ئۈمىد — ئۇنىڭغا قەيەردىن ئېرىشەلەيسىز؟
ئۈمىد — ئۇنىڭغا قەيەردىن ئېرىشەلەيسىز؟
دانىيال ئون ياشتا بولۇپ، راك كېسىلى بىلەن بىر يىل كۈرەش قىلغانىدى. دوختۇرلار ھەم يېقىن كىشىلىرى ئۈمىدلىرىنى ئۈزگەن. دانىيال بولسا، قەتئىي ئۈمىدىنى ئۈزمىگەنىدى. ئۇ چوڭ بولغاندا تەتقىقاتچى بولۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە راك كېسىلىنىڭ داۋاسىنى تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. دانىيال دەل ئۆزى ئاغرىۋاتقان شۇ تۈرلۈك راك كېسىلىنى داۋالايدىغان مۇتەخەسسىسنىڭ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەن ئىدى. قېرىشقاندەك شۇ كۈنى ھاۋا رايى بۇزۇلۇپ، دوختۇر كېلەلمەي قالدى. دانىيالنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولۇپ، ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ كەتتى. ئېچىنارلىقى، دانىيال بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى.
تەن-سالامەتلىكنىڭ ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك بىلەن بولغان باغلىنىشىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىس يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەنى ئېيتىپ بەرگەن. بەلكىم، سىزمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى ئاڭلىغانسىز. مەسىلەن، ئۆلۈم ئېغىزىغا يېقىنلىشىپ قالغان كىشى مۇھىم بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى ياكى يېقىن كىشىسىنىڭ بىر تەبرىكلەشكە كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتتى. ئۇنىڭ كۈتكىنى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، ئۇ كۆپ ئۆتمەي ۋاپات بولدى. نېمە ئۈچۈن مۇنداق ۋەقە يۈز بېرىدۇ؟ ئەسلى بەزىلەر ئىشەنگەندەك، ئۈمىد راستىنلا كىشىلەرگە كۈچ بېرەمدۇ؟
بارغانسېرى كۆپ تەتقىقاتچىلار شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ئىجابىي كۆزقاراش، ئۈمىد ۋە باشقا يېقىملىق ھېس-تۇيغۇلار ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ ھاياتى ۋە تەن-سالامەتلىكىگە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. بىراق، ھەممىسى بۇ كۆزقاراشقا قوشۇلمايدىكەن. بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ پىكىرنى قۇرۇق گەپ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار پەقەت جىسمانىي ئامىللار جىسمانىي كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدۇ، دېگەن كۆزقاراشنى بەكرەك قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئەلۋەتتە، ئۈمىدنىڭ مۇھىملىقىغا قارىتا گۇمانلار بار ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالمايمىز. مىڭ يىللار بۇرۇن، گرېك پەلسەپىچىسى ئارىستوتېلدىن ئۈمىدكە قانداق چۈشەنچە بېرىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «ئۈمىد — ئۇ ئۇخلىماي تۇرۇپ كۆرگەن چۈش»،— دەپ جاۋاب بەرگەن. يىللار ئۆتۈپ، ئامېرىكىلىق دۆلەت ئەربابى بىنيامىن فرانكلىن ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ، مۇنداق دېگەن: «ئۈمىد بىلەن ياشايدىغان كىشى بىر ئۆمۈر قورسىقى تويماي ئۆلۈپ كېتىدۇ».
ئۇنداقتا، ئۈمىد دېگەن زادى نېمە؟ ئۇ ئادەملەرنىڭ تەسەللىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن سۈرۈۋاتقان خام خىيالىمۇ؟ ياكى ئۈمىد ھەربىر ئادەمنىڭ تەن-سالامەتلىكى ۋە بەختىگە راستىنلا تەسىر قىلالامدۇ؟