ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
بالىڭىزغا مە‌كتە‌پتە ياخشى ئوقۇ‌شى ئۈچۈن قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏
https://cms-imgp.jw-cdn.org/img/p/502018230/univ/art/502018230_univ_sqr_xl.jpg

ئائىلىلە‌ر ئۈچۈن ياردە‌م

بالىڭىزغا مە‌كتە‌پتە ياخشى ئوقۇ‌شى ئۈچۈن قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

بالىڭىزغا مە‌كتە‌پتە ياخشى ئوقۇ‌شى ئۈچۈن قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

پە‌رزە‌ندىڭىز مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌شنى ياخشى كۆرمە‌يدۇ ۋە ئۆي تاپشۇ‌رۇ‌قلىرىنى ئورۇ‌نلاشتىن قاچىدۇ دە‌يلى.‏ نە‌تىجىسىدە،‏ ئۇ‌نىڭ باھالىرى تۆۋە‌نلە‌پ كېتىپ،‏ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمۇ ناچارلىشىۋاتىدۇ.‏ بالىڭىزغا مە‌كتە‌پتە ياخشى ئوقۇ‌شى ئۈچۈن قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

 سىز نېمىنى بىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

بالىغا بېسىم قىلىش ۋە‌زىيە‌تنى تېخىمۇ كە‌سكىنلە‌شتۈرىدۇ.‏ پە‌رزە‌ندىڭىزگە بېسىم كۆرسە‌تسىڭىز،‏ ئۇ مە‌كتە‌پتە ھە‌م ئۆيدە ئە‌نسىرە‌يدۇ.‏ مېنى تىللايدۇ دە‌پ قورقۇ‌پ،‏ بالا يالغان ئېيتىشى،‏ ناچار باھالىرىنى يوشۇ‌رۇ‌شى،‏ سىزنىڭ ئىمزايىڭىزنى ئوخشىتىپ ياسىشى ياكى ساۋاقتىن قېچىشى مۇ‌مكىن.‏ دېمە‌ك،‏ بالىغا بېسىم قىلىش ئە‌ھۋالنى تېخىمۇ ناچارلىتىدۇ.‏

بالىغا سوۋغات بېرىپ ياخشى ئوقۇ‌شقا ئۈندە‌ش يامان نە‌تىجىگە ئېلىپ كېلە‌لە‌يدۇ.‏ يندريۇ ئىسىملىق بىر دادا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قىزىمىزنى ياخشى ئوقۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلماقچى بولۇ‌پ،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا ياخشى باھالىرى ئۈچۈن سوۋغاتلارنى بېرە‌تتۇ‌ق.‏ ئە‌مما نە‌تىجىدە ئۇ پە‌قە‌ت مۇ‌كاپاتقا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى.‏ ناچار باھا ئالغاندا ئۇ باھاسىغا ئە‌مە‌س،‏ سوۋغاتسىز قالغانلىقىغا خاپا بولاتتى».‏

مۇ‌ە‌للىملە‌رنى ئە‌يىبلە‌شنىڭ ھېچ پايدىسى يوق.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ بالىڭىز ياخشى نە‌تىجىلە‌ر ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق دە‌پ ئويلاپ قېلىشى ئېھتىمال.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ خاتالىقلىرى ئۈچۈن باشقىلارنى ئە‌يىبلە‌پ،‏ قىيىنچىلىقلىرىمنى ئۇ‌لار ھە‌ل قىلىدۇ دە‌پ كۈتۈشى مۇ‌مكىن.‏ قىسقىچە ئېيتقاندا،‏ پە‌رزە‌ندىڭىزنىڭ تۆۋە‌ن باھالىرى ئۈچۈن مۇ‌ە‌للىملە‌رنى ئە‌يىبلىسىڭىز،‏ بالىڭىز ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن جاۋاپكار بولۇ‌شنى ئۈگە‌نمە‌يدۇ.‏ بۇ خىسلە‌ت ئۇ‌نىڭغا چوڭ بولغاندا كېرە‌ك بولىدۇ.‏

 سىز نېمە قىلالايسىز؟‏

ئچچىقىڭىزنى بېسىڭ.‏ ئاچچىقلانغان چاغدا،‏ بالىڭىز بىلە‌ن مە‌كتە‌پتىكى باھالىرى ھە‌ققىدە سۆزلە‌شمە‌ڭ.‏ «ئايالىم ئىككىمىزنىڭ بالىلىرىمىزنى تىللىماي،‏ سە‌ۋرچانى ساقلاپ،‏ ئۇ‌لارغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ ياخشى نە‌تىجىگە ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىمىزغا كۆزۈمىز يە‌تتى»،‏—‏ دە‌پ ئېيتتى برېتت ئىسىملىق بىر دادا.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپى:‏ «ئاڭلاشقا تېز،‏ سۆزلە‌شكە ئالدىرىمايدىغان،‏ غە‌زە‌پكە ئالدىرىمايدىغان بولۇ[ڭلار]» (‏ياقۇ‌پ 1:‏19‏)‏.‏

