌ن ھە‌م شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌پ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «‏يۇ‌ھاننا 1:‏1-‏ئايە‌تنىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا يېزىلغاندە‌ك،‏ تېئوس دېگە‌ن گرېك سۆزىنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكىل بولمىسا،‏ قە‌دىمقى گرېك تىلدا سۆزلە‌يدىغان ئوقۇ‌رمە‌نلە‌ر بۇ سۆزنى بىردىنبىر خۇ‌دا ئە‌مە‌س،‏ ئىلاھىي خۇ‌سۇ‌سىيە‌تكە ئىگە بولغان شە‌خسنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنە‌لە‌يتتى».‏ بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمىسى ئۈستىدە ئىشلىگە‌ن ئالىم (‏American Standart Version‏)‏ جوسېف ھېنرى تايېر بۇ ئايە‌تنى مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «لوگوس [سۆز] خۇ‌دانىڭ ئۆزى ئە‌مە‌س،‏ ئىلاھىي خۇ‌سۇ‌سىيىتى بار بىرى».‏

ئە‌يسا مە‌سىھ دۇ‌ئادا ئۆزى بىلە‌ن ئاتىسى ئارىسىدا پە‌رق بارلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن

خۇ‌دانىڭ كىملىكى ھە‌قىقە‌تە‌ن يوشۇ‌رۇ‌ن سىرمۇ؟‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر شۇ‌نداق ئويلىمىغان.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ دۇ‌ئادا ئۆزى بىلە‌ن ئاتىسى ئارىسىدا پە‌رق بارلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن:‏ «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ سە‌ن يېگانە ھە‌ق خۇ‌دانى ۋە سە‌ن ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنى تونۇ‌ش كېرە‌ك» (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىگە ئىشە‌نسە‌ك ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى روشە‌ن ھە‌قىقە‌تنى چۈشە‌نسە‌ك،‏ شۇ چاغدا ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي كىملىكىنى بىلىمىز ۋە ئۇ‌نى خۇ‌دانىڭ ئوغلى ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىمىز.‏ يە‌ھۋانى بولسا،‏ «يېگانە ھە‌ق خۇ‌دا» دە‌پ تونۇ‌يمىز.‏