مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

دۇ‌نيادا پۇ‌ل پاخاللىقى كۈندىن-‏كۈنگە كۈچىيىپ كە‌تتى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

دۇ‌نيادا پۇ‌ل پاخاللىقى كۈندىن-‏كۈنگە كۈچىيىپ كە‌تتى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

 دۇ‌نيا بانكىسىنىڭ باشلىقى 2022-‏يىل،‏ ئىيۇ‌ندىكى دوكلاتىدا مۇ‌نداق ئاگاھلاندۇ‌ردى:‏ «دۇ‌نيا يە‌نە ئىقتىسادى خە‌تە‌رگە دۇ‌چ كە‌لدى.‏ بۇ قېتىم بىر تە‌رە‌پتىن مە‌ھسۇ‌لات ۋە مۇ‌لازىمە‌ت باھاسى تېز ئۆرلە‌پ،‏ يە‌نە بىر تە‌رە‌پتىن ئادە‌ملە‌رنىڭ خە‌شلە‌يدىغان پۇ‌للىرى ئازايدى».‏

 خە‌لقئارالىق پۇ‌ل فوندى تە‌شكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە:‏ «يېقىلغۇ ۋە يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌رنىڭ باھاسى تېز ئۆسۈپ،‏ ئىقتىسادى گۈللە‌نمىگە‌ن دۆلە‌تلە‌ردىكى كە‌مبە‌غە‌ل كىشىلە‌رگە كۈچلۈك زە‌ربە بە‌ردى».‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىمىزنى،‏ ئۇ‌لارغا قانداق تاقابىل تۇ‌رالايدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ مە‌ڭگۈ ھە‌ل قىلىنىشى ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بارلىقىنى چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏

‏«ئاخىرقى كۈنلە‌ردە» مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىز ياشاۋاتقان دە‌ۋىر «ئاخىرقى كۈنلە‌ر» دە‌پ ئاتالغان.‏—‏2-‏تىموتىي 3:‏1‏.‏

  •   ئە‌يسا مە‌سىھ بۇ زاماندا «ھە‌يۋە‌تلىك كۆرۈنۈشلە‌ر ۋە چوڭ ئالامە‌تلە‌ر» يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏لۇ‌قا 21:‏11‏)‏.‏ پۇ‌ل پاخاللىقىنىڭ شىددە‌ت بىلە‌ن كۈچىيىشى كىشىلە‌رنى قورقۇ‌نچقا سالىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ كە‌لگۈسى ۋە ئائىلىسىنى قانداق قامداش ھە‌ققىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىدۇ.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىدا ئاخىر زاماندا يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك باھاسىنىڭ ئۆرلە‌يدىغانلىقى بېشارە‌ت قىلىنغان.‏ ««بىر قاچا بۇ‌غداي بىر دىنارغا ۋە ئۈچ قاچا ئارپا بىر دىنارغا .‏.‏.‏ » دە‌پ ئېيتقىنىنى ئاڭلىدىم».‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 6:‏6‏.‏

 ‏«ئاخىر زامان» ۋە ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىدىكى بېشارە‌ت ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن،‏ «‏دۇ‌نيا 1914-‏يىلدىن باشلاپ ئۆزگە‌ردى‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ ۋە «‏تۆت چە‌ۋە‌نداز ئۇ‌لار كىملە‌ر؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

بارلىق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنىڭ ھە‌ل قىلىنىشى

  •   «ئادە‌ملە‌ر ئۆيلە‌رنى ياساپ،‏ ئۇ‌لاردا ئولتۇ‌رىدۇ.‏ [ئۈزۈم] تاللىقلارنى سېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ مېۋىسىنى يە‌پ،‏ باشقىسىنىڭ ئولتۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن ياسىماي،‏ باشقىسىنىڭ يېيىشى ئۈچۈنمۇ تىكمە‌سلە‌ر».‏—‏يە‌شايا 65:‏21،‏ 22‏.‏

  •   «يۇ‌رتتا تاغنىڭ چوقۇ‌سىغىچە ئاشلىق ئۈنۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ ھوسۇ‌لى» مول بولىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 72:‏16‏.‏

  •   «بىچارىلە‌رنىڭ ئۆزى زۇ‌لۇ‌م تارتىپ،‏ پېقىرلار بولسا نالە قىلىپ تۇ‌رغىنى ئۈچۈن مە‌ن ئە‌مدى قوپاي دە‌پ خۇ‌داۋە‌ند [يە‌ھۋا] ئېيتۇ‌ر».‏—‏زە‌بۇ‌ر 12:‏5‏.‏ a

 پات-‏ئارىدا خۇ‌دا بىر دۆلە‌تتە ئە‌مە‌س،‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌ممىلا جايلىرىدا ئادالە‌تسىز ئىقتىسادىي شارائىتنى يوق قىلىدۇ.‏ ئۇ بۇ‌نى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «‏ئادىل بىر ئىقتىسادىي تۈزۈم ئورنىتىش مۇ‌مكىنمۇ؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

 ئە‌مما،‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ مال باھالىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىمىزغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ قانداق قىلىپ؟‏ ئۇ‌نىڭدا پۇ‌لنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىش ھە‌ققىدە ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌ر بار (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏4،‏ 5؛‏ ۋە‌ز 7:‏12‏)‏.‏ كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن،‏ «‏تېجە‌شلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈڭ‏» ۋە «‏بارىغا قانائە‌ت قىلىپ ياشاش‏» ناملىق ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

a خۇ‌دانىڭ بىردىن-‏بىر خاس ئىسىمى يە‌ھۋا.‏—‏زە‌بۇ‌ر 83:‏18‏.‏