مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە تىزىملىككە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟

قۇشۇمچە ئىزاھات

«شېئول» ۋە «ھەيدىس» دېگەنلەر نېمە؟

«شېئول» ۋە «ھەيدىس» دېگەنلەر نېمە؟

مـۇقـەددەس كىتابنىڭ ئەسلى تېكىستىدە، ئىبرانىچە سۆز «شېئول» ۋە گېرىكچە سۆز «ھەيدىس» 70 قېتىمدىن كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۆپلىگەن تىللاردا ئىبرانىچە ۋە گېرىكچە سۆزلەرنىڭ توغرا مەنىسىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان سۆز-‏ئىبارىلەر بولمىغاچ، مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى تەرجىمىلىرىدە ئاشۇ سۆزلەر «گۆر»، «دوزاخ»، «ئۆلۈكلەر دىيارى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئۇيغۇرچە مۇقەددەس كىتابتا مۇشۇ سۆزلەرنى، ئەسلى ئەرەبچە «ئالەم بەرزەخ» دېگەن سۆز-‏ئىبارىسىنى ئىشلىتىپ خاتا تەرجىمە قىلغان. «شېئول» ۋە «ھەيدىس» دېگەن مۇشۇ ئىبرانىچە ۋە گېرىكچە سۆزلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسى نېمە؟ ئۇنداقتا، بىز مۇشۇ سۆزلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابتا قانداق قوللىنىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

مۇقەددەس كىتابنىڭ ۋەز 9-‏باب 10-‏ئايىتىدە:‏ «سەن بارىدىغان شېئولدا [ئۇيغۇرچە مۇقەددەس كىتابتا ئالەم بەرزەخ دەپ خاتا تەرجىمە قىلىنغان] خاھ [مەيلى] ئىش خاھ پىكىر قىلىش خاھ بىلىشلىك خاھ دانالىق يوقتۇر» دەپ بايان قىلىنغان. مۇشۇ ئايەتتىكى شېئول ئېنىق بىر جاي يەنى ئۆلگەنلەرنى كۆمىدىغان گۆرنى كۆرسىتەمدۇ؟ ياق. مۇقەددەس كىتابتا ئۆلگەنلەرنى كۆمىدىغان جاي يەنى گۆر تىلغا ئېلىنغاندا، باشقا ئىبرانىچە ۋە گېرىكچە سۆز-‏ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن. «شېئول» ۋە «ھەيدىس» سۆزلىرى ئىشلىتىلمىگەن (يارىتىلىش 23:‏7-‏9؛ مەتتا 28:‏1). بۇندىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتا بىر گۆر ياكى نۇرغۇن كىشىلەر كۆمۈلىدىغان گۆرىستانلىق ئۈچۈن «شېئول» سۆزى ئىشلىتىلمىگەن. — يارىتىلىش 49:‏30، 31.

ئۇنداقتا، «شېئول» قانداق جاينى كۆرسىتىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا «شېئول» ۋە «ھەيدىس» ھەتتا نۇرغۇن چوڭ گۆرىستانلىقتىنمۇ غايەت چوڭ دەپ تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن، يەشايا 5-‏باب 14-‏ئايەتتە:‏ شېئول «ئۆزىنى كەڭرىتىپ، ئاغزىنى ھەددىدىن زىيادە ئاچتى» دەپ يېزىلغان. گەرچە شېئول ئاللىقاچان سان-‏ساناقسىز ئادەملەرنى يۇتۇۋالغان بولسىمۇ، ئۇ بولدى تويدۇم دېمەيدۇ (پەندى-‏نەسىھەت 30:‏15، 16). ھەرقانداق ئۆلۈكلەر كۆمۈلىدىغان جاي يەنى گۆرىستانلىقلار پەقەت چەكلىك ئۆلۈكلەرنىلا سىغدۇرالايدۇ. «شېئول [ئۇيغۇرچە مۇقەددەس كىتابتا ئالەم بەرزەخ دەپ خاتا تەرجىمە قىلىنغان] بىلەن ئۆلۈم…تويمايدۇر» (پەندى-‏نەسىھەت 27:‏20). شېئول ھەرگىز توشۇپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ چېكى يوق. شۇڭا شېئول ياكى ھەيدىس مۇئەييەن بىر ئېنىق جاي ئەمەس. ئۇ بىر سىموۋللۇق جاي بولۇپ، كۆپلىگەن ئىنسانلار ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا ئۇخلايدىغان مەۋھۇم جاي.

مۇقەددەس كىتابتىكى تىرىلىش توغرىسىدىكى تەلىمات «شېئول» ۋە «ھەيدىس» دېگەن سۆز-‏ئىبارىلەرنىڭ ئەسلى ئىبرانىي ۋە گېرىك تىللىرىدا نېمە مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب شېئول ۋە ھەيدىستىكى بارلىق ئۆلۈكلەر تىرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ* (ئايۇپ 14:‏13؛ ئەلچىلەر 2:‏31؛ ۋەھىيلەر 20:‏13). مۇقەددەس كىتاب شېئول ۋە ھەيدىستىكى ئۆلۈكلەر پەقەت يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلغان كىشىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلمىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (يارىتىلىش 37:‏35؛ زەبۇر 55:‏15). شۇڭا، مۇقەددەس كىتاب تىرىلىش ھەققىدە كەلگۈسىدە «ياخشىلار بىلەن يامانلار قۇپادۇر» دەپ تەلىم بېرىدۇ. — ئەلچىلەر 24:‏15.


*  ئەمما، كەلگۈسىدە بەزىلەر تىرىلدۈرۈلمەيدۇ. ئاشۇلار «شېئول» ۋە «ھەيدىس»تا ئەمەس، بەلكى «گەھەننا»دا (ئۇيغۇرچە مۇقەددەس كىتابتا جەھەننەم دەپ تەرجىمە قىلىنغان) بولىدۇ (مەتتا 5:‏30؛ 10:‏28؛ 23:‏33). گەھەننامۇ سىموۇللۇق جاي بولۇپ، شېئول ۋە ھەيدىسقا ئوخشاش مۇئەييەن بىر ئېنىق جاي ئەمەس.

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش