Privacy Settings

To provide you with the best possible experience, we use cookies and similar technologies. Some cookies are necessary to make our website work and cannot be refused. You can accept or decline the use of additional cookies, which we use only to improve your experience. None of this data will ever be sold or used for marketing. To learn more, read the Global Policy on Use of Cookies and Similar Technologies. You can customize your settings at any time by going to Privacy Settings.

سىز بىلە‌مسىز؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

رىملىقلار،‏ ئە‌يساغا ئوخشاش تۈۋرۈككە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگە‌نلە‌رنىڭ ئادە‌تتىكىدە‌ك دە‌پنە قىلىنىشىغا رۇ‌خسە‌ت بە‌رگە‌نمۇ؟‏

شاگىرتلىرى ئە‌يسانىڭ جە‌سىتىنى تۈۋرۈك ياغاچتىن چۈشۈرۈپ،‏ ئۇ‌نى رە‌خت بىلە‌ن يۆگە‌ۋاتىدۇ.‏

كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر ئە‌يسانىڭ ئىككى جىنايە‌تچى ئوتتۇ‌رىسىدا تۈۋرۈككە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئاڭلىغان (‏مە‌تتا 27:‏35–‏38‏)‏.‏ لېكىن،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسانىڭ جە‌سىتى دە‌پنە قىلىشقا تە‌ييارلىنىپ،‏ قە‌برىگە قويۇ‌لغانلىقى ھە‌ققىدە بايانلارنىڭ توغرىلىقىغا ئىشە‌نمە‌يدۇ.‏—‏ماركۇ‌س 15:‏42–‏46‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌نقىد قىلغۇ‌چىلاردىن بە‌زىلىرى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان كىشىلە‌رنى ئادە‌تتىكىدە‌ك دە‌پنە قىلىشقا،‏ مە‌سىلە‌ن قە‌برىگە يە‌رلە‌شكە رۇ‌خسە‌ت قىلىنغانلىقىدىن گۇ‌مانلىنىدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار جىنايە‌تچى سۈپىتىدە ئۆلتۈرۈلگە‌نلە‌رنىڭ جە‌سىتى باشقىچە بىر تە‌رە‌پ قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىشىدۇ.‏ ئارىئېل سابار ئىسىملىك ژۇ‌رنالىست «سىمىسسون» تە‌تقىقات ئورنىنىڭ ژۇ‌رنىلىدا بە‌زىلە‌رنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق بىر كۆز قاراشتا ئىكە‌نلىكىنى مۇ‌نداق دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «تۈۋرۈككە مىخلاش جە‌مئىيە‌تتىكى ئە‌ڭ ۋە‌ھشىي جىنايە‌تچىلە‌رگە بېرىلگە‌ن جازا ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌زى مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ر رىملىقلارنىڭ تۈۋرۈككە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگە‌نلە‌رنىڭ جە‌سىتىنى ئادە‌تتىكىدە‌ك دە‌پنە قىلىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلىشى ھە‌رگىزمۇ مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س دە‌پ قارايدۇ».‏ رىملىقلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايە‌تچىلە‌رنى ئە‌ڭ كۈچلۈك نومۇ‌س ھېس قىلدۇ‌رىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ھاقارە‌تلىك مۇ‌ئامىلە قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار جىنايە‌تچىلە‌رنىڭ جە‌سە‌تلىرىنى يىرتقۇ‌چ ھايۋاناتلارغا يە‌م قىلىش ئۈچۈن تۈۋرۈكتە قالدۇ‌رغان.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ جە‌سە‌تلىرىنىڭ قالدۇ‌قلىرىنى جە‌سە‌تلە‌ر دۆۋىلە‌نگە‌ن ئورتاق بىر قە‌برىگە تاشلىغان.‏

لېكىن،‏ ئارخېئولوگلار شۇ‌نى بايقىغانكى،‏ ئۆلتۈرۈلگە‌ن بە‌زى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ جە‌سە‌تلىرى شۇ‌نداق بىر تە‌رە‌پ قىلىنمىغان.‏ 1968-‏يىلى،‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ئۆلتۈرۈلگە‌ن بىر كىشىنىڭ جە‌سىتىنىڭ قالدۇ‌ق سۆڭە‌كلىرى تېپىلغان.‏ ئۇ‌لار يېرۇ‌سالىمغا يېقىن جايدىكى بىر يە‌ھۇ‌دىي ئائىلىسىگە تە‌ۋە بولغان قە‌برىدىن تېپىلغان.‏ ئاشۇ قالدۇ‌ق سۆڭە‌كلە‌ر مە‌خسۇ‌س جە‌سە‌ت سۆڭە‌كلىرى ساقلىنىدىغان ساندۇ‌قتا ئىدى.‏ شۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا بىر تاپان سۆڭىكى بار بولۇ‌پ،‏ بۇ سۆڭە‌ك 5.‏11 سانتىمېتىر ئۇ‌زۇ‌نلۇ‌قتىكى تۆمۈر مىخ بىلە‌ن ياغاچ تاختايغا مىخلانغان ھالە‌تتە ئىدى.‏ ئارىئېل سابار مۇ‌نداق يازغان:‏ «يە‌ھوخانان ئىسىملىك كىشىگە تە‌ۋە تاپان سۆڭىكى،‏ ئە‌يسانىڭ جە‌سىتى قە‌برىگە دە‌پنە قىلىنغانلىقى ھە‌ققىدە ئۇ‌زۇ‌ندىن-‏ئۇ‌زۇ‌نغا سوزۇ‌لغان تاللاش-‏تارتىشلارنى ھە‌ل قىلىشقا ياردە‌م بە‌ردى.‏ .‏.‏.‏ بۇ يە‌ھوخاناننىڭ تاپان سۆڭىكى ئە‌يسانىڭ زامانىدا رىملىقلارنىڭ تۈۋرۈككە مىخلانغان بىر يە‌ھۇ‌دىينى ئادە‌تتىكىدە‌ك قە‌برىگە يە‌رلە‌شكە رۇ‌خسە‌ت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».‏

بۇ تېپىلغان تاپان سۆڭە‌ككە ئاساسلىنىپ،‏ كىشىلە‌ر ھازىرغىچە ئە‌يسانىڭ تۈۋرۈككە قانداق ھالە‌تتە مىخلانغانلىقى ھە‌ققىدە ھە‌ر تۈرلۈك كۆز قاراشتا بولۇ‌شماقتا.‏ لېكىن،‏ شۇ‌نى ئىشە‌نچ بىلە‌ن ئېيتىشقا بولىدۇ‌كى،‏ بە‌زى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايە‌تچىلە‌رنىڭ جە‌سە‌تلىرى جە‌سە‌تلە‌ر دۆۋىلە‌نگە‌ن ئورتاق بىر قە‌برىگە تاشلانماي،‏ ئادە‌تتىكىدە‌ك قە‌برىگە دە‌پنە قىلىنغان.‏ دېمە‌ك،‏ ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسانىڭ جە‌سىتى قە‌برىگە قويۇ‌لۇ‌پ،‏ ئادە‌تتىكىدە‌ك دە‌پنە قىلىنغانلىقى ھە‌ققىدىكى بايانلار ئىشە‌نچلىكتۇ‌ر ۋە تېپىلغان دە‌لىل-‏ئىسپاتلارمۇ بۇ‌نى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏

ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ باي كىشىنىڭ قە‌برىسىگە دە‌پنە قىلىنىدىغانلىقى ئالدىن بېشارە‌ت قىلىنغان.‏ ھە‌مدە خۇ‌دانىڭ سۆزلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا ھېچ نە‌رسە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلالمايدۇ.‏—‏يە‌شايا 53:‏9؛‏ 55:‏11‏.‏