مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

«ئويغىنىش!» No. 2 2018

ئائىلىۋى بە‌ختنىڭ 12 سىرى

تۇ‌رمۇ‌شتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلالمىغاچ،‏ ئائىلىلە‌رنىڭ بۇ‌زۇ‌لغانلىقى ھە‌ققىدە دائىم ئاڭلايمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئائىلىۋى بە‌ختنىڭ سىرى نېمە؟‏

  • 1990—‏2015-‏يىللار ئارىسىدا،‏ ئامېرىكىدا 50 ۋە ئۇ‌نىڭدىن يۇ‌قىرى ياشتىكى كىشىلە‌ر ئارىسىدا ئاجرىشىپ كە‌تكە‌ن ئە‌ر-‏ئاياللارنىڭ سانى ئىككى ھە‌سسە،‏ 65 ۋە ئۇ‌نىڭدىن يۇ‌قىرى ياشتىكى كىشىلە‌ر ئارىسىدا ئۈچ ھە‌سسە كۆپە‌يدى.‏

  • ئاتا-‏ئانىلار نېمە قىلىشنى بىلمە‌يدۇ:‏ بە‌زى مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ر بالىلارنى دائىم ماختاپ تۇ‌رۇ‌ش كېرە‌ك،‏ دە‌يدۇ.‏ باشقىلار بولسا،‏ ئۇ‌لارغا قاتتىق قوللار بولۇ‌ش كېرە‌ك،‏ دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏

  • مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىش ئۈچۈن زۆرۈر ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگە‌نمە‌ي تۇ‌رۇ‌پلا،‏ ياشلار كىشىلىك ھاياتقا قە‌دە‌م تاشلايدۇ.‏

بىراق،‏ شۇ‌نىڭغا قارىماستىن:‏

  • نىكاھ رىشتىسى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىپ،‏ بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشكە بولىدۇ.‏

  • ئاتا-‏ئانىلار ئۆز بالىلىرىغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىشنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏

  • ياشلار كىشىلىك ھاياتقا قە‌دە‌م تاشلاشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ زۆرۈر پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈپ،‏ ھۈنە‌ر ماھارە‌تلىرىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏

قانداق قىلىپ؟‏ «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رنىلىنىڭ بۇ سانىنى ئوقۇ‌پ،‏ ئائىلىۋى بە‌ختنىڭ 12 سىرىنى كۆرۈپ چىقىڭ.‏

1.‏ ۋاپادارلىق

نىكاھ رىشتىلىرىنى كۈچە‌يتىدىغان ئۈچ ئۇ‌سۇ‌ل.‏

2.‏ ئۆزئارا ھە‌مكارلىشىش

ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز ياتاقدىشىڭىزغا ئوخشاشمۇ؟‏

3.‏ ھۆرمە‌ت

ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز ھۆرمىتىڭىزنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن قانداق گە‌پ-‏سۆزلە‌ر ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردە بولۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

4.‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش

جۈپتىڭىزنىڭ كە‌مچىلىكلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن سىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

5.‏ ئوچۇ‌ق سۆزلىشىش

بالىلىرىڭىز بىلە‌ن تېخىمۇ يېقىن بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان ئۈچ ئۇ‌سۇ‌ل.‏

6.‏ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش

بالىنى تۈزىتىش ئۇ‌نىڭ ئابرويىنى چۈشۈرە‌مدۇ؟‏

7.‏ قىممە‌ت قارىشى

سىز بالىلىرىڭىزغا قانداق ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىنى ئۆگىتىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

8.‏ ئۈلگە كۆرسىتىش

ئە‌گە‌ر سۆزلىرىڭىز بالىلىرىڭىزنىڭ قە‌لبىگە تە‌سىر قىلىشىنى خالىسىڭىز،‏ ئۆگىتىۋاتقان نە‌رسىلە‌رگە چوقۇ‌م ئۆزىڭىزمۇ ئە‌مە‌ل قىلىشىڭىز زۆرۈر.‏

9.‏ كىملىك

ياشلار ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىنى قوغداش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلالايدۇ؟‏

10.‏ ئىشە‌نچىلىك بولۇ‌ش

ئاتا-‏ئانىنىڭ ئىشە‌نچىسىگە ئېرىشىش چوڭ بولۇ‌شقا يېتە‌كلە‌يدىغان قە‌دە‌م.‏

11.‏ ئىشچان بولۇ‌ش

ياش چېغىڭىزدىن باشلاپ ئىشچان بولۇ‌شنى ئۆگە‌نسىڭىز،‏ بۇ ھە‌ممە ئىشلىرىڭىزدا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

12.‏ مە‌قسە‌ت قويۇ‌ش

مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىش ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى ئاشۇ‌رىدۇ،‏ دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ ۋە كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.‏

ئائىلىلە‌ر ئۈچۈن ياردە‌م

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌ر نىكاھىڭىز ۋە ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