ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
چىنىقىشنى قانداقلارچە ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رالايمە‌ن؟‏
https://cms-imgp.jw-cdn.org/img/p/502019478/univ/art/502019478_univ_sqr_xl.jpg
88 pywji-‏ماقالە

ياشلارنىڭ سوئاللىرى

چىنىقىشنى قانداقلارچە ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رالايمە‌ن؟‏

چىنىقىشنى قانداقلارچە ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رالايمە‌ن؟‏

 مە‌ن نېمە ئۈچۈن چىنىقىشىم كېرە‌ك؟‏

 بە‌زى مە‌ملىكە‌تلە‌ردە ياشلار جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن پائال بولماي،‏ چىنىقىشقا ئاز ۋاقىت بۆلۈپ،‏ سالامە‌تلىكىنى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رگە تىكىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بە‌دە‌ننى مە‌شىقلە‌ندۈرۈش پايدا ئە‌كېلىدۇ دە‌پ ئېيتىلغان (‏1-‏تىموتىي 4:‏8‏)‏.‏ تۆۋە‌ندىكىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىڭ:‏

  •   چىنىقىش كە‌يپىئىتىڭىزنى ياخشىلىتالايدۇ.‏ تە‌نتە‌ربىيە بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغاندا،‏ مېيە‌دىكى خىمىيالىك ماددىلار —‏ يندورفىنلار بوشىتىلىدۇ،‏ بۇ بولسا ئۆزىڭىزنى خاتىرجە‌م ۋە خۇ‌شال ھېس قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بە‌زىلىرى مە‌شىقلە‌رنى دېپرېسسىيا بىلە‌ن كۈرىشىشنىڭ تە‌بىئىي يولى دە‌پ ئاتايدۇ.‏

     ‏«ئە‌تىگە‌ندە بىرىنچى نۆۋە‌تتە يۈگۈرۈشكە چىقسام،‏ كۈنۈم تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھە‌م كۆڭۈللۈك بولىدۇ.‏ يۈگۈرۈش كە‌يپىياتىمنى كۆتىرىدۇ» (‏رېگىنا)‏.‏

  •   چىنىقىش تاشقى كۆرۈنۈشىڭىزنى ياخشىلىتالايدۇ.‏ تە‌ڭپۇ‌ڭ مە‌شىقلە‌ر سىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك،‏ ساغلام ۋە ئۆزىڭىزگە ئىشە‌نچلىك بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

     ‏«مە‌ن 10 قېتىم تارتىلىنالايمە‌ن،‏ نېمە دېگە‌ن ياخشى!‏ بىر يىل بۇ‌رۇ‌ن مە‌ن ھە‌تتا بىر قېتىممۇ تارتىلىنالماتتىم!‏ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىمى،‏ مە‌ن سالامە‌تلىكىمگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىمنى بىلىمە‌ن» (‏ئولىۋىيا)‏.‏

  •   مە‌شىقلە‌ر ھاياتىڭىزنى ئۇ‌زارتالايدۇ.‏ جىسمانىي تە‌رە‌پتىن پائال بولۇ‌ش يۈرە‌ك-‏تومۇ‌ر ۋە نە‌پە‌س ئېلىش سىستېمىلىرىڭىزغا پايدا ئە‌كېلىدۇ.‏ ئايروبىكا بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىش ئە‌رلە‌رنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ ئۆلۈمىگە ئاساسىي سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌ۋاتقان قان-‏تومۇ‌ر كېسە‌للىكلە‌رنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

     ‏«چىنىقىشنى كۈندىلىك ئادە‌تكە ئاينالدۇ‌رغاندا،‏ ياراتقۇ‌چىمىزغا بىزگە بېرىلگە‌ن بە‌دە‌ننى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز» (‏جېسسىكا)‏.‏

 خۇ‌لاسە:‏ مە‌شىقلە‌ر ھە‌م كە‌لگۈسىدە،‏ ھە‌م ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆپ پايدا ۋە خۇ‌شاللىق ئە‌كېلىدۇ.‏ 22-‏ياشلىق تونيا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «سىز «مە‌ن شۇ سە‌يلىگە ياكى شۇ يۈگۈرۈشكە بارغىنىم بېكار بولدى» دە‌پ ھېچقاچان ئېيتمايسىز».‏ ئۇ يە‌نە قوشۇ‌پ:‏ «بانە-‏سە‌ۋە‌بلىرىمنى قويۇ‌پ،‏ مە‌شىقلە‌نگىنىمدە،‏ بۇ‌نىڭغا بىرمۇ قېتىم ئۆكۈنمىدىم».‏

ماشىنىغا كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز،‏ ئۇ بۇ‌زۇ‌لۇ‌پ كېتىدۇ.‏ نە‌ق شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ چىنىقمىسىڭىز،‏ سالامە‌تلىكىڭىز ناچارلىشىپ كېتىدۇ.‏

 مېنى نېمە توساپ تۇ‌رىدۇ؟‏

 تۆۋە‌ندە مۇ‌مكىن بولىدىغان بىرنە‌چچە توسقۇ‌نلۇ‌ق كە‌لتۈرۈلگە‌ن:‏

  •   قىزىقىشنىڭ يوقلىغى.‏ «ياشلار بىر كۈنى قېرىغانلىقىنى ھېچ ئويلىمايدۇ.‏ ئۇ‌لارغا ئۆزلىرىنىڭ ھە‌تتا كە‌لگۈسىدە ئاغرىق بولىدىغانلىرىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىشمۇ قىيىن.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئويىچە،‏ سالامە‌تلىك مە‌سىلىلىرىگە پە‌قە‌ت ياشانغانلار دۇ‌چ كېلىدۇ» (‏سوفىيا)‏.‏

