33-تەتقىق ماقالىسى
تىرىلىش — خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى، دانالىقىنى ۋە سەۋرچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ
«خۇدانىڭ ھەققانىيلار ۋە ھەققانىي ئەمەسلەرنى تىرىلدۈرۈشىگە ئۈمىد باغلايمەن».—ئەلچى. 24:15.
12-ناخشا ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈ ھاياتلىق
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا نېمە سەۋەبتىن يارىتىشنى باشلىغان؟
بىر ۋاقىتلاردا، يەھۋا يەككە-يىگانە مەۋجۇت بولغان. بىراق، ئۇ ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلمىغان. ئۇ ھەرجەھەتتىن مۇكەممەل ئىدى. لېكىن، خۇدا باشقىلارنىڭ ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىشنى خالىغان. شۇڭا، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسىدە، يەھۋا يارىتىشنى باشلىغان.—زەبۇر 36:9؛ 1-يۇھاننا 4:19.
2. يەھۋانىڭ يارىتىش ئىشىنى كۆرگەندە، ئەيسا ۋە پەرىشتىلەر قانداق ھېس تۇيغۇدا بولغان؟
2 دەسلەپتە، خۇدا تۇنجى ئوغلى ئەيسانى ياراتقانىدى. كېيىن، ئەيسانى ئىشلىتىپ، خۇدا مىليونلىغان پەرىشتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان (كولوسى. 1:16). ئەيسا ئاتىسى بىلەن خىزمەتداش بولۇپ، شاد-خۇراملىققا چۆمگەن (پەند. نە 8:30). پەرىشتىلەرمۇ خۇشال-خۇرام بولغان. يەھۋا ۋە ئۇستا ھۈنەرۋەن ئەيسا ئاسمان ۋە يەرنى ياراتقاندا، ئۇلار بىرىنچى رەتتە ئولتۇرۇپ، كۆرۈپ تۇرغانىدى. پەرىشتىلەر ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ يەر يارىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىشقان. ئۇلار ھەممە يارىتىلىپ بولغاننى كۆرگەندە، بولۇپمۇ ئادەملەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى كۆرگەندە، خۇدانى مەدھىيىلەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر (ئايۇپ 38:7؛ پەند. نە 8:31). يەھۋانىڭ ھەربىر ياراتمىسى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە دانالىقىنى نامايان قىلغان.—زەبۇر 104:24؛ رىملىقلار 1:20.
3. 1-كورىنتلىقلار 15:21، 22-ئايەتكە ئاساسەن، ئادەملەر ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشەلەيدۇ؟
3 خۇدا ئۆزى ياراتقان ئاجايىپ چىرايلىق يەردە ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈ ياشىشىنى خالىغان. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا خۇداغا قارشى چىققاندا، مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىنى قولدىن چىقىرىپ قويغان. ئەمدى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ھەم ئۆلىدىغان بولدى (رىملىقلار 5:12). يەھۋا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ خۇدا دەرھال ئىنسانىيەتنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان (يارىت. 3:15). يەھۋا تۇنجى ئەر-ئايالنىڭ ئەۋلاتلىرىنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنى تۆلەم قۇربانلىققا بەرمەكچى بولغان ئىدى. خۇدا ھەربىر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش-قىلماسلىقنى ۋە مەڭگۈ ھاياتلىققا ئىگە بولۇش-بولماسلىقنى تاللاش پۇرسىتىنى بەرگەن.—يۇھاننا 3:16؛ رىملىقلار 6:23؛ 1-كورىنتلىقلار 15:21، 22-نى ئوقۇڭ.
