ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
سە‌لبىي پىكىر قىلىش تە‌رزىدىن قانداقلارچە نېرى تۇ‌رالايمە‌ن؟‏
https://cms-imgp.jw-cdn.org/img/p/502019480/univ/art/502019480_univ_sqr_xl.jpg
90 pywji-‏ماقالە

ياشلارنىڭ سوئاللىرى

سە‌لبىي پىكىر قىلىش تە‌رزىدىن قانداقلارچە نېرى تۇ‌رالايمە‌ن؟‏

سە‌لبىي پىكىر قىلىش تە‌رزىدىن قانداقلارچە نېرى تۇ‌رالايمە‌ن؟‏

 سىز ئۆزىڭىز ھە‌ققىدە نېمە ئويلايسىز؟‏

  •   ئۈمىدۋار كىشى

     ‏«مە‌ن،‏ مۇ‌مكىنچىلىكنىڭ بارىچە،‏ خۇ‌شال ۋە كۆڭلۈمنى چۈشە‌رمە‌ي يۈرۈشكە تىرىشىمە‌ن.‏ ھە‌ر كۈنى مە‌ن ئۈزۈمدىن تە‌بە‌سسۇ‌م كە‌تمە‌يدىغاندە‌ك ياشاشقا ئىنتىلىمە‌ن» (‏ۋالېرى)‏.‏

  •   ئۈمىتسىز كىشى

     ‏«بىرە‌ر ياخشى ۋە‌قە يۈز بە‌رسە،‏ مە‌ن بۇ مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلاپ قالىمە‌ن» (‏رېبېككا)‏.‏

  •   ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن كۆزقاراش

     ‏«ئۈمىدۋار بولسام،‏ چوقۇ‌م كۆڭلۈم قالىدۇ.‏ ئۈمىتسىز بولسام،‏ ھە‌ردائىم چۈشكۈنلۈكتە يۈرىمە‌ن.‏ كۆزقارىشىم ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن بولسا،‏ بۇ ماڭا ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رگە قانداق بولسا،‏ شۇ‌نداق قارىشىمغا ياردە‌م بېرىدۇ» (‏ئاننا)‏.‏

 بۇ نېمىشقا مۇ‌ھىم؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ ئادە‌م كۆڭلىنى شات تۇ‌تسا،‏ دائىم زىياپە‌تتە بولغاندە‌كتۇ‌ر (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 15:‏15‏)‏.‏ شۈبھىسىزكى،‏ ھاجە‌تسىز سە‌لبىي ئويلاردىن نېرى تۇ‌رىدىغان ھە‌م ھاياتقا ئىجابىي كۆزقاراش بىلە‌ن قارايدىغان ئادە‌ملە‌ر بە‌ختلىكىرە‌ك بولىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا ئادە‌تتە ئۇ‌لارنىڭ دوستلىرى كۆپ.‏ نېمىلا دېمىگە‌ن بىلە‌ن،‏ قاپىغى تۈرۈلۈپ يۈرىدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغان ئادە‌ملە‌ر جىقمۇ؟‏

 شۇ‌ندىلا،‏ ھە‌تتا ئۈمىدۋار ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتىدا كۈتۈلمىگە‌ن ۋە‌زىيە‌تلە‌ر يۈز بېرىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن:‏

  •   يېڭىلىقلاردا ساپلا ئۇ‌رۇ‌شلار،‏ تېررورىزم ۋە جىنايە‌ت ھە‌ققىدە ئېيتىلىشى مۇ‌مكىن.‏

  •   سىز ئائىلىڭىزدىكى قىيىنچىلىقلار بىلە‌ن كۈرىشىشىڭىز ئېھتىمال.‏

  •   ئۆزىڭىزدىمۇ كۈرىشىدىغان ئاجىزلىق ۋە قامچىلىقلىرىڭىز باردۇ.‏

  •   دوستىڭىز كۆڭلۈڭىزنى قالدۇ‌رغاندۇ.‏

 ھاياتتىكى بۇ ئاددىي نە‌رسىلە‌رگە كۆز ژۇ‌مۇ‌شنىڭ ياكى ئۇ‌لارغا بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئورنىغا،‏ تە‌ڭپۇ‌ڭ بولۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن كۆزقاراش سىزگە ئارتۇ‌ق سە‌لبىي ئويلاردىن نېرى بولۇ‌پ،‏ ھاياتتا يۈز بېرىۋاتقان ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى ئېزىلمە‌ي قوبۇ‌ل قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

