ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى قانداق بولغان؟‏
https://cms-imgp.jw-cdn.org/img/p/502017123/univ/art/502017123_univ_sqr_xl.jpg
126 qbwji-‏ماقالە

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى قانداق بولغان؟‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى قانداق بولغان؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ جاۋابى

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ھېچ نە‌رسە تىلغا ئېلىنمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھېچكىم ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى قانداق بولغانلىقىنى ئېنىق بىلمە‌يدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىگە ئالاھىدە ئە‌ھمىيە‌ت بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق بە‌زى تە‌پسىلاتلارنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏

  •   چىرايى.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئىسرائىللارنىڭ يە‌ھۇ‌دا قە‌بىلىسىدىن كېلىپ چىققان بىر يە‌ھۇ‌دىي بولۇ‌پ،‏ ئانىسىدىن بە‌زى چىراي ئالاھىدىلىكلىرىنى مىراس ئالغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏ئىبرانىيلار 7:‏14‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ چىرايى باشقىلاردىن پە‌رقلە‌نمىگە‌ن.‏ بىر كۈنى ئە‌يسا مە‌سىھ جە‌لىلىيە‌دىن يە‌ھۇ‌دىيىگە يوشۇ‌رۇ‌ن بارغان ۋە ئۇ‌نى ھېچكىم تونۇ‌مىغان (‏يۇ‌ھاننا 7:‏10،‏ 11‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە ئۇ شاگىرتلىرىدىن ئالاھىدە پە‌رقلىق بولمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ قىلىچ-‏توقماقلار بىلە‌ن قوراللانغان بىر توپ كىشىلە‌ر ئە‌يسانى تۇ‌تۇ‌شقا كە‌لگە‌ندە،‏ ئىشقارىيوت يە‌ھۇ‌دانىڭ مە‌سىھنى تونۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى كۆرسىتىپ بېرىشىگە توغرا كە‌لگە‌نىدى.‏—‏مە‌تتا 26:‏47–‏49‏.‏

  •   چېچىنىڭ ئۇ‌زۇ‌نلۇ‌قى.‏ بە‌لكىم،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ چېچى ئۇ‌زۇ‌ن بولمىغان.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق سۆزلە‌ر يېزىلغان:‏ «ئە‌ر كىشىنىڭ ئۇ‌زۇ‌ن چاچ قويۇ‌شى نومۇ‌س ئىش».‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 11:‏14‏.‏

  •   ساقىلى.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ساقىلى بولغان.‏ چۈنكى،‏ ئۇ ئىسرائىللارغا بېرىلگە‌ن «ساقىلىڭلارنىڭ ئۇ‌چىنى قىرماڭلار» دېگە‌ن قانۇ‌نىغا ئە‌مە‌ل قىلغان (‏لاۋىيلار 19:‏27؛‏ گالاتىيالىقلار 4:‏4‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تارتقان ئازاب-‏ئوقۇ‌بىتى ھە‌ققىدىكى بېشارە‌تتە،‏ ئۇ ساقال بىلە‌ن تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏—‏يە‌شايا 50:‏6‏.‏

  •   تېنى.‏ بارچە ئامىللار شۇ‌نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ‌كى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن كۈچلۈك بولغان.‏ ئۇ ۋە‌ز قىلىپ يۈرگە‌ن چاغلاردا،‏ دائىم پىيادە يول ماڭغان (‏مە‌تتا 9:‏35‏)‏.‏ ئۇ ئىككى قېتىم يە‌ھۇ‌دىي ئىبادە‌تخانىسىنى تازىلاپ‏،‏ پۇ‌ل تېگىشىدىغانلارنىڭ ئۈستە‌للىرىنى ئۆرۈپ تاشلىغان.‏ بىر قېتىم ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر قامچا بىلە‌ن،‏ ئىبادە‌تخانىدىكى مال-‏چارۋىلارنى ھە‌يدە‌پ چىققان (‏لۇ‌قا 19:‏45،‏ 46؛‏ يۇ‌ھاننا 2:‏14،‏ 15‏)‏.‏ بىر قامۇ‌ستا(‏McClintock and Strong”s Cyclopedia‏)‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىنجىلدىكى ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر توغرىسىدىكى بارلىق تە‌سۋىرلە‌شلە‌ر ئۇ‌نىڭ تېنى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ساغلام ئىكە‌نلىكى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».‏

  •   يۈز ئىپادىسى.‏ شۈبھىسىزكى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە مۇ‌لايىملىقى ئۇ‌نىڭ يۈزىدە ئە‌كس ئە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 11:‏28،‏ 29‏)‏.‏ ھە‌رخىل ئادە‌ملە‌ر تە‌سە‌للى ۋە ياردە‌م سوراپ ئە‌يسانىڭ ئالدىغا كە‌لگە‌نىدى (‏لۇ‌قا 5:‏12،‏ 13؛‏ 7:‏37،‏ 38‏)‏.‏ ھە‌تتا بالىلارمۇ ئاسانلا ئە‌يساغا يېقىنلىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى ئە‌ركىن ھېس قىلغان.‏—‏مە‌تتا 19:‏13–‏15؛‏ ماركۇ‌س 9:‏35–‏37‏.‏

ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ھە‌ققىدىكى ناتوغرا ئوي-‏پىكىرلە‌ر

