ئۆلۈكلەر راستتىنلا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشەلەمدۇ؟
سىزنىڭچە . . .
-
شۇنداق؟
-
ياق؟
-
بەلكىم؟
مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ
«ياخشىلار بىلەن يامانلار تىرىلىپ قوپىدۇ». — ئەلچىلەر 24:15.
بۇنى بىلىش سىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك
يېقىن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەندە تەسەللىي تاپالايسىز. — كورىنتلىقلارغا 1-خەت 1:3، 4.
ئۆلۈمنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئەركىن بولالايسىز. — ئىبرانىيلارغا 2:15.
ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىڭىز بىلەن قايتا جەم بولۇش ھەقىقىي ئۈمىدىگە ئېرىشەلەيسىز. — يۇھاننا 5:28، 29.
مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا راستتىنلا ئىشىنەلەيمىزمۇ؟
شۇنداق، ئىشىنىشنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ سەۋەبى بار:
-
خۇدا ھاياتلىقنى ياراتقۇچىدۇر. مۇقەددەس كىتاب يەھۋا خۇدانى ‹ھاياتنىڭ بۇلىقى› دەيدۇ (زەبۇر 36:9؛ ئەلچىلەر 17:24،25). بارلىق جانلىقلارغا ھاياتلىق بەرگەن خۇدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىردۇر.
-
خۇدا ئۆتمۈشتە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى تىرىلدۈرگەن. ئەر-ئايال ۋە قېرى-ياش سەككىز كىشىنىڭ يەر يۈزىدە قايتا ياشاشقا تىرىلدۈرۈلگەنلىكى مۇقەددەس كىتابتا خاتىرىلەنگەن. شۇلارنىڭ بەزىلىرى قىسقا ۋاقىت ئۆلۈك ھالىتىدە بولغان، ئەمما بىرى تۆت كۈن قەبرە ئىچىدە بولغانىدى! — يۇھاننا 11:39–44.
-
خۇدا يەنە شۇنداق قىلىشقا ئىنتىزاردۇر. يەھۋا ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرىدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمنى دۈشمەن دەپ قارايدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 15:26). خۇدا شۇ دۈشمەننى بويسۇندۇرۇش، يەنى تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆلۈمنى يوق قىلىشنى خالايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېسىدە بارلارنى تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە قايتا ھايات كەچۈرۈشىنى كۆرۈشكە ئىنتىزاردۇر. — ئايۇپ 14:14، 15.
ئويلاپ كۆرۈڭ
بىز نېمە ئۈچۈن قېرىيمىز ۋە ئۆلىمىز؟
مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ: يارىتىلىش 3:17—19 ۋە رىملىقلارغا 5:12.