جان دېگەن نېمە؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ جاۋابى
مۇقەددەس كىتابتىكى ئىبرانىيچە سۆز «نىفەش» ۋە گرېكچە سۆز «پسىخى» جان دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئىبرانىيچە سۆزىنىڭ ئۇدۇل مەنىسى «نەپەس ئالغۇچى مەۋجۇدات» دېگەننى، گرېكچە سۆزىنىڭ مەنىسى بولسا، «تىرىك مەۋجۇدات» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، جان — ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن داۋاملىق مەۋجۇت ياشايدىغان ئادەمنىڭ ئىچىدىكى بىر نەرسىسىنى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ ئۆزىنى ياكى تىرىك جانلىقلارنى بىلدۈرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب ئىنساننىڭ جېنى ئۇنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى:
ئادەم-ئاتا جانغا ئېرىشمىگەن، ئەكسىنچە ئۇ ئۆزى تىرىك جان ياكى ئىنسان بولغان
مۇقەددەس كىتابتا: تەڭرى يەھۋا تۇنجى ئىنسان ئادەم-ئاتىنى ياراتقاندا، «ئادەم تىرىك جان بولدى»،— دېيىلگەن (يارىتىلىش 2:7). ئادەم-ئاتىغا جان بېرىلمىگەن، ئەكسىچە ئۇ ئۆزى تىرىك جان ياكى ئىنسان بولغان.
مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، جان ئىشلىيەلەيدۇ، قورسىقى ئاچىدۇ، يەپ-ئىچىدۇ، قانۇنلارغا بويسۇنىدۇ ۋە جەسەتكە قول تەگكۈزىدۇ (لاۋىيلار 5:2؛ 7:20؛ 23:30؛ تەكرار قانۇن 12:20؛ رىملىقلار 13:1). بۇ ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنساننىڭ مەلۇم بىر قىسىمى ئەمەس، تىرىك ئىنسان ئۆزى قىلىدۇ.
جان ئۆلمەمدۇ؟
ياق، جان ئۆلىدۇ. مۇقەددەس كىتابتىكى ئونلىغان ئايەتلەر جاننىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى تەستىقلايدۇ. شۇ ئايەتلەرنىڭ بىرقانچىسىنى كۆرۈپ چىقايلى.
«گۇناھ قىلغۇچى جان ئېگىسى ئۆلىدۇ».—ھەزەكىيال 18:4، 20.
قەدىمكى زاماندا، ئىسرائىللار ئارىسىدا بىر كىشى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ «خەلق ئارىسىدىن يوقىتىلىشى»، يەنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك ئىدى (چىقىش 12:15، 19؛ لاۋىيلار 7:20، 21، 27؛ 19:8). دەم ئېلىش كۈنىگە رىئايە قىلمىغان كىشى «ئۆلۈم جازاسىغا» ھۆكۈم قىلىناتتى.—چىقىش 31:14
مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئايەتلەردە ئۆلگەن جان «جەسەت» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن (لاۋىيلار 21:11؛ سانلار 6:6). گەرچە مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆپلىگەن تەرجىمىلىرىدە «جەسەت» ياكى «ئۆلۈك» سۆزى ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەسلى ئىبرانىيچە تېكىستىدە «نىفەش»، يەنى «جان» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن.
«جان» سۆزى «ھايات»نى بىلدۈرەمدۇ؟
بەزىدە مۇقەددەس كىتابتا «جان» ۋە «ھايات» سۆزى مەنىداش سۆزلەر سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئايۇپ 33:22-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئىبرانىيچە سۆز «جان» (نىفەش) ھايات مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتاب ئادەمنىڭ جېنىنى، يەنى ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشى ياكى جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.—چىقىش 4:19؛ ھاكىملار 9:17؛ فىلىپىلىكلەر 2:30.
يارىتىلىش 35:18-ئايەتتىكى «جېنى چىقىش ئالدىدا» دېگەن «جان» سۆزى بىلەن «ھايات» سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ سۆز-ئىبارە ئىنساننىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۆلمەس جان تەلىماتىنىڭ كېلىپ چىقىشى
جان ئۆلمەيدۇ دەيدىغان تەلىمگە ئىشىنىدىغان خرىستىئانلار بۇ تەلىماتنى مۇقەددەس كىتابتىن ئەمەس، قەدىمكى گرېك (يۇنان) پەلسەپىسىدىن ئالغان. بىر قامۇستا مۇنداق يېزىلغان: «ئىنسان ئىككى قىسىم، يەنى جىسمانىي تەن ۋە ئۆلمەس جان بىلەن يارىتىلغان دېگەن تەلىم ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا ھېچ نەرسە يېزىلمىغان، ئەكسىنچە ئۇ قەدىمكى گرېك پەلسەپىسىدىن كېلىپ چىققان. مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنساننىڭ جېنى بىلەن ئۇنىڭ نەپەس ئېلىش قابىلىيىتىنىڭ باغلىنىشى بارلىقىنى تەكىتلەنگەن».
مۇقەددەس كىتاب: «ئېھتىيات قىلىڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى بىمەنە پەلسەپە ۋە بىھۇدە قۇرۇق گەپ-سۆزلەر بىلەن ئازدۇرۇپ، ئەسىرلىككە ئېلىۋالمىسۇن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە بۇ دۇنيانىڭ يۈزەكى كۆز قاراشلىرىغا ئاساسلانغان، ھەرگىزمۇ مەسىھنىڭ تەلىملىرىگە ئاساسلانمىغان»،— دەپ ئاگاھلاندۇرغان (كولوسىلىقلار 2:8). دېمەك، خۇدا ئۆزىنىڭ تەلىملىرىگە ئىنسانلارنىڭ بىمەنە پەلسەپە ياكى قۇرۇق گەپ-سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. جان ئۆلمەيدۇ دېگەن تەلىم ئىنسانلارنىڭ پەلسەپىلىرى ئارىسىدىكى بىرى خالاس.