4. بۇ ماقالىدە، بىز قايسى سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 خۇدانىڭ تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك ۋەدىسى كۆپ سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، تىرىلىش قانداق بولىدۇ؟ يېقىنلىرىمىز تىرىلگەندە، بىز ئۇلارنى تونۇيالايمىزمۇ؟ تىرىلىش بىزگە قانداق قىلىپ خۇشاللىق ئەكېلىدۇ؟ تىرىلىش ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى، دانالىقى ۋە سەۋرچانلىقى ھەققىدە بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟ كېلىڭلار، مۇشۇ سوئاللارنىڭ ھەر بىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
تىرىلىش قانداق بولىدۇ؟
5. نېمە ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ۋاقىتتا تىرىلىشىنى كۈتمەيمىز؟
5 يەھۋا ئۆز ئوغلى ئارقىلىق مىليونلىغان ئادەملەرنى تىرىلدۈرگەندە، ئېھتىمال ئۇ ھەممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ھاياتلىققا قايتۇرمايدۇ. نېمە ئۈچۈن ھەممىسىنى تىرىلدۈرمەيدۇ؟ ئەگەر توساتتىن بىر ۋاقىتتا ھەممىسى تىرىلسە، قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ. يەھۋا ئەزەلدىن ئىشلارنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن. ئاسماندىكى ئاتىمىز ئادەملەر تىنچلىقتا ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن تەرتىپنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ (1-كورىنت. 14:33). يەھۋا خۇدا ئىنسانىيەتنى يەردە يارىتىش ئۈچۈن، ئەيسا بىلەن خىزمەت قىلغاندا، دانالىق ۋە سەۋرچانلىقنى كۆرسەتكەنىدى. مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، ئەيسا ئارماگېدوندىن ئامان-ئېسەن ئۆتكەنلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىلگەنلەر ئۈچۈن يەرنى تەييارلىغاندا، ئۇ ھەم دانالىق ۋە سەۋرچانلىق كۆرسىتىدۇ.
ئارماگېدوندىن ئامان قالغانلار تىرىلگەنلەرگە خۇدا پادىشاھلىقى ۋە يەھۋانىڭ تەلەپلىرى ھەققىدە ئۆگىتىدۇ (6-ئابزاسقا قاراڭ) b
6. ئەلچىلەر 24:15-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، يەھۋا كىملەرنى تىرىلدۈرىدۇ؟
6 ئەڭ مۇھىمى، تىرىلىپ تۇرغانلارغا ئارماگېدوندىن ئامان-ئېسەن ئۆتكەنلەر بىزلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ تەلەپلىرى توغرۇلۇق ئۆگىتىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، تىرىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى «ھەققانىي ئەمەسلەر» ئارىسىدا بولىدۇ (ئەلچىلەر 24:15-نى ئوقۇڭ). مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، مەڭگۈ ياشاش ئۈچۈن ئۇلار ھەرقانداق زۆرۈر ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشى كېرەك. ياراتقۇچى يەھۋا ھەققىدە بىلىمى يوق مىليونلىغان ئادەملەرگە ھەقىقەتنى ئۆگىتىش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! بۈگۈنكى كۈنگە ئوخشاش، شۇ چاغدا ھەربىر كىشى بىلەن ئايرىم-ئايرىم مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزىمىزمۇ؟ يېڭى تىرىلگەنلەر بىر جامائەتكە قوشۇلۇپ، ئۇلارمۇ ئۆگەنگەن ھەقىقەتنى ئۆزلىرىدىن كېيىن تىرىلگەنلەرگە ئۆگىتەمدۇ؟ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بۇ سوئاللارغىمۇ جاۋاب تېپىلىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىدا، يەر يۈزى يەھۋا خۇدا ھەققىدە بىلىملەرگە تولدۇرىدۇ (يەشايا 11:9). مىڭ يىللىق ھاياتتا ئاجايىپ ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن بەنت بولىمىز.
7. تىرىلگەنلەرگە تەلىم بەرگەندە، خۇدانىڭ خەلقى نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ؟
7 مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدا، بىز يەھۋانىڭ يەر يۈزىدىكى خەلقى ئۇنىڭ قەلبىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلار تىرىلگەنلەرنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى بىلەن كۈرەش قىلىشىپ، يەھۋانىڭ تەلەپلىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشىغا ياردەم بەرگەندە، ئۇلارغا ھەقىقىي ھېسداشلىق كۆرسىتىدۇ (1-پېتر. 3:8). تىرىلىپ تۇرغانلار خۇدانىڭ خەلقىنىڭ كەمتەرلىكىنى ۋە ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارمۇ بىرلىكتە يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى خالايدىغان بولىدۇ.—فىلىپى. 2:12.