  •   ۋاقىتنىڭ يوقلىغى.‏ «ئىشلىرىم چاچتىن تولا بولغاچقا،‏ مە‌ن ساغلام يېمە‌كلىك يېيىشكە ۋە يېتە‌رلىك ئۇ‌يقىغا ئايرىم ۋاقىت بۆلۈشۈم كېرە‌ك‏،‏ ئە‌مما چىنىقىشقا ۋاقىت تېپىش تېخىمۇ كۆپ كۈچ تە‌لە‌پ قىلىدۇ» (‏كلارىسسا)‏.‏

  •   پۇ‌لنىڭ يوقلىغى.‏ «چىرايلىق بولۇ‌ش قىممە‌ت كېلىدۇ،‏ سە‌ۋە‌بى سپورتزالغا بېرىش ئۈچۈن پۇ‌ل تۆلە‌ش كېرە‌ك» (‏ديىنا)‏.‏

 ويلىنىپ كۆرۈڭ:‏

 سىزگە نېمە نە‌رسە توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلىۋاتىدۇ؟‏ ئۇ‌نى ھە‌ل قىلىش بىراز كۈچ چىقىرىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ،‏ ئە‌مما نە‌تىجىسى بۇ‌نىڭغا ئە‌رزىيدۇ.‏

 مە‌ن چىنىقىشنى قانداقلارچە ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رالايمە‌ن؟‏

 بە‌لكىم،‏ سىزگە بۇ مە‌سلىھە‌تلە‌ر ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ:‏

  •   سالامە‌تلىكىڭىز ئۈچۈن پە‌قە‌ت ئۆزىڭىز جاۋاپكار (‏گالاتىيالىقلار 6:‏5‏)‏.‏

  •   باھانە تېپىشتىن خالى بولۇ‌ڭ (‏ۋە‌ز 11:‏4‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ چىنىقىشنى باشلاش ئۈچۈن،‏ سپورتزالغا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ ئۆزىڭىز ئامراق بولىدىغان بىر مە‌شىق تۈرىنى تاللاپ،‏ ئۇ‌نى كۈندىلىك ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ڭ.‏

  •   باشقىلار قانداق مە‌شىقلە‌رنى قىلىدىغانلىقىنى سوراڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 20:‏18‏)‏.‏

  •   چىنىقىش جە‌دۋىلىڭىز بولسۇ‌ن.‏ مە‌خسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئالغا باسقانلىقىڭىزنى يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏ بۇ سىزنى داۋاملىق ئالغا بېسىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏5‏)‏.‏

  •   بىللە چىنىقىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە شېرىكنى تېپىۋېلىڭ.‏ ئۇ سىزنى مە‌شىقلىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا ئۈندە‌پ،‏ چىنىقىش جە‌دۋىلىنى تۇ‌تۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏ۋە‌ز 4:‏9،‏ 10‏)‏.‏

  •   بە‌زىدە جە‌دۋىلىڭىزگە ئە‌مە‌ل قىلىش قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لمە‌سلىكى مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏10‏)‏.‏

 تە‌ڭپۇ‌ڭ بولۇ‌ڭ

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌رلە‌رنى ۋە ئاياللارنى ئادە‌تلىرىدە چېكىنى بىلىدىغان بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ (‏1-‏تىموتىي 3:‏2،‏ 11‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ چىنىقىشقا نىسبە‌تە‌ن تە‌ڭپۇ‌ڭ بولۇ‌ڭ.‏ بە‌زىلىرى ھە‌ددىدىن زىيادە كۆپ چىنىقىپ،‏ ئە‌قىلسىزلىق قىلىۋاتىدۇ.‏ ياش دژۇ‌لىيا مۇ‌نداق دە‌پ ئېيتىدۇ:‏ «يىگىت كېلىشكە‌ن بولۇ‌پ،‏ كۈچى كۆپ بولسا،‏ ئە‌مما ئە‌قلى يە‌تمىسە،‏ بۇ ھېچكىمگە ياقمايدۇ».‏

 شۇ‌نداقلا سپورت بىلە‌ن ھە‌ددىدىن تاشقىرى شۇ‌غۇ‌للىنىشقا ئۈندە‌يدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌ردىن نېرى تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ بۇ‌نداق مە‌سلىھە‌تلە‌ر سىزگە جىسمانىي تە‌رە‌پتىن زىيان كە‌لتۈرۈپ،‏ مۇ‌ھىمراق نە‌رسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە توسالغۇ بولىدۇ (‏فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏10‏)‏.‏

 بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ سپورت بىلە‌ن ھە‌ددىدىن تاشقىرى شۇ‌غۇ‌للىنىشقا ئۈندە‌يدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌ر قارىمۇ-‏قارشى تە‌سىر قىلىشى ئېھتىمال.‏ 21-‏ياشقا تولغان ۋېرا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كۆپلىگە‌ن قىزلار ئۆزلىرى ياقتۇ‌رغان ۋە ئوخشاشنى خالايدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ رە‌سىملىرىنى يىغىپ يۈرىدۇ ھە‌م ئۆزلىرىنى سپورت بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئۇ‌لارغا قارايدۇ.‏ ئە‌مما ئۆزلىرىنى ئۇ‌لار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولۇ‌پ قالىدۇ.‏ مە‌قسىتىڭىز تاشقى كۆرۈنۈشىڭىزنى ئە‌مە‌س،‏ سالامە‌تلىكىڭىزنى ياخشىلىتىش بولۇ‌شى لازىم».‏