قىيىنچىلىقنىڭ سە‌ۋە‌بىنى ئېنىقلاۋېلىڭ.‏ بالىڭىزنى ھورۇ‌ن دە‌پ ئويلاشقا ئالدىرىماڭ.‏ پە‌رزە‌ندىڭىزنىڭ باھالىرى تۆۋە‌نلە‌پ كېتىشىگە بۇ سە‌ۋە‌ب بولۇ‌شى مۇ‌مكىن:‏ لۆكچە‌كلە‌رنى ئۇ‌چرىتىش،‏ باشقا مە‌كتە‌پكە يۆتكىلىش،‏ ئېمتىھان ئالدىدا ئە‌نسىرە‌ش،‏ ئائىلىۋى قىيىنچىلىقلار،‏ ئۇ‌يقۇ‌سىنى قاندۇ‌رمىغانلىق،‏ ۋاقىتنى ناتوغرا ئىشلىتىش ياكى دە‌رىسلە‌رگە كۆڭۈل بۆلمە‌سلىك.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپى:‏ «نە‌سىھە‌ت سۆزىگە كۆڭۈل قويغان پايدا تاپار» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏20‏)‏.‏

دە‌رىس ئوقۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌ممە شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىڭ.‏ بالىڭىزغا دە‌رىس ئوقۇ‌ش ۋە ئۆي تاپشۇ‌رۇ‌قلىرىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ۋاقىتنى بە‌لگۈلە‌پ قويۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌نىڭ ساۋاق ئوقۇ‌يدىغان يېرى تىنچ بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئۇ يە‌ردە دىققىتىنى چاچىدىغان ھېچنە‌رسە (‏شۇ‌نىڭ ئىچىدە تېلېۋىزور ۋە يانفون)‏ بولماسلىقى لازىم.‏ پە‌رزە‌ندىڭىز قىينالماسلىقى ئۈچۈن ئۆي تاپشۇ‌رۇ‌قلىرىنى بۆلۈپ-‏بۆلۈپ ئورۇ‌نلىسۇ‌ن.‏ گېرمانىيادە ياشايدىغان گېكتور ئىسىملىق بىر دادا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «تە‌كشۈرۈش ئىشىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە بىز ئاخىرقى مىنۇ‌تقىچە كۈتمە‌ي،‏ ھە‌ر كۈنى پە‌يدىن-‏پە‌ي تە‌ييارلىق كۆرۈمىز».‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپى:‏ «ھە‌ربىر ئىشنىڭ مۇ‌ۋاپىق پە‌سلى بار» (‏ۋە‌ز 3:‏1‏)‏.‏

ياخشى ئوقۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىڭ.‏ بالىڭىز مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ش ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇ‌نىڭغا پايدا كە‌لتۈرە‌لە‌يدىغانلىقىنى چۈشە‌نسە،‏ ئۇ‌نىڭ ئوقۇ‌شقا بولغان قىزىقىشى كۈچىيىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ماتېماتىكا پە‌نىنى ياخشى ئوقۇ‌سا،‏ ئۇ‌نىڭغا بېرىلگە‌ن پۇ‌لنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتە‌لە‌يدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپى:‏ «دانالىقنى ئالغىن،‏ ئە‌قىل تاپ،‏ [ئۇ‌نى] ئە‌تىۋارلىقىن» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏5،‏ 8‏)‏.‏

مە‌سلىھە‌ت:‏ پە‌رزە‌ندىڭىزگە ئۆي تاپشۇ‌رۇ‌قلىرىنى ئورۇ‌نلاشقا ياردە‌ملىشىڭ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لارنى ئۆزىڭىز ئورۇ‌نلاپ قويماڭ.‏ يندريۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قىزىمىز بىزنىڭ ئە‌قلىمىزگە تايىنىپ،‏ ئۆز ئە‌قلىنى ئىشلە‌تكۈسى كە‌لمىدى».‏ بالىڭىزغا ئۆي تاپشۇ‌رۇ‌قلىرىنى ئۆزى قانداق ئورۇ‌نلالايدىغانلىقىنى ئۆگىتىڭ.‏