خۇ‌دا پادىشاھلىقى زادى قە‌يە‌ردە؟‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى زادى قە‌يە‌ردە؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ جاۋابى

 نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىنى ياخشى نىيە‌تلىك ئادە‌ملە‌رنىڭ قە‌لبىدە دە‌پ ئويلايدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بۇ پادىشاھلىقنى «ئاسمان پادىشاھلىقى» دە‌پمۇ ئاتايدۇ (‏مە‌تتا 4:‏17‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى —‏ ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان ھە‌قىقىي ھۆكۈمە‌تتۇ‌ر.‏

  •   خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى،‏ پۇ‌قرالىرى ۋە قانۇ‌نلىرى بار.‏ خۇ‌دا بۇ ھۆكۈمە‌تكە ئاسماندا ۋە يە‌ر يۈزىدە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ھوقۇ‌قىنى بە‌رگە‌ن.‏—‏مە‌تتا 6:‏10؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 5:‏10‏.‏

  •   خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمىتى،‏ يە‌نى پادىشاھلىقى دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا ياشايدىغان،‏ «ھە‌رخىل تىللاردا سۆزلە‌يدىغان بارچە خە‌لقلە‌ر» ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ (‏دانىيال 7:‏13،‏ 14‏)‏.‏ بۇ پادىشاھلىققا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش ھوقۇ‌قىنى پۇ‌قرالىرى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دا ئۆزى بېرىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 2:‏4–‏6؛‏ يە‌شايا 9:‏7‏.‏

  •   ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆزىنىڭ سادىق ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئاسماندىكى پادىشاھلىقىدا ئۆزى بىلە‌ن بىرلىكتە تە‌ختلە‌ردە ئولتۇ‌رىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏—‏لۇ‌قا 22:‏28،‏ 30‏.‏

  •   خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئۆز دۈشمە‌نلىرىنى يوق قىلىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 2:‏1،‏ 2،‏ 8،‏ 9؛‏ 110:‏1،‏ 2؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏25،‏ 26‏.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئاسماندىكى پادىشاھلىق ئىنساننىڭ قە‌لبىدە بولغاچقا،‏ ئۇ ئىنساننىڭ قە‌لبى ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ دېمە‌يدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار «‏پادىشاھلىقنىڭ سۆزى‏» ياكى «پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرى» كىشىنىڭ قە‌لبىگە تە‌سىر قىلالايدىغانلىقى ۋە چوقۇ‌م قە‌لبىمىزگە تە‌سىر قىلىشى كېرە‌كلىكى توغرىسىدا ئۆگىتىدۇ.‏—‏مە‌تتا 13:‏19؛‏ 24:‏14‏.‏

خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى دىلىڭلاردىدۇ‌ر دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

 بە‌زى ئادە‌ملە‌ر لۇ‌قا 17:‏21-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى ئوقۇ‌پ،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ قە‌يە‌ردە ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نمە‌ي قالىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىر تە‌رجىمىسىدە:‏ «خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى دىلىڭلاردىدۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بۇ ئايە‌تنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن مۇ‌شۇ ئايە‌تنىڭ ئالدىدىكى ۋە كە‌ينىدىكى ئايە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقىش كېرە‌ك.‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان قارشى چىققۇ‌چىلارنىڭ قە‌لبىدە بولمىغان

 ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر بۇ سۆزلە‌رنى پە‌رىسىيلە‌رگە قارىتا ئېيتقان ئىدى.‏ بۇ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ھە‌زرىتى ئە‌يساغا قارشىلىق كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌نى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرگە‌نىدى (‏مە‌تتا 12:‏14؛‏ لۇ‌قا 17:‏20‏)‏.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى شۇ‌نداق رە‌زىل كىشىلە‌رنىڭ قە‌لبىدە بار دە‌پ ئويلاش ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىقمۇ؟‏ ياق،‏ ئە‌كسىنچە ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئىچىڭلار ساختىپە‌زلىك ۋە قانۇ‌نسىزلىققا تولغاندۇ‌ر».‏—‏مە‌تتا 23:‏27،‏ 28‏.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ باشقا تە‌رجىمىلىرى ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ لۇ‌قا 17:‏21-‏ئايە‌تتىكى (‏يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى)‏ سۆزلىرىنى ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىپ،‏ «خۇ‌دا پادىشاھلىقى سىلە‌رنىڭ ئاراڭلاردىدۇ‌ر‏» دە‌يدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى پە‌رىسىيلە‌رنىڭ ئارىسىدا ئىدى،‏ چۈنكى ھە‌زرىتى ئە‌يسا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا تۇ‌رغان.‏—‏لۇ‌قا 1:‏32،‏ 33‏.‏