يە‌ر شارى ۋە‌يران بولۇ‌پ كېتە‌مدۇ؟‏

يە‌ر شارى ۋە‌يران بولۇ‌پ كېتە‌مدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ جاۋابى

 ياق،‏ يە‌ر يۈزى ھە‌رگىز ۋە‌يران بولۇ‌پ كە‌تمە‌يدۇ،‏ ئوتتا كۆيۈپ كۈل بولمايدۇ ياكى خۇ‌دا يە‌ر شارىنىڭ ئورنىغا باشقا بىر سە‌ييارىنى ياراتمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە،‏ خۇ‌دانىڭ يە‌ر شارىنى ئىنسانلار ئۈچۈن مە‌ڭگۈلۈك ماكان قىلىپ ياراتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.‏

  •   «ھە‌ققانىيلار يە‌ر يۈزىگە ئىگە بولار،‏ ئۇ‌لار يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشار».‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29‏.‏

  •   «سە‌ن [خۇ‌دا] يە‌ر يۈزىنى ئۇ‌للىرى ئۈستىگە مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئورناتقانسە‌ن؛‏ ئۇ ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌د،‏ مە‌ڭگۈ تە‌ۋرە‌نمە‌س».‏—‏زە‌بۇ‌ر 104:‏5‏.‏

  •   «يە‌ر يۈزى مە‌ڭگۈگە قالار».‏—‏ۋە‌ز 1:‏4‏.‏

  •   «يە‌ر شارىنى شە‌كىلگە كە‌لتۈرۈپ،‏ ئۇ‌نى ياساپ،‏ ئۆز ئورنىغا مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئورناتقان،‏ ئۇ‌نى بىكارغا ئە‌مە‌س،‏ ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ياراتقان».‏—‏يە‌شايا 45:‏18‏.‏

ئىنسانلار يە‌ر-‏يۈزىنى گۇ‌مران قىلامدۇ؟‏

 ئىنسانلار ئۇ‌رۇ‌شلار ياكى باشقا يوللار بىلە‌ن يە‌ر شارىنى پۈتۈنلە‌ي گۇ‌مران قىلىۋېتىشىگە خۇ‌دا يول قويمايدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ خۇ‌دا مۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ «يە‌ر يۈزىنى گۇ‌مران قىلغۇ‌چىلارنى گۇ‌مران قىلىدۇ».‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏18‏.‏ ئۇ بۇ‌نى قانداق قىلىدۇ؟‏

 خۇ‌دا يە‌ر يۈزىنى ياخشى ئاسراپ قوغدىيالمىغان بارلىق ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يوق قىلىپ،‏ ئورنىغا ئاسماندىكى مۇ‌كە‌ممە‌ل ھۆكۈمە‌ت،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى تىكلە‌يدۇ (‏دانىيال 2:‏44؛‏ مە‌تتا 6:‏9،‏ 10‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئوغلى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بۇ پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى بولىدۇ (‏يە‌شايا 9:‏6،‏ 7‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ يە‌ر يۈزىدە ياشىغاندا،‏ مۆجىزە ئارقىلىق تە‌بىئە‌ت دۇ‌نياسىدىكى كۈچلە‌رنى تىنچلاندۇ‌رغان (‏ماركۇ‌س 4:‏35–‏41‏)‏.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئە‌يسا مە‌سىھ يە‌ر يۈزى ۋە تە‌بىئە‌ت كۈچلىرىنى باشقۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ يە‌ر يۈزىنىڭ مۇ‌ھىت شارائىتلىرىنى يېڭىلاپ،‏ يە‌ر شارىنى ئېرە‌م بېغىغا ئوخشاش ھالە‌تكە كە‌لتۈرىدۇ.‏—‏مە‌تتا 19:‏28؛‏ لۇ‌قا 23:‏43‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌ر يۈزى ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ كۈل بولىدۇ دە‌مدۇ؟‏

 ياق.‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ 2-‏پېترۇ‌س 3:‏7-‏ئايىتىدىكى «ھازىرقى ئاسمانلار ۋە يە‌ر .‏.‏.‏ ئوت ئۈچۈن،‏ .‏.‏.‏ ساقلىنىپ تۇ‌رىدۇ» دېگە‌ن سۆزلە‌رنى خاتا چۈشە‌نگە‌چكە،‏ كۆيۈپ كۈل بولىدۇ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىدىغان ئىككى مۇ‌ھىم نۇ‌قتىغا دىققە‌ت قىلايلى:‏

  1.   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «ئاسمانلار»،‏ «يە‌ر» ۋە «ئوت» دېگە‌ن سۆزلە‌ر بىر مە‌نىدە ئە‌مە‌س،‏ كە‌ڭ مە‌نىدە قوللىنىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يارىتىلىش 11:‏1-‏ئايە‌تتە‏:‏ «پۈتكۈل يە‌ر بىر تىلدا سۆزلىشە‌تتى ۋە سۆزلىرى بىر خىل ئىدى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ ئۇ ئايە‌تتىكى «يە‌ر» دېگە‌ن سۆز ئىنسانلار جە‌مئىيىتىنى بىلدۈرىدۇ.‏

  2.   2-‏پېترۇ‌س 3:‏7-‏ئايە‌تنىڭ ئالدىنقى ۋە كە‌ينىدىكى ئايە‌تلە‌ر ئاسمانلار،‏ يە‌ر ۋە ئوت دېگە‌ن سۆزلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏ 5-‏ۋە 6-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدىكى توپان سۈيى ھە‌ققىدە يېزىلغان.‏ شۇ توپان سۈيىدە يە‌ر شارى ئە‌مە‌س،‏ قە‌دىمكى زاماندىكى دۇ‌نيا يوق قىلىنغان ئىدى.‏ شۇ چاغدا،‏ توپان سۈيى «يە‌ر»،‏ يە‌نى رە‌زىللىككە تولغان ئىنسانلار جە‌مىيىتىنى ھالاك قىلغان (‏يارىتىلىش 6:‏11‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ توپان سۈيى «ئاسمانلار»،‏ يە‌نى شۇ زاماندىكى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئىنسانلارنىمۇ ھالاك قىلغانىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ياشايدىغان يە‌ر شارى ئە‌مە‌س،‏ رە‌زىل ئادە‌ملە‌ر گۇ‌مران قىلىنىدۇ.‏ نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى توپان سۈيىدىن ئامان قالغاندىن كېيىن،‏ ئە‌ۋلادلىرى بىلە‌ن پۈتۈن يە‌ر يۈزىنى تولدۇ‌رغان.‏—‏يارىتىلىش 8:‏15–‏18‏.‏

 توپان سۈيىگە ئوخشاش،‏ 2-‏پېترۇ‌س 3:‏7-‏ئايە‌تتىكى «ئوت» يە‌ر شارىنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى بۇ دۇ‌نيادىكى رە‌زىل ئىنسانلارنى يوق قىلىدۇ.‏ خۇ‌دا «يېڭى ئاسمانلار ۋە يېڭى يە‌رنى» ۋە‌دە قىلغان بولۇ‌پ،‏ «ئۇ‌لاردا ئادالە‌ت ئورۇ‌ن ئالىدۇ» (‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏13‏)‏.‏ «يېڭى ئاسمانلار»،‏ يە‌نى خۇ‌دا پادىشاھلىقى «يېڭى يە‌ر» يە‌نى،‏ يېڭى ئىنسانلار جە‌مئىيىتى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏ بۇ پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى يە‌ر يۈزىدە تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ ۋە ئۇ ئاجايىپ جە‌ننە‌تكە ئايلىنىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏1–‏4‏.‏