ئىتلىرىمغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى
ئامېرىكا، ئورېگان شتاتىدا ياشايدىغان نىك ئىسىملىك ئەر كىشى مۇنداق دەپ يازغان: «2014-يىلى ئەتىياز پەسلىدە، مەن ياشىغان مەھەللە مەركىزىدە ئىككى ئەرمەك ئىتىم بىلەن سەيلە قىلىشقا چىقتىم. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئادەتتە مەھەللە مەركىزىدە ماتېرىيال ھارۋۇسى يېنىدا تۇراتتى. ئۇلار رەتلىك-پاكىزە كىيىنگەن، دائىم تەبەسسۇم بىلەن، يېنىدىن ئۆتكەن ھەربىر كىشىگە سالام بېرىپ تۇراتتى.
گۇۋاھچىلار پەقەت كىشىلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئىتلىرىمغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. بىر كۈنى ماتېرىيال ھارۋۇسى يېنىدا تۇرغان ئىلېن ئەرمەك ئىتلىرىمغا تاتلىق پىرەنىك بەردى. شۇ كۈندىن باشلاپ، ھەر قېتىم ئاشۇ كوچىدا ماڭغاندا، ماتېرىيال ھارۋۇسى يېنىدا تۇرغان گۇۋاھچىلاردىن تاتلىق پىرەنىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىتلىرىم مېنى شۇ ياققا تارتاتتى.
ۋاقىت ئۆتۈپ، ئىتلىرىمغا تاتلىق پىرەنىك، ماڭا بولسا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن بولغان قىسقىچە سۆھبەتلىشىش يېقىپ قالدى. بىراق، مەن ئۇلار بىلەن بەك كۆپ پاراڭلىشىشنى خالىمايتتىم. يېشىم 70-تىن ئاشقان ئىدى. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا، مېنىڭ چىركاۋدىن كۆڭلۈم قالغان ئىدى. شۇڭا، مۇقەددەس كىتابنى ئۆزۈم ئۆگەنسەم ياخشىراق دەپ ئويلايتتىم.
شۇ جەرياندا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ماتېرىيال ھارۋىلىرى بىلەن تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار دائىم دوستانە مۇئامىلە قىلاتتى. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سوئاللىرىمغا دائىم مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ جاۋاب بېرەتتى. نەتىجىدە، ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىم بارغانسېرى ئاشتى.
بىر كۈنى ئىلېن مەندىن: ھايۋانلار خۇدا ھەدىيە قىلغان سوۋغات ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز؟›— دەپ سورىدى. مەن بولسام: ئەلۋەتتە، ئىشىنىمەن!›— دەپ جاۋاب بەردىم. ئىلېن يەشايا 11:6–9-ئايەتلەرنى ئوقۇپ بەردى. بۇ مېنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا بولغان كۆزقارىشىمنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بەردى. ئەمما، گۇۋاھچىلارنىڭ كىتاب-ژۇرناللىرىنى ئېلىشنى يەنىلا خالىمىدىم.
كۈنلەر ئۆتكەنسېرى، ئىلېن ۋە ئۇنىڭ ئېرى بىرېنت بىلەن قىسقا، ئەمما قىزىقارلىق سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق. ئۇلار ماڭا ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىسى قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، مەتتا كىتابىدىن ئەلچىلەر كىتابىغىچە ئوقۇپ چىقىشمنى تەۋسىيە قىلدى. مەن دەل شۇنداق قىلدىم. كۆپ ئۆتمەي، 2016-يىلى ياز پەسلىدە، بىرېنت ۋە ئىلېن بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىدىم.
ھەر ھەپتىدىكى تەتقىق ئۆگۈنۈشۈمنى ۋە يىغىلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا بېرىشنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتەتتىم. مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى ئۆگىنىپ، شاد-خۇراملىققا چۆمدۈم. بىر يىلدىن كېيىن، يەھۋا گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم. ھازىر، 79 ياشقا يەتكەندە، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن. يەھۋا مېنى خەلقئارا چوڭ ئائىلىسىگە قوبۇل قىلىپ بەرىكەتلىدى».