ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىغا بېرىشىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏
https://cms-imgp.jw-cdn.org/img/p/502018117/univ/art/502018117_univ_sqr_xl.jpg
76 pywji-‏ماقالە

ياشلارنىڭ سوئاللىرى

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىغا بېرىشىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىغا بېرىشىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىبادە‌ت ئۆيى دە‌پ ئاتىلىدىغان ئىبادە‌ت جايلىرىدا ھە‌پتىسىگە ئىككى قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ.‏ بۇ يىغىلىشلاردا نېمە يۈز بېرىدۇ ۋە شۇ يە‌رگە بېرىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

 ئىبادە‌ت ئۆيىدە نېمە يۈز بېرىدۇ؟‏

 ئىبادە‌ت ئۆيى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن پايدىلىق تە‌لىم بېرىدىغان جاي.‏ شۇ يە‌ردە ئۆتىدىغان جامائە‌ت يىغىلىشلىرى سىزگە:‏

  •   خۇ‌دا توغرىسىدا ھە‌قىقە‌تنى بىلىشكە؛‏

  •   بۈگۈنكى تاڭدا بولۇ‌ۋاتقان ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ سە‌ۋە‌بىنى چۈشىنىشكە؛‏

  •   ياخشى ئادە‌م بولۇ‌شقا؛‏

  •    ھە‌قىقىي دوستلارنى تېپىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

 سىز بىلە‌مسىز؟‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى يىغىلىدىغان جاينىڭ ئىبادە‌ت ئۆيى دە‌پ ئاتىلىشىنىڭ سە‌ۋە‌بى —‏ شۇ يە‌ردە ئاساسە‌ن خۇ‌دا پادىشاھلىقى مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏9،‏ 10؛‏ 24:‏14؛‏ لۇ‌قا 4:‏43‏)‏.‏

 شۇ يە‌رگە بېرىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

 شۇ يە‌ردە بىلگە‌نلىرىڭىز سىزگە پايدا ئە‌كېلىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىدا مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مە‌سلىھە‌تلىرى سىزگە دانالىقنى ئېلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏5‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ھاياتىڭىزدا توغرا قارارلارنى چىقىرىشنى ئۆگىنە‌لە‌لە‌يسىز.‏ شۇ‌نداقلا بۇ كىتابتىن مۇ‌ھىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپالايسىز.‏ مە‌سىلە‌ن:‏

 دە‌م ئېلىش كۈنى ئۆتىدىغان جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا ھە‌ر تۈرلۈك ماۋزۇ‌لاردىكى نۇ‌تۇ‌قلار ئېيتىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن:‏

  •   نېمىشقا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ رە‌ھبە‌رلىگىگە ئە‌مە‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  •   بېشىمىزغا كۈن چۈشكە‌ندە ياردە‌منى قە‌يە‌ردىن تاپالايمىز؟‏

  •   خۇ‌دا پادىشاھلىقى بىز ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىۋاتىدۇ؟‏

 ‏«بىر قېتىم مېنىڭ بىر ئوغۇ‌ل سىنىپدىشىم يىغىلىشقا كە‌لدى.‏ ئۇ مېنىڭ ئائىلە‌م بىلە‌ن بىللە ئولتاردى.‏ بىز ئۇ‌نىڭغا كىتابلىرىمىزنى ئېچىپ كۆرسىتىپ ئولتاردۇ‌ق.‏ يىغىلىشتىن كېيىن ئۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ مۇ‌ھاكىمە ۋاقتىدا ئېيتقان جاۋاپلىرى ئۇ‌نىڭغا بە‌ك ياققانلىقىنى ئېيتتى.‏ ئۇ‌نىڭ چىركوسىدا بىزنىڭكىگە ئوخشاش تە‌تقىق قىلىشقا ئارنالغان مە‌لۇ‌ماتلار يوقلىقىنىمۇ ئېيتتى» (‏برېندا)‏.‏

 سىز بىلە‌مسىز؟‏ ئىبادە‌ت ئۆيىگە كىرىش ھە‌قسىز ۋە شۇ يە‌ردە ھېچكىم پۇ‌ل يىغمايدۇ.‏

 ادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئارىلىشىپ،‏ تە‌سە‌للى تاپىسىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىدىغانلار بىلە‌ن جە‌م بولۇ‌پ تۇ‌رۇ‌شنىڭ بىر سە‌ۋە‌بى —‏ بىر-‏بىرىنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش (‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ شە‌خسىيە‌تچىلىك كە‌ڭ تارقالغان دۇ‌نيادا خۇ‌دانى ۋە باشقىلارنى ئۆزىدىن ژۇ‌قۇ‌رى سانايدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئارىلىشىش جانغا تە‌سكىن بېرىدۇ.‏

 ‏«ئېغىر كۈندىن كېيىن بە‌زىدە روھۇ‌م چۈشۈپ،‏ قاتتىق ھېرىپ قالىمە‌ن.‏ بىراق ئىبادە‌ت ئۆيىدىكى ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئارىلاشقاندىن كېيىن،‏ نە‌قە‌دە‌ر يېنىكلىشىپ قالىمە‌ن.‏ ئۆيگە خۇ‌شال كە‌يپىياتتا قايتىپ،‏ كېلە‌ركى كۈننى خۇ‌رسە‌نلىك ۋە تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىمە‌ن» (‏يلىزا)‏.‏

 سىز بىلە‌مسىز؟‏ دۇ‌نيا يۈزى بويىچە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ 120000دىن ئوشۇ‌ق جامائىتى بار.‏ ئۇ‌لار 60000دىن ئوشۇ‌ق ئىبادە‌ت ئۆيىدە جە‌م بولىدۇ.‏ جامائە‌تكە كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئۆسۈۋاتقانلىقتىن،‏ ھە‌ر يىلى ئوتتۇ‌را ھېساپ بىلە‌ن تە‌خمىنە‌ن 1500 ئىبادە‌ت ئۆيى قۇ‌رۇ‌لىدۇ a‏.‏

a جامائە‌تنىڭ قە‌يە‌ردە ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «‏يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى‏» دېگە‌ن يە‌رگە كىرىڭ.‏ شۇ يە‌ردە «جامائە‌ت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدىغان سىزگە يېقىن جاينى تېپىۋېلىڭ» دېگە‌ن يە‌رگە بېسىڭ.‏