ياشلارنىڭ سوئاللىرى
نېمە ئۈچۈن دۇئا قىلىشىم كېرەك؟
بىر تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ 80 پىرسەنتى دۇئا قىلىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ پەقەت يېرىمى ھەر كۈنى دۇئا قىلىدىكەن. شەك-شۈبھىسىزكى، بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ: «دۇئا پەقەت ئۆزىڭىزنى ياخشىراق ھېس قىلىشنىڭ بىر يولىمۇ ياكى يەنە باشقا پايدىسىمۇ بارمۇ؟»
دۇئا دېگەن نېمە؟
دۇئا — پۈتكۈل كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن ھەقىقىي پاراڭلىشىشتۇر. بۇ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭ! ھەممىگە قادىر خۇدا ئىنسانلاردىن شۇنچە ئۇلۇغ بولسىمۇ، «ئۇ ھەر بىرىمىزدىن يىراق ئەمەس» (ئەلچىلەر 17:27). دەرھەقىقەت، مۇقەددەس كىتابتا ئاجايىپ تەكلىپ يېزىلغان: «خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، شۇندىلا ئۇ ھەم سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ» (ياقۇپ 4:8).
خۇداغا قانداق يېقىنلىشالايسىز؟
بۇنىڭ بىر يولى — دۇئا، بۇ ئارقىلىق سىز خۇداغا سۆزلەيسىز.
يەنە بىر يولى — مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش. بۇ ئارقىلىق خۇدا سىزگە سۆزلەيدۇ.
بۇنداق ئىككى تەرەپلىمە سۆھبەتلىشىش، يەنى دۇئا ۋە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش خۇدا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىزنى مۇستەھكەملەيدۇ.
«ئەڭ ئۇلۇغ شەخس بىلەن سۆزلىشىش ئىنسانلار ئېرىشەلەيدىغان ئەڭ ئالىي شان-شەرەپتۇر!» (جېرېمى).
«يەھۋاغا ئىچ-باغرىمنى تۆككەندە، ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىن ھېس قىلىمەن» (مىراندا).
خۇدا دۇئالارنى تىڭشامدۇ؟
ھەتتا خۇداغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ كېلىۋاتقان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن دۇئانى تىڭشايدىغانلىقىغا ئىشىنىش تەس بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، مۇقەددەس كىتابتا يەھۋانى «دۇئالارنى ئاڭلىغۇچى» دەپ تەسۋىرلىگەن (زەبۇر 65:2). يەنە بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ دېگەن سۆزلەرمۇ يېزىلغان (1-پېترۇس 5:7).
ئويلىنىپ كۆرۈڭ: جان دوستىڭىز بىلەن مۇڭدىشىش ئۈچۈن دائىم ۋاقىت چىقىرىسىز. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بىلەن مۇناسىۋىتىڭىزنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يەھۋا دېگەن ئىسىمىنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭغا دائىم دۇئا قىلىڭ (زەبۇر 86:5—7؛ 88:9). ئەمەلىيەتتە، مۇقەددەس كىتاب بىزنى ھەمىشە دۇئا قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (1-سالونىكالىقلار 5:17).
«دۇئا مەن بىلەن ئەرشتىكى ئاتام ئوتتۇرىسىدىكى مۇڭدىشىش. يۈرەك-باغرىمنى ئۇنىڭغا تۆكۈپ بېرىمەن» (موسېس).
«ئاپام ياكى جان دوستىم بىلەن پاراڭلاشقاندەك، ئىچىمدىكىلەرنى يەھۋا خۇداغىمۇ ئوچۇق ئېيتىپ بېرىمەن» (كارېن).
نېمە ھەققىدە دۇئا قىلسام بولىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا: «ھېچنەرسىدىن ئەندىشە قىلماڭلار، بەلكى ھەممە نەرسىدە دۇئا ھەم ئىلتىجادا خۇداغا مىننەتدارلىق بىلەن ئىلتىماسلىرىڭلارنى ئېچىڭلار»،— دەپ يېزىلغان (فىلىپىلىكلەر 4:6).
بۇ ھەممە قىيىنچىلىقلىرىڭىز ھەققىدە ئېيتىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ھە-ئە، شۇنداق. مۇقەددەس كىتابتا: «يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا، ئۆزى يار-يۆلەك بولار ساڭا» (زەبۇر 55:22).
ئەلۋەتتە، دۇئادا خۇداغا پەقەت قىيىنچىلىقلىرىڭىز ھەققىدە ئېيتمايسىز. 23 ياشلىق چانتىل ئىسىملىك ئايال مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر يەھۋادىن پەقەت ياردەم سورىغان بولسام، بۇ ھەقىقىي دوستلۇق بولمايتتى. مېنىڭچە، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىش كېرەك. ئەسلىدە ئۇنىڭغا مىننەتدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ».
ئويلىنىپ كۆرۈڭ: سىز ھاياتىڭىزدىكى قايسى نەرسىلەر ئۈچۈن خۇداغا مىننەتدار؟ بۈگۈن قايسى ئۈچ نەرسە ئۈچۈن يەھۋاغا مىننەتدارلىقىڭىزنى ئىپادىلىيەلەيسىز؟
«ھەتتا ئاددىي نەرسە، مەسىلەن چىرايلىق گۈلنى كۆرۈپ، دۇئادا يەھۋاغا رەھمەت ئېيتالايسىز» (ئانىتا).
«يەھۋانىڭ مەلۇم بىر ياراتمىسى ياكى قەلبىڭىزگە قاتتىق تەسىر قىلىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى بىر ئايەت ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، خۇداغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭ» (برايىن).

