ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
شىنگۇ دە‌رياسى بويىدىكى يېزىلاردا ۋە‌ز قىلىش
https://cms-imgp.jw-cdn.org/img/p/502014246/univ/art/502014246_univ_sqr_xl.jpg

شىنگۇ دە‌رياسى بويىدىكى يېزىلاردا ۋە‌ز قىلىش

شىنگۇ دە‌رياسى بويىدىكى يېزىلاردا ۋە‌ز قىلىش

2013-‏يىل ئىيۇ‌ل ئېيىنىڭ باشلىرىدا،‏ يىگىرمە سە‌ككىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى برازىلىيىنىڭ سان-‏فېلىكس-‏دو-‏شىنگۇ شە‌ھىرىدىكى كاياپو ۋە يۇ‌رۇ‌نا دېگە‌ن ئىندىئان قە‌بىلىلىرى ياشايدىغان يېزىلارغا سە‌پە‌رگە ئاتلاندى.‏ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئۇ‌زۇ‌نلىقى 15 مېتىرلىق قېيىقتا شىنگۇ دە‌رياسىنىڭ سۇ ئېقىمىغا قارشى كە‌تتى.‏ ئامازون دە‌رياسىنىڭ تارماق ئېقىمى بولغان بۇ دە‌ريا 2092 كىلومتېرغا سوزۇ‌لغان ئىدى.‏

ئۇ‌لارنىڭ بۇ سە‌پە‌رگە چىقىشىنىڭ مە‌قسىتى نېمە؟‏ مە‌قسىتى —‏ دە‌ريا بويىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغانلارغا خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش.‏ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇ‌لار كوكرايمورو يېزىسىغا يېتىپ كە‌لدى.‏ يە‌رلىك كىشىلە‌ر ئۇ‌لارغا مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىپ،‏ خۇ‌رسە‌نلىك بىلە‌ن قارشى ئالدى.‏ بىر ئايال قىزغىنلىق بىلە‌ن قول ئىشارە‌ت قىلىۋاتاتتى.‏ شۇ چاغدا يە‌رلىك يول باشلىغۇ‌چى ئۇ ئايالنىڭ نېمە دېمە‌كچى بولغانلىقىنى چۈشە‌ندۈردى:‏ «بۇ قول ئىشارە‌ت «كېلىڭلار!‏ سىلە‌ر بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌شنى خالايمىز!‏» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ».‏

گۇ‌ۋاھچىلار ھە‌ممىسى بىلە‌ن —‏ بە‌زىلىرى بىلە‌ن پورتۇ‌گال تىلىدا بولسا،‏ باشقىلىرى بىلە‌ن قول ئىشارە‌تلە‌رنىڭ ياردىمى ئارقىلىق سۆزلە‌شتى.‏ خۇ‌دا سۆزىگە ئاساسلانغان رە‌ڭلىك رە‌سىملىرى بار ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولدى.‏ كۆپلىگە‌ن يېزا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ماتېرىياللارنى،‏ بولۇ‌پمۇ «خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىڭ» كىتابچىنى ئالدى.‏

سان-‏فېلىكس-‏دو-‏شىنگۇ شە‌ھىرىدە مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان گېرسون «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھېكايىلىرى» ناملىق ماتېرىيالنى ئالغان بىر ئە‌ر كىشىنى ئېسىگە ئېلىپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ كىتابنى كۆرگە‌ندىلا ئىككى قولى بىلە‌ن ھە‌مكە‌م تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ،‏ ئۇ‌نى ھە‌تتا بىر مىنۇ‌تقا قويۇ‌پ قويغۇ‌سى كە‌لمىدى».‏

بۇ سە‌پە‌ردە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دە‌ريا بويىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان شۇ مىننە‌تدارلىق كۆرسە‌تكە‌ن كىشىلە‌رگە 500گە يېقىن كىتاب،‏ ژۇ‌رنال ۋە كىتابچىلارنى تارقىتىپ بە‌ردى.‏ كاۋاتىرى يېزىسىدىكى كىشىلە‌ر خۇ‌دانىڭ يە‌ر يۈزىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ش ھە‌ققىدە بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى زېھىن قويۇ‌پ تىڭشىدى.‏ كاياپو ئىندىئان قە‌بىلىسىدىن چىققان تونجايكۋا ئىسىملىك بىر مېھماندوست كىشى:‏ «جە‌ننە‌تتە ئادە‌ملە‌ر بىزگە ئوخشاش ھايات كە‌چۈرە‌رمىكىن»،‏ —‏ دېدى.‏

سان-‏فېلىكس-‏دو-‏شىنگۇ شە‌ھىرىدىكى خە‌لقنىڭ كۆپىنچىسى بۇ سە‌پە‌ر توغرىسىدا بىلگە‌ن.‏ شۇ سە‌پە‌رگە ماڭغان سىمونې ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئۇ ياشايدىغان شە‌ھە‌ردىكى بە‌زى كىشىلە‌ر گۇ‌ۋاھچىلارنى شۇ يېزىلارغا كىرگۈزىدىغانلىقىغا گۇ‌مان قىلغان.‏ لېكىن،‏ ھېچقانداق قىيىنچىلىق بولمىدى.‏ «ئۇ يە‌ردە بىزنى ئىللىق قارشى ئالدى ۋە بىز ھە‌ممىسىگە ۋە‌ز قىلالىدۇ‌ق»،‏ —‏ دېدى سىمونې.‏