تىرىلگەنلەرنى تونۇيالايمىزمۇ؟
8. نېمە ئۈچۈن تىرىلگەن يېقىنلىرىمىزنى تونۇۋالالايمىز؟
8 يېقىنلىرىمىز تىرىلگەندە، بىز ئۇلارنى تونۇۋالالايمىز. بۇنداق دېيىشىمىزنىڭ بىرنەچچە سەۋەبلىرى بار. مەسىلەن، ئىلگىرىكى تىرىلدۈرۈش ھەققىدىكى يازمىلارغا ئاساسلانغاندا، بەلكىم ئادەملەر ئۆلۈشتىن سەل ئاۋۋال قانداق بولغان بولسا، يەھۋا ئۇلارنى شۇ پېتىچە، يەنى تاشقى كۆرۈنۈش، سۆزلەش ۋە ئويلاش جەھەتتىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش تىرىلدۈرىدۇ. ئېسىڭلاردا بولسۇن، ئەيسا ئۆلۈمنى ئۇيقۇغا، تىرىلىشنى بولسا ئۇيقۇدىن ئويغىنىشقا ئوخشاتقان (مەتتا 9:18، 24؛ يۇھاننا 11:11—13). ئادەم ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى قىياپەت، ئاۋاز ۋە ئەس-ھوشى شۇ پېتى قالىدۇ. لازارنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۆلگىنىگە تۆت كۈن بولغاچقا، ئۇنىڭ تېنى چىرىشكە باشلىغان. ئەيسا ئۇنى تىرىلدۈرگەندە، مەريەم ۋە مارتا دەرھال ئۇنى تونۇۋالغان. لازارنىڭمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقى ئېنىق.—يۇھاننا 11:38—44؛ 12:1، 2.
9. نېمە ئۈچۈن تىرىلگەنلەر مۇكەممەل ئەقىل-ھۇش ۋە تەن بىلەن تىرىلمەيدۇ؟
9 يەھۋا ۋەدە بەرگەن، ئەيسانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ھېچكىم ئۆزىنى «مەن كېسەل» دېمەيدۇ (يەشايا 33:24؛ رىملىقلار 6:7). شۇنداق قىلىپ، تىرىلگەنلەر ساغلام تەن بىلەن قوپىدۇ. لېكىن، ئۇلار دەرھاللا مۇكەممەل بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار مۇكەممەل بولۇپ تىرىلسە، ئۇلارنى يېقىنلىرى تونۇيالمايدۇ. بەلكىم، ئەيسانىڭ 1000 يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، ئىنسانىيەت ئاستا-ئاستا مۇكەممەللىككە يېتىدۇ. مىڭ يىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەيسا پادىشاھلىقنى ئاتىسىنىڭ قولىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇ چاغدا، ئۇ پادىشاھلىق، ئىنسانىيەتنى مۇكەممەللىككە ئېرىشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەھۋا خۇدانىڭ ئىرادە قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئورۇندايدۇ.—1-كورىنت. 15:24—28؛ ۋەھىي. 20:1—3.
تىرىلىش بىزگە قانداق قىلىپ خۇشاللىق ئەكېلىدۇ؟
10. تىرىلىش سىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
10 يېقىنلىرىڭىز بىلەن قايتا كۆرۈشكەندە قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! ئۇلارنى كۆرگەندە يىغلامسىز ياكى كۈلەمسىز؟ ياكى بولمىسا، خۇشاللىقىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى باسالماي يەھۋانى مەدھىيىلەپ ناخشا ئېيتامسىز؟ يېقىنلىرىڭىز تىرىلگەندە، كۆيۈمچان ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ جان پىدا قىلغۇچى ئوغلىغا بولغان كۈچلۈك مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى ھېس قىلىدىغانلىقىڭىز سۆزسىز. چۈنكى، ئۇلار ئىنسانىيەتنى تىرىلدۈرۈش سوۋغىسىنى تەييارلىغان.
11. يۇھاننا 5:28، 29-ئايەتلەرگە ئاساسەن، خۇدانىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرىگە ماس ياشىغانلار قانداق ھايات كەچۈرىدۇ؟
11 قايتا تىرىلگەنلەر كونا تەبىئىتىدىن ئايرىلىپ، خۇدانىڭ تەلەپلىرىگە ماس ھايات كەچۈرگەندە، ئۇلارنىڭ قانچىلىك خۇشال-خۇرام بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! ھاياتىدا ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىدىغانلار جەننەتتە مەڭگۈ ھايات كەچۈرەلەيدۇ. ئۆزگۈرۈشنى خالىمايدىغانلارنىڭ بولسا جەننەتتىكى تىنچلىقنى بۇزۇشىغا يەھۋا رۇخسەت قىلمايدۇ.—يەشايا 65:20؛ يۇھاننا 5:28، 29-نى ئوقۇڭ.
