مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب.‏ سوئال-‏جاۋاب

گۇ‌ناھ دېگە‌ن نېمە؟‏

ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
گۇ‌ناھ دېگە‌ن نېمە؟‏
https://cms-imgp.jw-cdn.org/img/p/502015233/univ/art/502015233_univ_sqr_xl.jpg
96 qbwji-‏ماقالە

گۇ‌ناھ دېگە‌ن نېمە؟‏

گۇ‌ناھ دېگە‌ن نېمە؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ جاۋابى

 گۇ‌ناھ بۇ خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌م-‏تە‌لە‌پلىرىگە زىت بولغان بارلىق ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ ياكى ئوي-‏پىكىر.‏ ئۇ يە‌نە خۇ‌دانىڭ كۆزقارىشىغا ماس كە‌لمە‌يدىغان خاتا ياكى ناھە‌ق ئىشنى قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ قانۇ‌نلىرىنى بۇ‌زۇ‌شنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏4؛‏ 5:‏17‏)‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا توغرا ئىشنى بىلىپ تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى قىلمىسا،‏ گۇ‌ناھ قىلغان بولىدۇ دېيىلگە‌ن.‏—‏ياقۇ‌پ 4:‏17‏.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يېزىلغان ئە‌سلى تىللاردا «گۇ‌ناھ» سۆزى «نىشانغا تە‌گكۈزە‌لمە‌سلىك» ياكى «نىشانغا يە‌تكۈزە‌لمە‌سلىك» دېگە‌ندە‌ك مە‌نىلە‌رنى بىلدۈرىدۇ.‏ قە‌دىمكى ئىسرائىلار ئارىسىدا بىر توپ ئە‌سكە‌رلە‌رنىڭ سالغا بىلە‌ن تاش ئېتىش ماھارىتى ناھايىتى يۇ‌قىرى ئىدى.‏ ئۇ‌لار ئاتقان تاش نىشانغا تە‌گمە‌ي قالمايتتى (‏ھاكىملار 20:‏16‏)‏ دېمە‌ك،‏ گۇ‌ناھ قىلىش —‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۆلچە‌م-‏تە‌لە‌پلىرىگە يېتە‌لمە‌سلىكنى بىلدۈرىدۇ.‏

 يە‌ھۋا ياراتقۇ‌چى بولغاچقا،‏ ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆلچە‌م-‏تە‌لە‌پلە‌رنى ئورنىتىش ھوقۇ‌قى بار (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11‏)‏.‏ ھە‌ربىر قىلغان ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىز ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىمىز.‏—‏رىملىقلار 14:‏12‏.‏

ھېچقانداق گۇ‌ناھ قىلماي ياشاش مۇ‌مكىنمۇ؟‏

 ياق،‏ مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب «ھە‌ممە ئادە‌م گۇ‌ناھ قىلغان ۋە خۇ‌دانىڭ شان-‏شە‌رىپىدىن مە‌ھرۇ‌م قالغان» دە‌يدۇ (‏رىملىقلار 3:‏23؛‏ 1-‏پادىشاھلار 8:‏46؛‏ ۋە‌ز 7:‏20؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏8‏)‏.‏ قانداق بولۇ‌پ،‏ ئىنسانلار بۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا چۈشۈپ قالغان؟‏

 ئە‌ڭ دە‌سلە‌پتە تۇ‌نجى ئىنسانلار ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا گۇ‌ناھسىز بولغان.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئوبرازىدا مۇ‌كە‌ممە‌ل يارىتىلغانىدى (‏يارىتىلىش 1:‏27‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلىپ،‏ مۇ‌كە‌ممە‌للىكتىن ئايرىلىپ قالغان (‏يارىتىلىش 3:‏5،‏ 6،‏ 17–‏19‏)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ‌لار ئە‌ۋلاد كۆرۈپ،‏ گۇ‌ناھ ۋە نامۇ‌كە‌ممە‌للىكنى ئۇ‌لارغا مىراس قالدۇ‌رغان (‏رىملىقلار 5:‏12‏)‏ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇ‌ت مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن گۇ‌ناھكار بولۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لغان ئىدىم،‏ ئانام ماڭا ھامىلدار بولغاندىلا گۇ‌ناھ ئىچىدە ئىدىم».‏—‏زە‌بۇ‌ر 51:‏5‏.‏

