9-بۆلەك
ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھ تەلەپ قىلىشى
ئىسرائىلنىڭ تۇنجى پادىشاھى سائۇل (تالۇت) نىڭ يەھۋاغا بويسۇنماسلىقى؛ سائۇلنىڭ ئورنىغا داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولۇشى ۋە خۇدا بىلەن داۋۇتنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىق ئەھدە تۈزۈشى
شىمشون ھاكىم بولغان زامان ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، سامۇئىل ئىسرائىلدا پەيغەمبەر ھەم ھاكىم بولدى. ئىسرائىللار، باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ پادىشاھلىرى بولغىنىغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭمۇ بىر ئىنسان پادىشاھى بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى توختىماي سامۇئىلغا ئېيتتى. گەرچە مۇشۇ تەلەپ پەرۋەردىگار يەھۋانى رەت قىلىش بولسىمۇ، بىراق يەھۋا، سامۇئىلنى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلشقا بۇيرۇدى. خۇدا، سائۇل (تالۇت) ئىسىملىك بىر كەمتەر كىشىنى پادىشاھ بولۇشقا تاللىدى. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، سائۇل ھاكاۋۇر ۋە خۇداغا بويسۇنمايدىغان بولۇۋالدى. يەھۋا، پادىشاھ سائۇلنى تاشلىدى ھەمدە سامۇئىل پەيغەمبەرگە سائۇلنىڭ ئورنىغا داۋۇت ئىسىملىك ياش كىشىنى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەشنى ئېيتتى. لېكىن، داۋۇت پادىشاھ بولۇپ تەختتە ئولتۇرغىچە، نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى.
داۋۇت، پادىشاھ سائۇلنىڭ قوشۇنىدىكى ئاكىلىرىنى يوقلاپ كەلگەندە، تېخى ئون نەچچە ياشلاردىكى ئۆسمۈر بولۇشى مۇمكىن. ئۇ، قوشۇندىكى بارچە جەڭچىلەرنىڭ دۈشمەن قوشۇنىدىكى جوليات (جالۇت) ئىسىملىك بىر پالۋاندىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. جوليات ئۇ، ئىسرائىللارنى ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسىنى تىللاپ ھاقارەتلەۋاتاتتى. دەر-غەزەپكە كەلگەن داۋۇت، دۈشمەنلەرنىڭ پالۋانىنىڭ جەڭگە چاقىرىشىنى قوبۇل قىلدى. پەقەت بىرلا سالغا ۋە بىر قانچە تاشلار بىلەن قوراللانغان بۇ ياش، ئۈچ مېتىرچە ئېگىزلىكتىكى رەقىبى بىلەن تۇتۇشقىلى چۈشتى. جوليات، داۋۇتنى مەسخىرە قىلغاندا، داۋۇت مۇنداق دېگەن ئىدى: مەن ئۇ پالۋانغا قارىغاندا كۆپ كۈچلۈك، چۈنكى مەن يەھۋا خۇدانىڭ ئىسمى بىلەن جەڭگە چۈشتۈم. داۋۇت بىر تال تاش بىلەنلا جولياتنى يەرگە يىقىتتى ۋە جولياتنىڭ ئۆز قېلىچى بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىنى كەستى. بۇنى كۆرگەن فىلىستىن قوشۇنلىرى ساراسىمىگە چۈشۈپ قېچىپ كەتتى.
داۋۇتنىڭ باتۇرلىقىغا قايىل بولغان پادىشاھ سائۇل، داۋۇتنى ئۆز قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى قىلدى. ئەمما، داۋۇتنىڭ جەڭ غەلبىلىرى سائۇلنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغىدى. داۋۇت ئۇ، ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن يىللار قاچقۇن بولۇپ يۈردى. لېكىن، داۋۇت ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان پادىشاھقا ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىدى. سەۋەبى سائۇل، يەھۋا خۇدا تەرىپىدىن پادىشاھ بولۇپ تەيىنلەنگەن ئىدى. ئاخىرى، سائۇل جەڭدە ئۆلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، يەھۋا ۋەدە قىلغاندەك داۋۇت پادىشاھلىق تەختتىدە ئولتۇردى.
«مەن بولسام ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختتىنى ئەبەدغىچە سابىت [مۇستەھكەم] قىلۇرمەن».—2-سامۇئىل 7:13.
داۋۇت پادىشاھ، يەھۋا خۇدا ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما يەھۋا داۋۇتقا، داۋۇت ئۆزى ئەمەس، بەلكى داۋۇتنىڭ بىر ئەۋلادى شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىبادەتخانىنى، داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان سالدى. لېكىن خۇدا، داۋۇت بىلەن ئاجايىپ بىر ئەھدە تۈزۈش ئارقىلىق ئۇنى مۇكاپاتلىدى: يەنى داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىن، ھېچقانداق پادىشاھلىققا ئوخشىمايدىغان بىر پادىشاھلىق كېلىپ چىقىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرىدا، ئېرەم باغدا ۋەدە قىلغان نەسىل يەنى قۇتقۇزغۇچى نىجاتكار مەيدانغا كېلىدۇ؛ ئۇ خۇدا تەرىپىدىن مەسىھ بولۇپ تەيىنلىنىدۇ؛ پەرۋەردىگار يەھۋا، مەسىھنى بىر ھۆكۈمەت يەنى پادىشاھلىقنىڭ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمرانى بولىدۇ، دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى.
چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، داۋۇت ئىبادەتخانا سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىنى ۋە قىممەتلىك مېتاللارنى يىغىپ توپلىدى. يەنە داۋۇت ئۇ، خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن نۇرغۇن زەبۇر شېئىرلىرىنى يازغان ئىدى. ئۆمىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «خۇداۋەندىنىڭ روھى مېنىڭ ۋاستەم بىرلە سۆز قىلغاچ ئۇنىڭ كالامى تىلىمدا بار».—2-سامۇئىل 23:2.
—1 ۋە 2-سامۇئىل؛ 1-تارىخنامە؛ يەشايا 9:7؛ مەتتا 21:9؛ لۇقا 1:32؛ يۇھاننا 7:42-ئايەتلەرگە ئاساسەن.