ھاياتنىڭ بوران-‏چاپقۇ‌نلىرىغا قارشى تۇ‌رۇ‌ڭ،‏ سە‌ۋە‌بى ھە‌رقانداق بۇ‌لۇ‌تتىن كېيىن چوقۇ‌م كۈن چىقىدۇ

 سىز نېمە قىلالايسىز؟‏

  •   خاتالىقلىرىڭىزغا قارىتا تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراش ساقلاڭ.‏

     مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ر يۈزىدە ھە‌ردائىم ياخشىلىق قىلىپ،‏ ھېچبىر گۇ‌ناھ قىلمىغان ئادىل كىشى يوقتۇ‌ر» (‏ۋە‌ز 7:‏20‏)‏.‏ سىزنىڭ كامچىلىقلىرىڭىز ۋە خاتالىقلىرىڭىز قولىڭىزدىن ھېچ نە‌رسە كە‌لمە‌يدىغان ئادە‌م ئىكە‌نلىكىڭىزنى ئە‌مە‌س،‏ ئاددىي ئادە‌م ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.‏

     قانداقلارچە ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن كۆزقاراشقا ئېرىشە‌لە‌يسىز؟‏ خاتالىقلىرىڭىزنى قايتىلىماڭ،‏ شۇ‌نداقلا ئۆزىڭىزدىن مۇ‌كە‌ممە‌للىكنى كۈتمە‌ڭ.‏ كالېب ئىسىملىق ياش يىگىت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن خاتالىقلىرىم توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىماسلىققا تىرىشىمە‌ن،‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لاردىن ساۋاق ئېلىپ،‏ ياخشىلىنىشقا ئىنتىلىمە‌ن».‏

  •   ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رماڭ.‏

     مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «شە‌خسىيە‌تچىلىك قىلمايلى.‏ بىر-‏بىرىمىزنى رىقابە‌تچىلىككە ئۈندىمە‌يلى ۋە بىر-‏بىرىمىزگە ھە‌سە‌ت قىلمايلى» (‏گالاتىيالىقلار 5:‏26‏)‏.‏ سىزنى تە‌كلىپ قىلمىغان ئولتۇ‌رۇ‌شلاردا چۈشىرىلگە‌ن سۈرە‌تلە‌رنى ئىجتىمائىي تورلاردىن كۆرۈپ قالسىڭىز،‏ كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداقلا بۇ ئە‌ڭ ياخشى دوستلىرىڭىزغا دۈشمە‌نلىرىڭىزدە‌ك قارىشىڭىزغا سە‌ۋە‌ب بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

     قانداقلارچە ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن كۆزقاراشقا ئېرىشە‌لە‌يسىز؟‏ سىزنى ئولتۇ‌رۇ‌شلارنىڭ ھە‌ممىسىگە تە‌كلىپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىقرار قىلىڭ.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ ئىجتىمائىي تورلاردىكى رە‌سىملە‌ر ۋە‌زىيە‌تنى تولۇ‌ق كۆرسە‌تمە‌يدۇ.‏ ئالېكسىس ئىسىملىق ئۆسمۈر قىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىجتىمائىي تورلاردا ئادە‌ملە‌ر ھاياتىنىڭ ئە‌ڭ قىزىقارلىق،‏ ئالاھىدە پە‌يتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئاددىي تۇ‌رمۇ‌شىنى ئادە‌تتە كۆرسە‌تمە‌يدۇ».‏

  •   تىنچلىقپە‌رۋە‌ر ئادە‌م بولۇ‌ڭ،‏ بولۇ‌پمۇ ئائىلىڭىزدە.‏

     مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئىمكانىيە‌تنىڭ بارىچە ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن تىنچ-‏ئىناق ئۆتۈڭلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏رىملىقلار 12:‏18‏)‏.‏ سىز باشقىلارنىڭ ھە‌رىكە‌تلىرىگە تە‌سىر قىلالمايدىغانسىز،‏ ئە‌مما ۋە‌زىيە‌تكە تېگىشلىك ئۆزىڭىزنىڭ كۆزقارىشىڭىزنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌يسىز.‏ سىز تىنچلىقپە‌رۋە‌ر بولۇ‌شنى تاللالايسىز.‏