12. يەھۋا يەردە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسىنى قانداق بەرىكەتلەيدۇ؟
12 خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان ھەممە ئادەملەر پەندى-نەسىھەت 10:22-دە يېزىلغانلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئايەتتە: «يەھۋانىڭ بەرىكىتى ئىنساننى باي قىلار، ئۇ بەرىكىتىگە ھېچقانداق جاپا-مۇشەققەت قوشماس»،— دەپ يېزىلغان. يەھۋانىڭ روھىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق خۇدانىڭ خەلقى روھىي جەھەتتىن باي بولۇپ، ئاستا-ئاستا مەسىھكە ئوخشاش پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭىدۇ (يۇھاننا 13:15—17؛ ئەفەس. 4:23، 24). ئۇلارنىڭ تېنى كۈندىن كۈنگە ساغلام ۋە ياخشىراق بولىدۇ. ئاندىن نېمە دېگەن شاد-خۇرام كۈنلەر بولىدۇ،- ھە! (ئايۇپ 33:25) تىرىلىش توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلاش ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن نېمىگە ئۆگىنەلەيمىز؟
13. زەبۇر 139:1—4-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، تىرىلدۈرۈش ، يەھۋانىڭ بىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
13 يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا ئادەملەرنى تىرىلدۈرگەندە، ئۇلار ئىلگىرىكى ئېسىدە قالغان ئەسلىمىلىرى ۋە مىجەز-خۇلقى بىلەن شۇنداقلا تىرىلىدۇ. بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ، ئويلاپ كۆرۈڭ! يەھۋا بىزنى شۇنچىلىك سۆيگەنكى، ھەتتا ئوي-پىكىرلىرىمىزنى، ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى، گەپ-سۆزلىرىمىزنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى ئېسىدە ساقلاپ قالغان. شۇڭا، ئەگەر سىزنى تىرىلدۈرۈش كېرەك بولسا، ئۇنىڭغا سىزنىڭ ئەسلىمىلىرىڭىزنى، كۆز قارىشىڭىزنى ۋە مىجەز-خۇلقلىرىڭىزنى ئاسانلا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. داۋۇت پادىشاھ يەھۋانىڭ ھەربىرىمىزگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلگەن (زەبۇر 139:1—4-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ ھەربىرىمىزنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ھازىر چۈشەنگەندە، بىز قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىمىز؟
14. يەھۋانىڭ بىزنى قانچىلىك ياخشى بىلىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغاندا، بىز قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىمىز؟
14 يەھۋانىڭ بىزنى ياخشى بىلىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغاندا، بىز غەم-ئەندىشە قىلماسلىقىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يەھۋا بىزگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. ئۇ ھەربىرىمىزنىڭ ئۆزۈمىزگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى قەدىرلەيدۇ. ئاسماندىكى ئاتىمىز بىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىمىزدا بىزگە نېمىنىڭ تەسىر قىلغانلىقىنى ئەستە تۇتىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن بەكمۇ چوڭ تەسەللى! بىز ھەرگىزمۇ ئۆزۈمىزنى يالغۇز ھېس قىلماسلىقىمىز كېرەك. ھەر كۈن، ھەر مىنۇت ئاتىمىز يەھۋا يېنىمىزدا ۋە بىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۇرسەتلەرنى ئىزدەيدۇ.—2-تارىخ. 16:9.
خۇدانىڭ دانالىقىدىن نېمىگە ئۆگىنەلەيمىز؟
15. تىرىلىش يەھۋانىڭ دانالىقىنى قانداق روشەن ئىسپاتلايدۇ؟
15 ئادەملەر ئۆلۈمدىن قورقسا، دۈشمەنلىرى ئۆلۈم تەھدىتى ئارقىلىق ئۇلار نورمال ئەھۋالدا قىلمايدىغان ئىشلارنى ئۇلارغا قىلدۇرالايدۇ. شەيتاننىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەر شۇنداق تەھدىت سېلىش ئۇسۇلنى قوللىنىپ، كىشىلەرنى ئۆز دوستلىرىنى سېتىۋېتىشكە ياكى قىلىۋاتقان توغرا ئىشىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدۇ. بىراق، ئۇنداق تەھدىت بىزنى قورقۇتالمايدۇ. ئەگەر دۈشمەنلەر بىزنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن تەغدىردىمۇ، يەھۋا بىزنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىمىز (ۋەھىي. 2:10). ئۇلار نېمىلا قىلمىسۇن، خۇدايىمىز بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى توختىتالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل (رىملىقلار 8:35—39). يەھۋا تىرىلىش ئۈمىدى بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ دانالىقىنى ئىسپاتلىغان. شۇ سەۋەب، شەيتاننىڭ تەرەپدارلىرى سالغان ئۆلۈم تەھدىتى بىزنى قورقۇتالمايدۇ، ئۇلارنىڭ دېگىنىنى قىلمايمىز. يەنە بۇ بىزنى يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قېلىشقا قەتئىي جاسارەت بېرىدۇ.