 ناتوغرا ئوي-‏پىكىر.‏ بە‌زىلە‌ر ئە‌يسا مە‌سىھنى ئافرىقىلىقلارنىڭ نە‌سلىدىن كېلىپ چىققان دە‌پ تالاش-‏تارتىش قىلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ۋە‌ھىي كىتابىدا ئۇ‌نىڭ چېچى يۇ‌ڭ بىلە‌ن،‏ پۇ‌تلىرى ئوچاقتا تاۋلىنىپ پارقىرىغان مىس بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 1:‏14،‏ 15‏.‏

 ئە‌مە‌لىيە‌ت.‏ ۋە‌ھىي كىتابىدا سىمۋوللۇ‌ق ئالامە‌تلە‌رنى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ چېچى ۋە پۇ‌تلىرى سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىدە،‏ ئۇ‌نىڭ تىرىلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنكى پە‌زىلە‌تلىرى ياكى سۈپە‌تلىرىنى تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ يە‌ر يۈزىدە ياشىغاندا چىرايى قانداق بولغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ھېچنېمىنى كۆرسىتىپ بە‌رمە‌يدۇ.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 1:‏14-‏ئايە‌تتە‏:‏ «ئۇ‌نىڭ بېشى ۋە چاچلىرى ئاق يۇ‌ڭدە‌ك ۋە قاردە‌ك ئاپئاق ئىدى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بۇ ئايە‌تتە،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار جە‌ريانىدا توپلىغان ئە‌قىل-‏پاراسىتى چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌نىڭ چېچىنىڭ رە‌ڭگى يۇ‌ڭدە‌ك ياكى قاردە‌ك ئاق دە‌پ تە‌كىتلە‌نگە‌ن،‏ ھە‌رگىزمۇ چېچىنىڭ تۈرى ئە‌مە‌س.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 3:‏14‏.‏

 بۇ ۋە‌ھىيدە ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ پۇ‌تلىرى ئوچاقتا تاۋلىنىپ پارقىرىغان مىس كە‌بى،‏ چىرايى كۈچلۈك نۇ‌رىنى چېچىپ پارلىغان قوياش كە‌بى تە‌سۋىرلىگە‌ن (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 1:‏15،‏ 16‏)‏.‏ يۇ‌قىرىدا تە‌سۋىرلىگە‌ن تە‌ن ئالاھىدىلىكى ھېچقانداق مىللە‌ت ياكى ئىرق كىشىلىرىدە يوق.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌شۇ ۋە‌ھىيدە ئە‌يسانىڭ جىسمانىي جە‌ھە‌تتىكى تاشقى كۆرۈنۈشى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى تىرىلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن «ھېچكىم يېقىنلىشالمايدىغان نۇ‌ر ئىچىدە» تۇ‌رغان سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىدىكى ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏—‏1-‏تىموتىي 6:‏16‏.‏

 ناتوغرا ئوي-‏پىكىر.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئاجىز ۋە كۈچسىز.‏

 ئە‌مە‌لىيە‌ت.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ھە‌قىقىي ئە‌ركە‌ك ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قوراللانغان بىر توپ كىشىلە‌ر ئۇ‌نى تۇ‌تۇ‌شقا كە‌لگە‌ندە،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ئالدىغا چىققان (‏يۇ‌ھاننا 18:‏4-‏8‏)‏.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ياغاچچى بولۇ‌پ،‏ دائىم ياغاچچىلىقتا قوللىنىدىغان ئە‌سۋابلار ياكى سايمانلارنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ چوقۇ‌م جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن كۈچلۈك بولغان.‏—‏مارك 6:‏3‏.‏

 بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر شۇ‌نداق ئويلايدۇ:‏ ئە‌يسا مە‌سىھ كۈچلۈك بولسا،‏ نېمە ئۈچۈن ئازاب تۈۋرۈكىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولغان؟‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزى بىلە‌ن بىللە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن بۇ‌رۇ‌ن ئۆلگە‌ن؟‏ (‏لۇ‌قا 23:‏26؛‏ يۇ‌ھاننا 19:‏31-‏33‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلىشتىن ئاۋۋالقى ئاخشىمى پۈتۈن كېچە ئوخلىمىغان ۋە ئېغىر روھىي ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌ن (‏لۇ‌قا 22:‏42-‏44‏)‏.‏ ئاشۇ كېچىسى يە‌ھۇ‌دىيلار ئۇ‌نى ئۇ‌رۇ‌پ مە‌سخىرە قىلغان ۋە ئە‌تىسى رىملىقلار ئۇ‌نى قىيناپ ئازابلىغان (‏مە‌تتا 26:‏67،‏ 68؛‏ يۇ‌ھاننا 19:‏1-‏3‏)‏.‏ شۇ ئامىللار ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى تېزلە‌شتۈرگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن

 ناتوغرا ئوي-‏پىكىر.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر دائىم غە‌مكىن،‏ چۈشكۈن بولغان.‏

 ئە‌مە‌لىيە‌ت.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌كە‌ممە‌ل ھالە‌تتە ئۆز ئاتىسى يە‌ھۋانىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى ئە‌كس ئە‌تكە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئۇ‌نى ‹شاد-‏خۇ‌رام خۇ‌دا› دە‌يدۇ (‏1-‏تىموتىي 1:‏11؛‏ يۇ‌ھاننا 14:‏9‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر باشقىلارغا قانداق كىشىلە‌ر بە‌ختلىك ئىكە‌نلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌لىم بە‌رگە‌ن (‏مە‌تتا 5:‏3-‏9؛‏ لۇ‌قا 11:‏28‏)‏.‏ شۇ ئامىللاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ چىرايىدا ھە‌مىشە شاد-‏خۇ‌راملىق ئە‌كس ئېتىپ تۇ‌رغان.‏