مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سىز بىلە‌مسىز؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا قۇ‌ل بولغانلىقىغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن باشقا يە‌نە قانداق دە‌لىل-‏ئىسپاتلار بار؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ مىدىيانلىقلار يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ ئائىلە (‏قە‌بىلە)‏ باشلىقى ياقۇ‌پ ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆيىدىكىلىرى قاناندىن ئايرىلىپ مىسىرغا كۆچۈپ بارغان.‏ ئۇ‌لار نىل دە‌رياسىنىڭ ئوتتۇ‌را دېڭىزغا قۇ‌يۇ‌لىدىغان ساھىلدىكى گوشە‌ن دە‌پ ئاتالغان يە‌رگە جايلاشقان (‏يارىت.‏ 47:‏1،‏ 6‏)‏.‏ ئىسرائىلنىڭ «ئە‌ۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ،‏ ئۇ يە‌رنى تولدۇ‌ردى ۋە خېلى كۈچىيىپ قالدى».‏ شۇ‌ڭا،‏ مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن قورقۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى قۇ‌ل قىلغان.‏—‏چىق.‏ 1:‏7—‏14‏.‏

بە‌زى تە‌نقىد قىلغۇ‌چىلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بۇ ۋە‌قە‌نى رىۋايە‌ت دە‌پ قارايدۇ.‏ لېكىن،‏ سېمايتلارنىڭ a قە‌دىمقى مىسىردا قۇ‌ل بولغانلىقىغا ئىسپاتلار بار.‏

مە‌سىلە‌ن،‏ ئارخېئولوگلار مىسىرنىڭ شىمالىي رايونلىرىدىن قە‌دىمكى زاماندىكى تۇ‌رالغۇ ماكانلارنى تېپىۋالغان.‏ جون بىمسون ئىسىملىك مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە،‏ مىسىرنىڭ شىمالىي رايونىدا سېمايتلارنىڭ 20 ياكى ئۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپرە‌ك ماكانلىرى بار بولغانلىقىغا ئىسپات بار.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مىسىرشۇ‌ناس جېيمىس كارل خوفمە‌يېر مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «تە‌خمىنە‌ن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1800—‏1540 يىللار ئارىلىقىدا غە‌ربىي ئاسىيادىكى سېمايت تىلىدا سۆزلە‌يدىغان خە‌لقلە‌ر مىسىردا ماكانلىشىشقا جە‌لپ قىلىنغان».‏ ئۇ يە‌نە:‏ «بۇ ۋاقىت قە‌بىلە باشلىقلىرى ياكى [قە‌بىلە ئۇ‌رۇ‌قداشلىق] دە‌ۋرى يارىتىلىش كىتابىدا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ يۈز بە‌رگە‌ن ۋاقتىغا ماس كېلىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏

مىسىرنىڭ جە‌نۇ‌بىدىن يە‌نە بىر دە‌لىل-‏ئىسپات تېپىلغان.‏ ئوتتۇ‌را پادىشاھلىق (‏تە‌خمىنە‌ن مىلادىدىن ئىلگىرى 2000—‏1600)‏ دە‌ۋرىگە تە‌ۋە بىر پاپىروستا مىسىرنىڭ جە‌نۇ‌بىدىكى بىر ئۆيدە ئىشلىگە‌ن قۇ‌للارنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىكى 40تىن كۆپرە‌ك قۇ‌لنىڭ ئىسمى سېمايت تىلىدا يېزىلغان.‏ بۇ قۇ‌للار ياكى خىزمە‌تچىلە‌ر تاماق ئە‌تكە‌ن،‏ رە‌خت توقۇ‌غان ياكى يە‌نە باشقا ئېغىر ئىشلارنى قىلغان.‏ جېيمىس خوفمە‌يېر مۇ‌نداق خۇ‌لاسە چىقارغان:‏ «سە‌بېيددىكى (‏جە‌نۇ‌بىي مىسىر)‏ بىر ئۆينىڭ ئۆزىدە قىرىقتىن ئوشۇ‌ق سېمايتلار ئىشلىگە‌ن بولسا،‏ دېمە‌ك،‏ پۈتۈن مىسىر دۆلىتى بويىچە،‏ بولۇ‌پمۇ نىل دە‌رىياسىنىڭ ئېغىزىدىكى رايوندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولغان ئىدى».‏

ئارخېئولوگ دېيۋىد رول شۇ قۇ‌للارنىڭ بە‌زىلىرىنىڭ ئىسىملىرى «دە‌ل مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تېكىستلىرىدا ئۇ‌چرىتىشقا بولىدىغان ئىسىملارغا ئوخشاش» ئىكە‌نلىكىنى يازغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مە‌زكۈر پاپىروستىكى ئىسىملار ئىسساكار،‏ ئاشېر ۋە شىفرا دېگە‌ن ئىسىملارغا ئوخشايدۇ (‏چىق.‏ 1:‏3،‏ 4،‏ 15‏)‏.‏ دېيۋىد رول سۆزىنى يە‌كۈنلە‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ —‏ ئىسرائىللار مىسىردا قۇ‌ل بولغانلىقىنىڭ روشە‌ن ئىسپاتى».‏

جون بىمسون مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن مىسىر قۇ‌للۇ‌قى ۋە مىسىردىن چىقىش توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ تارىخقا ئاساسلانغان دە‌لىل-‏ئىسپاتى بار».‏

a سېمايت دېگە‌ن نام نۇ‌ھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ بىرى سامنىڭ ئىسمىدىن چىققان.‏ سامنىڭ ئە‌ۋلاتلىرى بە‌لكىم ئېلاملىقلار،‏ ئاسسۇ‌رىيىلىكلە‌ر،‏ قە‌دىمقى كالدانلىقلار،‏ ئىبرانىيلار،‏ سۈرىيە‌لىكلە‌ر ۋە ھە‌ر تۈرلۈك ئە‌رە‌ب قە‌بىلىلىرى بولغان.‏