     قانداقلارچە ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن كۆزقاراشقا ئېرىشە‌لە‌يسىز؟‏ ئائىلىڭىزدىكى قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى كە‌سكىنلە‌شتۈرمە‌ي،‏ تىنچلىقپە‌رۋە‌ر بولۇ‌پ،‏ تىنچلىققا ئىنتىلىڭ.‏ بارلىق ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن مۇ‌شۇ‌نداق قىلغىنىڭىز ياخشى بولاتتى.‏ «ئە‌يىپسىز،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌م يوق.‏ بىز بە‌زىدە بىر-‏بىرىمىزنى خاپا قىلىشىمىز مۇ‌مكىن»،‏—‏ دە‌يدۇ مېلىندا ئىسىملىق ئۆسمۈر قىز.‏ ئۇ داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ:‏ «شۇ‌ڭا بىزنىڭ ۋە‌زىپىمىز —‏ تىنچلىقپە‌رۋە‌ر بولۇ‌شنى ياكى بولماسلىقنى تاللاش».‏

  •   مىننە‌تدارلىقنى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌ڭ.‏

     مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌پ مە‌سلىھە‌ت بېرىدۇ:‏ «مىننە‌تدار بولۇ‌ڭلار» (‏كولوسىلىقلار 3:‏15‏)‏.‏ مىننە‌تدار بولسىڭىز،‏ سىز ھاياتىڭىزنىڭ ياقتۇ‌رمايدىغان نە‌رسىلىرىگە ئە‌مە‌س،‏ ياخشى تە‌رە‌پلىرىگە دىققە‌ت بۆلۈسىز.‏

     قانداقلارچە ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن كۆزقاراشقا ئېرىشە‌لە‌يسىز؟‏ قىيىنچىلىقلىرىڭىز بار بولسىمۇ،‏ ھاياتىڭىزدىكى ياخشى نە‌رسىلە‌رنى ئېتىبارسىز قالدۇ‌رماڭ.‏ رېبېككا ئىسىملىق ياش قىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ھە‌ر كۈنى يۈز بە‌رگە‌ن بىر ياخشى نە‌رسىنى دە‌پتىرىمگە يېزىپ قويۇ‌مە‌ن.‏ بۇ‌نداق قىلىپ،‏ قىيىنچىلىقلىرىم بار بولسىمۇ،‏ ھاياتىمدا كۆپ ياخشى نە‌رسىلە‌ر بار ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌مايمە‌ن».‏

  •   دوستلىرىڭىز كىم ئىكە‌نلىكىنى ئويلاپ بېقىڭ.‏

     مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «يامان دوست ياخشى ئە‌خلاقنى بۇ‌زار»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏33‏)‏.‏ سىز ئارىلىشىدىغان ئادە‌ملە‌ر تە‌نقىدىي،‏ مە‌سقىرە قىلىشقا مايىل ۋە نارازى بولسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ بۇ كامچىلىقلىرى سىزگىمۇ تە‌سىر قىلىشى ئېھتىمال.‏

     قانداقلارچە ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن كۆزقاراشقا ئېرىشە‌لە‌يسىز؟‏ بە‌زىدە دوستلىرىڭىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشىشى مۇ‌مكىن،‏ نە‌تىجىدە ئۇ‌لار بىراز ۋاقىت داۋامىدا چۈشكۈنلۈكتە بولۇ‌شى ئېھتىمال.‏ سىز ئۇ‌لارنى قوللاپ،‏ ياردە‌م بېرىڭ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ سىزگە يامان تە‌سىر قىلىشىغا يول بە‌رمە‌ڭ.‏ «بىز بارلىق ۋاقتىمىزنى ھاياتقا پە‌قە‌ت سە‌لبىي كۆزقاراش بىلە‌ن قارايدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئۆتكۈزمە‌سلىكىمىز لازىم»،‏—‏ دە‌يدۇ مىشېل ئىسىملىق ياش قىز.‏

 سىزگە ئىجابىي كۆزقاراش ساقلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان مە‌لۇ‌ماتنى ئوقۇ‌ڭ

 بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «ئىنتايىن تە‌س ۋاقىتلار» دە‌پ ئاتالغان زاماندا ياشاۋاتىمىز (‏2-‏تىموتىي 3:‏1‏)‏.‏ سىزگە قىيىنچىلىقلارغا تولغان بۇ دۇ‌نيادا ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاش قىيىنمۇ؟‏ «‏نېمە ئۈچۈن دۇ‌نيا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە تولغان؟‏‏» دېگە‌ن باپنى ئوقۇ‌پ كۆرۈڭ.‏