ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقىغا يۈز بە‌رگە‌نلىكىگە يول قويغان؟‏
https://cms-imgp.jw-cdn.org/img/p/502013209/univ/art/502013209_univ_sqr_xl.jpg
45 qbwji-‏ماقالە

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقى يۈز بە‌رگە‌ن؟‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا ئۇ‌نى توختاتمىغان؟‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقى يۈز بە‌رگە‌ن؟‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا ئۇ‌نى توختاتمىغان؟‏

 بۇ سوئالنى سورايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىلىرى يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ،‏ قاتتىق قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تنى چە‌ككە‌ن كىشىلە‌ر.‏ ئۇ‌لار بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشتىن باشقا،‏ كۆڭلىگە تە‌سە‌للى ئىزدە‌يدۇ.‏ باشقىلار بولسا،‏ يۈز بە‌رگە‌ن يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ ئە‌ڭ دە‌ھشە‌تلىك،‏ ۋە‌ھشىي جىنايە‌ت دە‌پ قارىغاچقا،‏ ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌دانىڭ بارلىقىغا ئىشە‌نگۈسى كە‌لمە‌يدۇ.‏

خۇ‌دا ۋە يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى كە‌ڭ تارقالغان ناتوغرا ئوي-‏پىكىرلە‌ر

  ناتوغرا ئوي-‏پىكىر:‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بە‌رگە‌نلىكىگە يول قويغان دېگە‌ن سوئالنى سوراش ناتوغرا.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ خۇ‌داغا چىن دىلىدىن ئىشىنىدىغان كىشىلە‌ر نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويىدۇ دېگە‌ن سوئالنى سورىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھاباققۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌دادىن مۇ‌نداق سورىغان:‏ «نېمە ئۈچۈن ماڭا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىك ئىشلارنى كۆرسىتىسە‌ن؟‏ نېمە ئۈچۈن سە‌ن زورلۇ‌ق-‏زومبۇ‌لۇ‌ققا چىداپ تۇ‌رىسە‌ن؟‏ نېمە ئۈچۈن كۆز ئالدىمدا قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىق بار؟‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌رۇ‌ش-‏جىدە‌ل ۋە توقۇ‌نۇ‌شلار شۇ‌نچە كۆپ؟‏» (‏ھاباققۇ‌ق 1:‏3‏)‏.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا ھاباققۇ‌قنى ئە‌يىبلىمىگە‌ن،‏ ئە‌كسىچە ئۇ‌نىڭ سورىغان سوئاللىرىنى بارچە ئىنسانلارنىڭ ئوقۇ‌شى ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رغان.‏

  ناتوغرا ئوي-‏پىكىر:‏ خۇ‌دا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىگە پە‌رۋا قىلمايدۇ.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ خۇ‌دا يامانلىقنى ۋە يامانلىق پە‌يدا قىلغان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى ئۆچ كۆرىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 6:‏16–‏19‏)‏.‏ نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كۈنلىرىدە دۇ‌نيانىڭ زوراۋانلىققا تولغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ خۇ‌دا ئە‌پسۇ‌سلىنىپ،‏ كۆڭلى ئازابلانغانىدى (‏يارىتىلىش 6:‏5،‏ 6‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ يۈز بە‌رگە‌ن يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقىمۇ خۇ‌دانى ناھايىتى ئازابلىغان.‏—‏مالاكى 3:‏6‏.‏

  ناتوغرا ئوي-‏پىكىر:‏ يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقى خۇ‌دانىڭ يە‌ھۇ‌دىيلارغا ئە‌ۋە‌تكە‌ن جازاسى.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ خۇ‌دا بىرىنچى ئە‌سىردە رىملىقلارنىڭ يېرۇ‌سالىم شە‌ھىرىنى ۋە‌يران قىلىشىغا يول قويغان (‏مە‌تتا 23:‏37–‏24:‏2‏)‏ شۇ زاماندىن بېرى،‏ خۇ‌دا مە‌لۇ‌م بىر خە‌لققە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش ياكى جازالاش ئۈچۈن پە‌رقلىق مۇ‌ئامىلە قىلمايدىغان بولغان.‏ خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا يە‌ھۇ‌دىي بىلە‌ن باشقا مىللە‌ت خە‌لقىنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پە‌رق يوق.‏ ئۇ بارچە مىللە‌ت خە‌لقىگە تە‌ڭ باراۋە‌ر قارايدۇ.‏—‏رىملىقلار 10:‏12‏.‏

