ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ماڭا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ 1-‏قىسىم —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش
https://cms-imgp.jw-cdn.org/img/p/502018119/univ/art/502018119_univ_sqr_xl.jpg
77 pywji-‏ماقالە

ياشلارنىڭ سوئاللىرى

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ماڭا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ 1-‏قىسىم —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ماڭا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ 1-‏قىسىم —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش

 ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شقا تىرىشاتتىم،‏ بىراق بۇ كىتابنى ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت ئوقۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى ئويلىساملا،‏ قولۇ‌مغا ئالغۇ‌م كە‌لمە‌يدۇ» (‏برېئاننا،‏ 15 ياش)‏

 سىزمۇ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ ماقالە سىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ!‏

 نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش كېرە‌ك؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش زېرىكىشلىكمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ بۇ‌نى چۈشىنىشكە بولىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ھە‌رىپلىرى ئۇ‌ششاق بېسىلغان،‏ بىرە‌ر پارچە رە‌سىم يوق،‏ نە‌چچە مىڭ بە‌تلىك كىتابنى ئوقۇ‌غاندىن كۆرە،‏ تېلېۋىزوردىن ياكى ئىنتېرنېتتىن فىلىملە‌رنى كۆرۈشنى ئە‌ۋزە‌ل دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏

 لېكىن بىراز ئويلىنىپ بېقىڭ:‏ ئە‌گە‌ر غە‌زنىگە تولغان بىر ساندۇ‌قنى تېپىۋالغان بولسىڭىز،‏ ئىچىدە نېمىلە‌ر بارلىقىنى كۆرۈشنى خالىمامسىز؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب غە‌زنىگە تولغان ساندۇ‌ققا ئوخشايدۇ.‏ ئۇ يە‌ردە دانالىققا ئېرىشىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن ئۈنچە-‏مە‌رۋايىتلار بار.‏ مە‌سىلە‌ن:‏

  •   توغرا قارار چىقىرىش

  •   ئاتا-‏ئانا بىلە‌ن تىل تېپىش

  •   ھە‌قىقىي دوستلارنى تېپىش

  •   بېسىمغا قارشى كۈرە‌ش قىلىش

 شۇ‌نداق قە‌دىمىي كىتابنى قانداقمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا بولىدۇ؟‏ چۈنكى،‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ھە‌ممىسى خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن بولغان» (‏2-‏تىموتىي 3:‏16‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رنىڭ ئە‌ڭ ئىشە‌نچىلىك ياراتقۇ‌چىدىن كە‌لگە‌نلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب دانا بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغان ئۈنچە-‏مە‌رۋايىتلارغا تولغان ساندۇ‌ققا ئوخشايدۇ

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قايسى ئۇ‌سۇ‌لدا ئوقۇ‌شۇ‌م كېرە‌ك؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرىدىن بىرى،‏ ئۇ‌نى بېشىدىن ئاخىرغىچە ئوقۇ‌پ چىقىش.‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە ئومۇ‌مىي چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ كىتابنى ئوقۇ‌شنىڭ ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌للىرى بار.‏ تۆۋە‌ندىكى ئىككى ئۇ‌سۇ‌لنى كۆرۈپ چىقايلى:‏

  •    مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ھە‌ممە 66 كىتابىنى،‏ يە‌نى يارىتىلىش كىتابىدىن باشلاپ،‏ ۋە‌ھىي كىتابىغىچە ئوقۇ‌پ چىقسىڭىز بولىدۇ.‏

  •    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ۋاقىت تە‌رتىپى،‏ يە‌نى ئۆزئارا باغلىنىشلىق ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ يۈز بە‌رگە‌ن تارىخى تە‌رتىپى بويىچە ئوقۇ‌پ چىقسىڭىز بولىدۇ.‏

 مە‌سلىھە‌ت:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»نىڭ A7 قوشۇ‌مچە ئىزاھاتىدىن،‏ ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ھاياتىدا يۈز بە‌رگە‌ن مۇ‌ھىم ۋە‌قە‌لە‌ر ۋاقىت تە‌رتىپى كۆرسىتىلگە‌ن مە‌لۇ‌ماتنى تېپىشقا بولىدۇ.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنىڭ ئىككىنچى ئۇ‌سۇ‌لى سىز دۇ‌چ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار بىلە‌ن باغلىنىشلىق ۋە‌قە‌لە‌رنى تېپىش.‏ مە‌سىلە‌ن:‏

  •   ئىشە‌نچىلىك دوستلارنى تېپىشنى خالامسىز؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يوناتان بىلە‌ن داۋۇ‌تنىڭ دوستلىقى ھە‌ققىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئۈزۈندىسىنى ئوقۇ‌ڭ چىقىڭ (‏1-‏سامۇ‌ئىل 18—‏20 بابلار‏)‏.‏ كېيىن،‏ داۋۇ‌تنىڭ قايسى پە‌زىلە‌تلىرى ئۇ‌لارنىڭ يېقىن دوستلۇ‌ق ئورنىتىشقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  •   ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش قارارىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنى خالامسىز؟‏ يۈسۈپ پە‌يغە‌مبە‌ر قانداق قىلىپ ئېزىقتۇ‌رۇ‌شقا قارشى تۇ‌رغانلىقىنى ئوقۇ‌پ چىقىڭ (‏يارىتىلىش 39-‏باب‏)‏.‏ كېيىن،‏ يۈسۈپ ئېزىقتۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قە‌يە‌ردىن كۈچ ئالغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  •   خۇ‌دانىڭ دۇ‌ئالىرىڭىزنى تىڭشايدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنى خالامسىز؟‏ نە‌ھە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ر ھە‌ققىدىكى ۋە‌قە‌نى ئوقۇ‌پ چىقىڭ (‏نە‌ھە‌مىيا 1 ۋە 2 بابلار‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئاسىغا قانداق جاۋاب بېرىلگە‌نلىكىنىڭ ئىسپاتلىرىنى ئىزدە‌ڭ.‏

 مە‌سلىھە‌ت:‏ دىققىتىڭىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شقا كۆپرە‌ك مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈش ئۈچۈن تىنچ جاينى تېپىڭ.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنىڭ ئۈچىنچى ئۇ‌سۇ‌لى بىرە‌ر ۋە‌قە ياكى زە‌بۇ‌ر كىتابىنىڭ بىر ئۈزۈندىسىنى ئوقۇ‌پ،‏ كېيىن سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقى ھە‌ققىدە ئويلاپ بېقىڭ.‏ ئوقۇ‌پ چىققاندىن كېيىن ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن تۆۋە‌ندىكىلە‌رنى سوراڭ:‏

  •    نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا بۇ‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رغان؟‏

  •    بۇ ئۈزۈندىدىن يە‌ھۋانىڭ پە‌زىلە‌تلىرى ۋە كۆزقاراشلىرى ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىۋالدىم؟‏

  •    ئوقۇ‌غانلىرىمنى ھاياتىمدا قانداق قوللانسام بولىدۇ؟‏