چىقارغان قارارلىرىم يەھۋا خۇدانىڭ مېنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىمنى قانائەتلەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىمنى كۆرسىتەمدۇ؟ (16-ئابزاسقا قاراڭ) c
16. ئۆزۈمىزگە قانداق سوئاللارنى قويۇشىمىز كېرەك ۋە جاۋابلىرىمىز يەھۋاغا قانچىلىك ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
16 ئەگەر يەھۋانىڭ دۈشمەنلىرى سىزنى ئۆلۈم تەھدىتى بىلەن قورقۇتسا، ئۆز ھاياتىڭىزنى ياراتقۇچىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ سىزنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ سىز بۇنى نەدىن بىلىسىز؟ مەسىلەن مۇنداق دەپ ئويلاپ كۆرۈڭ، كۈندە قىلىۋاتقان كىچىك قارارلىرىم يەھۋا خۇداغا ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىمنى كۆرسىتەمدۇ؟ (لۇقا 16:10) ئەگەر خۇدا پادىشاھلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويسام، يەھۋانىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىمنى تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغانلىقىم، ۋاقتىم ۋە پۇل-ماللىرىمنى قانداق ئىشلەتكىنىمدىن كۆرۈنەمدۇ؟ (مەتتا 6:31—33) ئەگەردە «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، يەھۋاغا ئىشەنچ قىلغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز ۋە كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان ھەرقانداق تەھدىتلەرگە تەييار ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايسىز.—پەند. نە 3:5، 6.
خۇدانىڭ سەۋرچانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
17. (1) تىرىلىش يەھۋانىڭ سەۋرچان ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ (2) ئاتىمىز يەھۋانىڭ سەۋرچانلىقىغا مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
17 يەھۋا ئاتىمىز بۇ رەزىل دۇنيانى يوق قىلىدىغان ۋاقىت-سائەتنى بەلگۈلەپ قويغان (مەتتا 24:36). ئۇ سەۋرچان ۋە دەل ئۆزى بەلگۈلىگەن ۋاقىت كەلمىگۈچە ھەرىكەت قىلمايدۇ. ئۇ ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشكە بەكمۇ تەشنا، لېكىن ھازىرغىچە سەۋچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ (ئايۇپ 14:14، 15). ئاسماندىكى ئاتىمىز ئادەملەرنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن دەل ۋاقىت-سائەتنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە (يۇھاننا 5:28). ئۇنىڭ سەۋرچانلىقى ئۈچۈن مىننەتدار بولۇشىمىزغا يېتەرلىك سەۋەبلەر بار. ئويلاپ كۆرۈڭە: يەھۋانىڭ سەۋرچانلىقى سەۋەبلىك، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ، شۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭمۇ، توۋا قىلىشقا پۇرسىتىمىز ياكى ۋاقىتىمىز بولدى (2-پېتر. 3:9). ياراتقۇچىمىز يەھۋا تېخىمۇ كۆپرەك ئادەملەرنىڭ مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىشىنى خالايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ سەۋرچانلىقىغا مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتەيلى! قانداق قىلىپ؟ قولىمىزدىن كەلگىنىچە مەڭگۈلۈك ھاياتقا يېتەكلىگۈچى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل ئادەملەرنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك (ئەلچى. 13:48). شۇ چاغدا، ئۇلار بىزگە ئوخشاش يەھۋا خۇدانىڭ سەۋرچانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيدۇ.