  ناتوغرا ئوي-‏پىكىر‏:‏ ئە‌گە‌ر ھە‌ممىگە قادىر،‏ مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دا بار بولسا،‏ ئۇ يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمىغان بولاتتى.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ خۇ‌دا ھە‌رگىزمۇ ئىنسانلارنى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە دۇ‌چار قىلمايدۇ،‏ بىراق ئۇ بە‌زىدە ئىنسانلارنىڭ ۋاقتىنچە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چېكىشىگە يول قويىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏13؛‏ 5:‏11‏.‏

 خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقىغا يول قويغان؟‏

 خۇ‌دا ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى ئوتتۇ‌رغا چىققان بە‌زى ئە‌خلاقىي مە‌سىلىلە‌رنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ۋە ئىنسانىيە‌تنىڭ بارچە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىگە يول قويغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېنىق كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ بۇ دۇ‌نيانى خۇ‌دا ئە‌مە‌س،‏ شە‌يتان باشقۇ‌رىدۇ (‏لۇ‌قا 4:‏1،‏ 2،‏ 6؛‏ يۇ‌ھاننا 12:‏31‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئىككى ئاساسىي ئوي-‏پىكىر خۇ‌دانىڭ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

  1.   خۇ‌دا ئىنسانلارنى تاللاش ئە‌ركىنلىكى بىلە‌ن ياراتقان.‏ خۇ‌دا تۇ‌نجى ئىنسانلار بولغان ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىغا ئۆزىنىڭ ئۇ‌لاردىن نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ لېكىن،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى ئۆزىگە بويسۇ‌نۇ‌شقا مە‌جبۇ‌رلىمىغان.‏ ئۇ‌لار نېمىنىڭ ياخشى،‏ نېمىنىڭ يامان ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلاشنى ئۆزلىرى قارار قىلغان.‏ تۇ‌نجى ئىنسانلارنىڭ ناتوغرا قارارى ۋە ئە‌ۋلادلىرىنىڭ ئە‌سىرلە‌ر بويى چىقىرىپ كېلىۋاتقان قارارلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيە‌تكە ئېغىر ئاقىۋە‌تلە‌رنى كە‌لتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ (‏يارىتىلىش 2:‏17؛‏ 3:‏6؛‏ رىملىقلار 5:‏12‏)‏ يە‌ھۇ‌دىيلار ھە‌ققىدىكى بىر كىتابتا مۇ‌نداق سۆزلە‌ر يېزىلغان:‏ «دۇ‌نيادا كۆپلىگە‌ن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر ئە‌مە‌لىيە‌تتە خۇ‌دا سوۋغات قىلغان تاللاش ئە‌ركىنلىكىمىزنى قالايمىقان ئىشلە‌تكە‌نلىكىمىزنىڭ نە‌تىجىسىدۇ‌ر» (‏Statement of Principles of Conservative Judaism‏)‏.‏ خۇ‌دا ئىنسانلارنى تاللاش ئە‌ركىنلىكىدىن مە‌ھرۇ‌م قىلمىغان،‏ ئە‌كسىنچە ئۇ‌لارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇ‌ستە‌قىل ياشىشى ئۈچۈن ۋاقىت بە‌رگە‌ن.‏

  2.   خۇ‌دا يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقى پە‌يدا قىلغان بارچە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق قىلىشقا قادىر ۋە ئۇ بۇ‌نى چوقۇ‌م قىلىدۇ.‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن مىليونلىغان كىشىلە‌رنى،‏ شۇ جۈملىدىن يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قە‌تل قىلىنغانلارنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە بە‌رگە‌ن.‏ يە‌نە ئۇ شۇ يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىك ئە‌سلىمىلىرىنى يوق قىلىدۇ (‏يە‌شايا 65:‏17؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۇ‌نىڭ بارلىق ۋە‌دىلىرىنىڭ جە‌زمە‌ن ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتىدۇ‌ر.‏—‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏.‏

 يە‌ھۇ‌دىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئامان قالغانلارنىڭ نۇ‌رغۇ‌نلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويغانلىقىنى ۋە ئۇ‌لارنى قانداق يوق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ،‏ ھازىر ئۇ‌لار خۇ‌داغا چىن كۆڭلىدىن ئىشە‌نچ باغلىدى ۋە ھاياتنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسىنى تاپتى.‏