مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب.‏ سوئال-‏جاۋاب

ئە‌يسا مە‌سىھ ئىنسانلارنى قانداق قۇ‌تقۇ‌زىدۇ؟‏

ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
ئە‌يسا مە‌سىھ ئىنسانلارنى قانداق قۇ‌تقۇ‌زىدۇ؟‏
https://cms-imgp.jw-cdn.org/img/p/502018118/univ/art/502018118_univ_sqr_xl.jpg
140 qbwji-‏ماقالە

ئە‌يسا مە‌سىھ ئىنسانلارنى قانداق قۇ‌تقۇ‌زىدۇ؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھ ئىنسانلارنى قانداق قۇ‌تقۇ‌زىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ جاۋابى

 ھە‌زرىتى ئە‌يسا تۆلە‌م سۈپىتىدە جېنىنى پىدا قىلىپ،‏ خۇ‌داغا سادىق بولغان كىشىلە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زغان (‏مە‌تتا 20:‏28‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌يسانى «دۇ‌نيانىڭ قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چىسى» دە‌پ ئاتالغان (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏14‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا يە‌نە:‏ «بىزنى قۇ‌تقۇ‌زالايدىغان ئە‌يسادىن باشقا ھېچكىم يوق؛‏ چۈنكى بىزنىڭ چوقۇ‌م قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شىمىز ئۈچۈن،‏ ئاسماننىڭ ئاستىدا ئىنسانلارغا بېرىلگە‌ن باشقا ئىسىم يوقتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 4:‏12‏)‏.‏

 ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزىگە ئىشە‌نگە‌ن ھە‌ربىر كىشى ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ تە‌مىنى تېتىغان (‏ئىبرانىيلار 2:‏9؛‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگە‌ن.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا روھىي مە‌ۋجۇ‌دات سۈپىتىدە ئاسمانغا قايتقان ئىدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 3:‏15‏)‏.‏ ئۇ يە‌ردە مە‌سىھ ئە‌يسا «ئۇ ئۆزى ئارقىلىق خۇ‌داغا يېقىنلاشقانلارنى پۈتۈنلە‌ي قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شقا قادىر،‏ چۈنكى ئۇ ھە‌مىشە ھايات تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن شاپائە‌ت قىلىشنى تىلە‌يدۇ».‏—‏ئىبرانىيلار 7:‏25‏.‏

نېمە ئۈچۈن بىز ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ۋاسىتىچى بولۇ‌شىغا موھتاج؟‏

 بىز ھە‌ممىمىز گۇ‌ناھكار بە‌ندىلە‌ر (‏رىملىقلار 3:‏23‏)‏.‏ گۇ‌ناھ ئىنسانلار بىلە‌ن خۇ‌دا ئوتتۇ‌رىسىدىكى بىر توسالغۇ ۋە ئۇ ئىنسانلارنى ئۆلۈمگە يېتە‌كلە‌يدۇ (‏رىملىقلار 6:‏23‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزىنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشىنىدىغان كىشىلە‌ر ئۈچۈن ۋاسىتىچى سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏1‏)‏.‏ ئۇ ۋاسىتىچى بولۇ‌پ،‏ خۇ‌دادىن بۇ كىشىلە‌رنىڭ دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سېلىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئاساسىدا گۇ‌ناھلىرىنى كە‌چۈرۈشىنى سورايدۇ (‏مە‌تتا 1:‏21؛‏ رىملىقلار 8:‏34‏)‏.‏ خۇ‌دا شۇ كىشىلە‌رنىڭ دۇ‌ئالىرىغا ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق جاۋاب بېرىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە ئۇ‌يغۇ‌ن.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا «دۇ‌نيانى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن» ئە‌يسانى يە‌ر يۈزىگە ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 3:‏17‏.‏

قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌زرىتى ئە‌يساغا ئىشىنىشنىڭ ئۆزى يېتە‌رلىكمۇ؟‏

 ياق.‏ گە‌رچە قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌يسا مە‌سىھكە چوقۇ‌م ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك بولسىمۇ،‏ بىز يە‌نە باشقا ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىم (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏30،‏ 31‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «روھسىز تە‌ن ئۆلۈك بولغاندە‌ك،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تسىز ئىمان ھە‌م ئۆلۈكتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ياقۇ‌پ 2:‏26‏)‏.‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن تۆۋە‌ندىكى ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىم:‏

  •   ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئاتىسى يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئۆگىنىش.‏—‏يۇ‌ھاننا 17:‏3‏.‏

  •   ئۇ‌لارغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىش.‏—‏يۇ‌ھاننا 12:‏44؛‏ 14:‏1‏.‏

  •   ئۇ‌لارنىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۆرسىتىش (‏لۇ‌قا 6:‏46؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏17‏)‏.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆزىنى «ھە‌زرىتىم» دە‌پ چاقىرغانلارنىڭ ھە‌ممىسلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى «پە‌قە‌ت ئاسماندىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاۋاتقانلار‏» قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىدىغانلىقى ھە‌ققىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ن.‏—‏مە‌تتا 7:‏21‏.‏

  •   قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ داۋاملىق ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۆرسىتىش.‏ چۈنكى،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بە‌رگە‌نلە‌ر قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىدۇ».‏—‏مە‌تتا 24:‏13‏.‏