نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ جاۋابى
ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىنسانلار ھەرتۈرلۈك سوئاللارنى سورايدۇ. مەسىلەن: «نېمە ئۈچۈن بىز دۇنياغا كەلدۇق؟» ياكى «مەن نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن؟» مۇقەددەس كىتاب، ھاياتنىڭ مەنىسى — ئىنسانلارنىڭ خۇدا بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۇقەددەس كىتابتىن بەزى مۇھىم ھەقىقەتلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ:
خۇدا بىزنىڭ ياراتقۇچىمىزدۇر. مۇقەددەس كىتاب مۇنۇ ھەقىقەت ئېنىق كۆرسىتىلگەن: ‹خۇدا بىزنى ياراتقاندۇر، بىز ئۆزىمىز ئەمەس› .— زەبۇر 100:3 ؛ ۋەھىيلەر 4:11.
خۇدا ئۆزى بىز ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە مەۋجۇداتلارنى مەقسەتلىك ياراتقان.—يەشايا 45:18.
خۇدا بىزنى روھىي ئېھتىياجلار بىلەن ياراتقان. شۇڭا بىز ھەممىمىز ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى توغرۇلۇق بىلىشنى بەكمۇ خالايمىز (مەتتا 5:3). ياراتقۇچىمىز بىزنىڭ روھىي ئېھتىياجىمىزنى قانائەت تاپقۇزۇشىمىزنى خالايدۇ.—زەبۇر 145:16.
روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائەت تاپقۇزماقچى بولساق، بىز خۇدا بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز كېرەك. گەرچە بەزىلەرگە خۇدا بىلەن دوست بولۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتەك تۇيۇلسىمۇ، مۇقەددەس كىتاب: «خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، شۇندىلا ئۇ ھەم سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ»،— دەپ، بىزنى ياراتقۇچى بىلەن دوست بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.—ياقۇپ 4:8؛ 2:23.
ياراتقۇچىنىڭ دوستى بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى بىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ماس ھايات كەچۈرۈشىمىز كېرەك. ۋەز 12:13-ئايەت ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ھەق خۇدادىن قورققىن ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلغىن. چۈنكى، ئىنساننىڭ بارچە مەجبۇرىيىتى بۇدۇر».
كېلەچەكتە خۇدا بارچە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلغاندا ۋە ئۇ دوستلىرىغا، يەنى ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتنى بەرگەندە، بىز مەنىلىك ھايات كەچۈرىمىز. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ دەسلەپتە ئىنسانلار ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشىدۇ.—زەبۇر 37:10، 11.