بە‌زى گۇ‌ناھلار باشقا گۇ‌ناھلاردىن ئېغىرراقمۇ؟‏

 ھە‌ئە.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا قە‌دىمكى سودوم شە‌ھىرىنىڭ خە‌لقى «بە‌ك رە‌زىل بولۇ‌پ،‏ .‏ .‏ .‏ ئېغىر گۇ‌ناھلارنى قىلىشتى» دە‌پ يېزىلغان (‏يارىتىلىش 13:‏13؛‏ 18:‏20‏)‏.‏ گۇ‌ناھنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بە‌لگىلە‌يدىغان ئۈچ ئامىلنى كۆرۈپ چىقايلى:‏

  1.   گۇ‌ناھنىڭ ئېغىرلىق دە‌رىجىسى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تۆۋە‌ندىكىدە‌ك ئېغىر گۇ‌ناھلىق قىلمىشلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شنى ئاگاھلاندۇ‌رغان:‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق،‏ بۇ‌تپە‌رە‌سلىك،‏ ئوغۇ‌رلۇ‌ق،‏ ھاراقكە‌شلىك،‏ بۇ‌لاڭچىلىق،‏ قاتىللىق،‏ جىنكە‌شلىك (‏1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9–‏11؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏8‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا شۇ‌نداق ئېغىر گۇ‌ناھلار بىلە‌ن بە‌زىدە ئويلانماي بە‌زى گە‌پ-‏سۆزلە‌ر ياكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلىپ قويۇ‌پ،‏ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىش ئارىسىدا پە‌رق بارلىقى كۆرسىتىلگە‌ن (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏18؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏31،‏ 32‏)‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇ‌ناھىم كىچىك گۇ‌ناھ دە‌پ گۇ‌ناھقا سە‌ل قارىماسلىق ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏ چۈنكى،‏ كىچىك گۇ‌ناھ ئېغىر گۇ‌ناھقا،‏ يە‌نى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرىنى بۇ‌زۇ‌شقا يېتە‌كلىشى مۇ‌مكىن.‏—‏مە‌تتا 5:‏27،‏ 28‏.‏

  2.   نىيە‌ت.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌م-‏تە‌لە‌پلىرىنى بىلمىگە‌چكە،‏ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏30؛‏ 1-‏تىموتىي 1:‏13‏)‏.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌نە بە‌زىلە‌رنى ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرىنى بىلىپ تۇ‌رۇ‌پ،‏ قە‌ستە‌ن قارشى ئىشلارنى قىلىدۇ (‏سانلار 15:‏30،‏ 31‏)‏.‏ بىلىپ تۇ‌رۇ‌پ قە‌ستە‌ن قىلىنغان گۇ‌ناھ رە‌زىل قە‌لبتىن كېلىپ چىقىدۇ.‏—‏يە‌رە‌مىيا 16:‏12‏.‏

  3.   گۇ‌ناھنىڭ تە‌كرارلىنىشى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىر قېتىم قىلىنغان گۇ‌ناھ بىلە‌ن ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت تە‌كرار-‏تە‌كرار قىلىنغان گۇ‌ناھلار ئوتتۇ‌رىسىدا پە‌رق بارلىقى كۆرسىتىلگە‌ن (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏4–‏8‏)‏.‏ نېمىنىڭ توغرا ئىكە‌نلىكىنى بىلىپ تۇ‌رۇ‌پ،‏ قە‌ستە‌ن گۇ‌ناھ قىلغان كىشى خۇ‌دانىڭ قە‌ھرى-‏غە‌زىپىگە ئۇ‌چرايدۇ.‏—‏ئىبرانىيلار 10:‏26،‏ 27‏.‏

 ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان كىشىلە‌ر ۋىجدان ئازابى تارتىپ،‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ مۇ‌نداق يازغان:‏ «چۈنكى،‏ بېشىمدىن ئېشىپ كە‌تتى گۇ‌ناھلىرىم؛‏ ئۇ‌لار خۇ‌ددى ئېغىر يۈكتە‌ك،‏ مە‌ن ئۇ‌لارنى كۆتۈرە‌لمىدىم» (‏زە‌بۇ‌ر 38:‏4‏)‏.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق ئۈمىد بېرىدۇ:‏ «رە‌زىل ئادە‌م ئۆز يولىدىن يانسۇ‌ن،‏ قارا نىيە‌ت ئادە‌م ئۆز ئوي-‏خىياللىرىنى تاشلىسۇ‌ن،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ يېنىغا قايتسۇ‌ن،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت تاپار،‏ خۇ‌دايىمىزنىڭ يېنىغا قايتسۇ‌ن،‏ چۈنكى ئۇ زىيادە كە‌چۈرۈم قىلار».‏—‏يە‌شايا 55:‏7‏.‏