مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ | نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش كېرەك
قانداق باشلىسام بولىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشتىن ھۇزۇر ئېلىشىڭىزغا ۋە پايدىسىنى كۆرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان قانداق ئۇسۇللار بار؟ كۆپلىگەن كىشىلەرگە ياردەم بەرگەن بەش ئۇسۇلنى ئەستە ساقلىۋېلىڭ.
مۇۋاپىق بىر مۇھىتنى يارىتىڭ. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، دىققىتىڭىز چېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تىنچ جاي تېپىڭ. يېتەرلىك يورۇقلۇق ۋە ساپ ھاۋامۇ دىققىتىڭىزنى ئوقۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
توغرا كۆزقاراش بىلەن ئوقۇڭ. مۇقەددەس كىتاب ئەرشتىكى ئاتىمىز بىزگە چۈشەرگەن كىتابتۇر. شۇڭا، بۇ كىتابنى ئوقۇشنىڭ كۆپرەك پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇنى خۇددى كىچىك بالا كۆيۈمچان دادىسىنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاۋاتقاندەك ئوقۇڭ. ئەگەر بۇ كىتابقا قارىتا سەلبىي، ناتوغرا كۆزقاراشتا بولسىڭىز، خۇدا سىزگە تەلىم بېرەلىشى ئۈچۈن ئاشۇ كۆزقاراشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇڭ.—زەبۇر 25:4.
ئوقۇشتىن ئىلگىرى دۇئا قىلىڭ. مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرى يېزىلغانلىقتىن، ئۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. خۇدا «تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات» قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە بەرگەن (لۇقا 11:13). مۇقەددەس روھ خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، بۇ روھ «ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر ئوي-پىكىرلىرىنىمۇ» چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن زېھنىڭىزنى ئاچىدۇ.—كورىنتلىقلارغا 1-خەت 2:10.
ئوقۇپ چوڭقۇر ئويلىنىڭ. بىراقلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوقۇشقا تىرىشماڭ. ئوقۇغانلىرىڭىز ئۈستىدىن چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىڭ. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «ئۇشبۇ شەخسنىڭ قانداق پەزىلەتلىرىنى كۆردۈم؟ ئۇنىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمەن؟»— دەپ سوراڭ.
ئالدىڭىزغا ئېنىق مەقسەتلەرنى قويۇڭ. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ھايات كەچۈرۈشكە يېتەكلەيدىغان ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى ئىزدەڭ. ئۆزىڭىزگە مۇنداق مەقسەتلەرنى قويسىڭىز بولىدۇ: خۇدا ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىش، ئىش-ھەرىكەتلىرىمنى ۋە مىجەز-خۇلقۇمنى ئۆزگەرتىش ۋە ياخشى ئەر ياكى ئايال بولۇش. ئاندىن شۇ مەقسەتلەرگە يېتىشكە ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەرنى تېپىڭ.
ئاشۇ بەش ئۇسۇل ئوقۇشنى باشلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بىراق، ئوقۇشتىن تېخىمۇ ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدۇ؟ كېيىنكى ماقالىدە، بەزى مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز.