17-دەرس
ئەيسا قانداق ئادەم بولغان؟
ئەيسانىڭ گۈزەل پەزىلەتلىك ئادەم بولغانلىقىنى ئۆگىنەلەيمىز. ئاشۇ پەزىلەتلەر بىزنى ئۇنىڭغا ۋە ئاتىسىغا يېقىنلىشىشقا جەلپ قىلىدۇ. ئەيسانىڭ قانداق ئېسىل پەزىلەتلىرى بولغان؟ بىز ئۇنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
1. ئەيسا قايسى تەرەپلەردىن ئاتىسىغا ئوخشايدۇ؟
ئەيسا ئاسماندا ئاتىسى بىلەن مىلياردلىغان يىللار بىللە بولغان. ئۇ ئاسماندىكى مېھىر-مۇھەببەتلىك ئاتىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ ئوي-پىكىرى، ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئىش قىلىش ئۇسۇلى ئاتىسىغا بەكمۇ ئوخشىغان (يۇھاننا 5:19). ئەمەلىيەتتە، ئەيسا ئۆز ئاتىسىنىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇڭا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنى كۆرگەن كىشى، ئاتامنى ھەم كۆرگەن بولىدۇ» (يۇھاننا 14:9). ئەيسانىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە ئۆگەنگەندە، يەھۋا خۇدانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇيالايسىز. مەسىلەن، ئەيسانىڭ كىشىلەرگە قىلغان غەمخورلۇقىدىن، يەھۋانىڭ سىزگىمۇ قانچىلىك غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.
2. ئەيسا يەھۋا خۇدانى سۆيگەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
ئەيسا «دۇنيا مېنىڭ ئاتامنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلسۇن دەپ، ئاتام ماڭا بۇيرۇغاندەك قىلىۋاتىمەن»،— دېگەن (يۇھاننا 14:31). ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، ھەتتا قىيىن بولسىمۇ، ئۆز ئاتىسىغا ئىتائەتچان بولۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسىنى كۆرسەتكەن. ئەيسا يەنە باشقىلارغا ئاتىسى ھەققىدە ئېيتىشنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرگەن.—يۇھاننا 14:23.
3. ئەيسا بارلىق ئىنسانلارنى سۆيىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
مۇقەددەس كىتابتا ئەيسانىڭ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سۆيگەنلىكى ئېيتىلغان (پەندى-نەسىھەت 8:31). ئۇ ئۆزىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كىشىلەرنى دائىم ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق كۆرسەتكەن. ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىدىن ئادەملەر ئۇنىڭ پەقەت كۈچ-قۇدرىتىنىلا ئەمەس، ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرگەن (ماركۇس 1:40–42). ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمىگەن، ھەممىسىگە دوستانە مۇئامىلە قىلغان. سۆزلىرىگە قۇلاق سالغان كىشىلەرگە، ئەيسا تەسەللى بېرىپ، بارلىق سەمىمىي ئادەملەرگە ئۈمىد ئاتا قىلغان. ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى سۆيگەن. ئۇلار ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەتتا ھاياتىنى پىدا قىلغان. بىراق، ئۇ بولۇپمۇ ئۆز تەلىملىرىگە قۇلاق سالغانلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن.—يۇھاننا 15:13، 14.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ئەيسانىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ. ئۇ ئۆز سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ۋە سېخىيلىقىنى قانداق كۆرسەتكەنلىكى توغرۇلۇق كۆرۈپ بېقىڭ.
4. ئەيسا ئۆز ئاتىسىنى چىن قەلبىدىن سۆيىدۇ
ئەيسانىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسىدىن خۇداغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنەلەيمىز. لۇقا 6:12، يۇھاننا 15:10 ۋە 17:26-نى ئوقۇڭ. ھەر بىر ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، يەھۋانى سۆيىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
5. ئەيسا كىشىلەرنىڭ مۇھتاجلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن
ئەيسا پەقەت ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلمەي، دائىم باشقىلارنى ئويلىغان. ھەتتا ھېرىپ-چارچاپ كەتكەندە، ئۇ ۋاقتى ۋە كۈچىنى چىقىرىپ، باشقىلارغا ياردەم بەرگەن. ماركۇس 6:30–44-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
مۇشۇ ئايەتلەردە، ئەيسانىڭ باشقىلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز؟—31، 34، 41 ۋە 42-ئايەتلەرگە قاراڭ.
-
ئەيسا نېمە ئۈچۈن باشقىلارغا ياردەم بەرگەن؟—34-ئايەتكە قاراڭ.
-
ئەيسا مەسىھ ياراتقۇچى يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇنىڭدىن يەھۋا ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
-
ئەيسا ئادەملەرگە غەمخورلۇق قىلغان. بىز ئۇنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
6. ئەيسا سېخىي كىشى بولغان
ئەيسانىڭ كۆپ مال-مۈلكى بولمىغان. بىراق، ئۇ يەنىلا سېخىي بولغان ۋە بىزنىمۇ سېخىي بولۇشقا ئۈندىگەن. ئەلچىلەر 20:35-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەيسانىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، بىزنى نېمە خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ؟
فىلىمنى كۆرۈپ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىڭ.
-
مال-مۈلكىمىز كۆپ بولمىسىمۇ، سېخىيلىقنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
سىز بىلەمسىز؟
مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئەيسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق ياراتقۇچى يەھۋاغا دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىدۇ (يۇھاننا 16:23، 24-نى ئوقۇڭ). بىز بۇنداق دۇئا قىلىش ئارقىلىق، ئەيساغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. سەۋەبى، ئۇ بىزنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن دوست بولۇشىمىزغا ياردەم بەرگەن.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «چېكىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىز بىلەن خۇدانىڭ كارى يوق. ئۇ بىزنى سىناۋاتىدۇ».
-
ئەيسا ئۆز ئاتىسىنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى يەھۋانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
خۇلاسە
ئەيسا ياراتقۇچىسى يەھۋانى ۋە ئىنسانلارنى سۆيىدۇ. ئۇ ئاتىسىنى ئۈلگە قىلغان. شۇڭا، بىز ئەيسا توغرۇلۇق كۆپرەك ئۆگەنگەنسېرى، تەڭرى يەھۋانى تېخىمۇ ياخشى تونۇيالايمىز.
تەكرارلاش
-
بىز ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
-
بىز ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، باشقا ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
-
ئەيسانىڭ پەزىلەتلىرىدىن قايسىسىنى ئەڭ ياقتۇردىڭىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
سىز ئەيسادىن نېمىنى ئۆگىنەلەيسىز؟
«ئەيسانى ئۈلگە قىلىڭ» («ئەيسا پەيغەمبەر — يول، ھەقىقەت ۋە ھايات»، 317-بەت)
ئەيسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق دۇئا قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
ئەيسانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ھەققىدە مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
«ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى قانداق بولغان؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
ئەيسانىڭ ئاياللارغا قىلغان مۇئامىلىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
«خۇدانىڭ نەزەرىدە ئاياللار ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2012-يىل، 1-سېنتەبىر)