18. نېمە ئۈچۈن باشقىلارغا سەۋرچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟
18 يەھۋا بىزنىڭ مۇكەممەل بولۇشىمىزنى كۈتۈشتىن بۇرۇن، ئۇ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق ئاخىرلاشقىچە سەۋرچانلىق كۆرسىتىدۇ. شۇ ۋاقىت كەلگىچە، يەھۋا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئېنىقكى بىز ئۈلگىگە ئەگىشىپ، باشقىلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئىزدىشىمىز ۋە ئۇلارغا سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك. بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ يولدىشى ھەددىدىن تاشقىرى غەم-تەشۋىش قىلىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان ۋە شۇ سەۋەب جامائەت يىغىلىشلىرىغا بېرىشنى توختاتقان. قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ماڭا ئىنتايىن قىيىن بولغان. ئائىلىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قىلغان پىلانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىتچىت بولدى». ئەمما، بۇ كۆيۈمچان ئايال ئېرىگە سەۋرچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ يەھۋاغا تايىنىپ، ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمىگەن. بۇ قېرىندىشىمىز يەھۋاغا ئوخشاش ھەمراھىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە دىققەت ئاغدۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەمراھىمنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرى بار. ئۇ شۇ غەم-تەشۋىشلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ». شۇڭا، ئائىلە ئەزالىرىمىز ياكى ئېتىقادداشلارنىڭ بىرسى قانداقتۇ بىر قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا، ئۇ ئۇلارغا سەۋرچانلىق كۆرسىتىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.
19. بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
19 يەر يۈزى ئەمدىلا يارىتىلغاندا، ئەيسا ۋە پەرىشتىلەر خۇشال-خۇرام بولغانىدى. ئەمما، كېلەچەكتە يەر يۈزىنىڭ يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ھەم ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدىغان مۇكەممەل ئادەملەر بىلەن تولغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلار قانچىلىك شاد-خۇراملىققا چۆمىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ كۆرۈڭە! مەسىھ بىلەن بىرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتقان ئىنسانلارنى كۆرگىنىدە، بولىدىغان خۇشال-خۇراملىقىچۇ؟! (ۋەھىي. 4:4، 9—11؛ 5:9، 10). يەنە ئۆلۈم مەڭگۈگە يوق بولۇپ، ئازاب-ئوقۇبەت، قايغۇ-ھەسرەت ۋە ئاغرىق تۈپەيلى ئاققان كۆز ياشلار ئورنىغا، خۇشاللىق، كۈلكە كۆز ياشلىرى ئالماشقان شۇ كۈننى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! (ۋەھىي. 21:4) ئاشۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگىچە، ئاتىمىزنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى، دانالىقى ھەم سەۋرچانلىقىدىن ئۈلگە ئېلىشقا بەل باغلاڭ. ئەگەر ئۇلارنى قىلساق، قانداق قىيىنچىلىقلار بولمىسۇن، بىز خۇشاللىقىمىزنى يوقىتىپ قويمايمىز (ياقۇپ 1:2—4). خۇدانىڭ تىرىلىش توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسىگە قانچىلىك مىننەتدارلىق بىلدۈرسەك ئەرزىيدۇ!—ئەلچى. 24:15.
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
a يەھۋا مېھىر-مۇھەببەتلىك، دانا ۋە سەۋرچان ئاتا. ئۇنىڭ بۇ ئېسىل-پەزىلەتلىرىنى، ئۇ ياراتقان بارلىق نەرسىلەر ۋە تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك نىيىتىدىن كۆرەلەيمىز. بۇ ماقالىدە، تىرىلىش ھەققىدە كۆپ سورالغان بەزى سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز. تىرىلىش بىزگە خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى، دانالىقى ۋە سەۋرچانلىقى ھەققىدە نېمىنى ئۆگىتىدۇ ۋە بۇ بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى كېرەك دېگەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b سۈرەتتە: نەچچە يۈز يىللار بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم ئەيسانىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدا تىرىلىدۇ. ئارماگېدوندىن كېيىن ئامان قالغان بۇرادەر تىرىلگەن ئادەمگە ئەيسانىڭ قۇربانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ.
c سۈرەتتە: بۇرادەر باشلىقىغا ھەپتىنىڭ بىرنەچچە كۈنلىرىدە ئىشتىن كېيىن يەنە قوشۇمچە ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇرادەر شۇ كۈنلىرى كەچتە يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىراق، باشقا ۋاقىتلاردا،جىددىي ياردەم كېرەك بولسا، ئۇ كۆپرەك ئىشلەشكە تەييار.