مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە تىزىملىككە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟

15-‏باب

خۇدا قوبۇل قىلىدىغان ئىبادەت

خۇدا قوبۇل قىلىدىغان ئىبادەت

بارلىق دىن خۇدانى خۇرسەن قىلالامدۇ؟

توغرا دىننى قانداق ئېنىقلىيالايمىز؟

بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەر يۈزىدە خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار؟

يـەھۋا خۇدا بىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن يولباشچىلىق قىلىش ئارقىلىق بىزنى پايدا-‏مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلساق، بىز خۇشال ياشاپ تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولالايمىز. يەنە خۇدانىڭ ياردىمىگە ۋە بەرىكەتلىشىگە ئىگە بولالايمىز (يەشايا 48:‏17). بىراق، ھازىر دۇنيادا ئۆزىنى خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ئۆگىتىدىغان دىن دەپ جاكارلايدىغان نەچچە يۈزلىگەن دىنلار بار. ئەمما، كىم ھەقىقىي خۇدا ۋە ئۇ بىزدىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا، ھەرقايسى دىندىكىلەرنىڭ تەلىملىرىدە ھەرخىل ئوخشىماسلىق بار.

2 قايسى ئۇسۇلدا تەڭرى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنىڭ بىردىن-‏بىر توغرا ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسىز؟ سىزنىڭ بارلىق دىنلارنىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆگىنىشىڭىز ۋە سېلىشتۇرۇپ چىقىشىڭىز ھاجەتسىز. سىز پەقەت مۇقەددەس كىتابنىڭ توغرا ئىبادەت قىلىش توغرىسىدا نېمە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشىڭىز لازىم. مۇنداق بىر مىسال قىلايلى:‏ نۇرغۇن جايلاردا يالغان پۇللار بار، ئەگەر سىز ئاشۇنداق يالغان پۇللارنى ئېنىقلاپ چىقىدىغان خىزمەتكە ئىگە بولسىڭىز، سىز يالغان پۇللارنى قانداق ئېنىقلاپ چىقماقچى؟ سىز ھەرخىل يالغان پۇللارنىڭ ئالاھىدە بەلگىلىرىنى ئەستە ساقلىۋالامسىز؟ ياق. ئەگەر سىز راست پۇلنىڭ ئالاھىدە بەلگىلىرىنى ئۆگەنسىڭىز كۆپ ۋاقتىڭىزنى تېجەپ قالالايسىز. راست پۇلنىڭ قانداق ئالاھىدە بەلگىلىرىنىڭ بار بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، يالغان پۇلنى ئېنىقلاپ چىقالايسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، توغرا دىننى قانداق ئېنىقلاپ چىقىشنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا، بىز يالغان دىننى ئېنىقلاپ چىقالايمىز.

3 پەرۋەردىگار يەھۋا بىزنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىمىزنى خالىسا، ئۇ خالىغان ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىمىز ئەڭ مۇھىم. نۇرغۇن كىشىلەر:‏ بارلىق دىن خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق، مۇقەددەس كىتاب ئۇنداق دەپ تەلىم بەرمەيدۇ. بىر كىشىنىڭ پەقەت:‏ مەن خۇداغا ئىشىنىمەن دەپ قويۇشى بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. ئەلچى پاۋلۇس:‏ نۇرغۇن ئادەملەر «خۇدانى تونۇيمىز دەپ ئىقرار قىلۇرلار لېكىن ئەمەللىرى [ئىش-‏ھەرىكىتى] بىلەن مۇنى ئىنكار قىلۇرلار چۈنكى مەكروھ [يېقىمسىز] ۋە ئىتائەتسىز بولۇپ ھېچ ياخشى ئىشقا يارىماسلار» دېگەن (تىتۇس 1:‏16). شۇڭا، خۇدانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىزدىن نېمە قىلىشمىزنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چوقۇم ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۆگەنگەننى قىلىشىمىز كېرەك. خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇندىمايدىغان ئاشۇ كىشىلەرنى ئەيسا مەسىھ:‏ «يامانلىق قىلغۇچىلار» دەپ ئاتىغان ئىدى (مەتتا 7:‏21-‏23). خۇددى يالغان پۇلغا ئوخشاش، يالغان دىننىڭ ھېچقانداق ھەقىقىي قىممىتى يوق. ئەڭ يامان بولغىنى، ئاشۇنداق دىنلار ئەمەلىيەتتە كىشىلەرگە زىيان كەلتۈرىدۇ.

4 يەھۋا يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئىنسانغا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بېرىدۇ. ئەمما، جەننەتتە مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم توغرا ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز كېرەك. ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىقى، نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق قىلىشنى رەت قىلماقتا. بۇ نېمە ئۈچۈن مەسىھنىڭ:‏ «تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار چۈنكى ھالاكەتكە بارىدىغان دەرۋازا كەڭ ۋە يول كەڭرىدۇر ۋە ئۇنىڭدىن كىرىپ ماڭغۇچىلار تولادۇر. ئەمما ھاياتلىققا بارىدىغان دەرۋازا تار ۋە يول تەڭدۇر [تار] ۋە ئۇنى تاپقۇچىلار ئازدۇر» دەپ تەلىم بەرگەنلىكىدۇر (مەتتا 7:‏13، 14). توغرا دىن يەنى ھەق دىن كىشىلەرنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا يېتەكلەيدۇ. يالغان دىن كىشىلەرنى ھالاكەتكە يېتەكلەيدۇ. ئاللا يەھۋا ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ. بۇ دەل نېمە ئۈچۈن يەھۋا دۇنيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى ئادەملەرگە ئۆزى توغرىسىدا ئۆگىنىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىدۇر (2-‏پېترۇس 3:‏9). شۇڭا، بىزنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلىمىز، راستتىنلا بىزنىڭ ھايات-‏ماماتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

توغرا دىننى قانداق ئېنىقلىيالايسىز

5 بىز «ھاياتلىق يولىنى» قانداق تاپالايمىز؟ ئەيسا بىزگە كىشىلەرنىڭ توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەسىھ ئەيسا:‏ «ئۇلارنى مېۋىلىرىدىن تۇنۇيسىزلەر…ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە كەلتۈرەر» دېگەن ئىدى (مەتتا 7:‏16، 17). باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ۋە ئىش-‏ھەرىكەتلىرىدىن تونۇۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە، ئۇلار مۇكەممەل ئەمەس ھەمدە خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەر بولسىمۇ، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچى بىر توپ ئادەملەرنى ئورتاق نەزەرگە ئالساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشقا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلىدىغان كىشىلەردۇر. قېنى بىز توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئېنىقلاشتىكى ئالتە ئالاھىدىلىكنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.

ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچىلار

  • ئۇلارنىڭ تەلىملىرى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان
  • پەقەت يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى باشقىلارغا بىلدۈرىدۇ
  • بىر-‏بىرىگە ھەقىقىي مېھر-‏مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ
  • ئەيسا مەسىھنى خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى دەپ قوبۇل قىلىدۇ
  • بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس
  • خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانلارنىڭ بىردىن-‏بىر ئۈمىدى دەپ خۇش خەۋەر تارقىتىدۇ
خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان ھەرخىل ئىرق كىشىلىرى

6خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن تەلىم بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب ئۆزى:‏ «خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن بولغان ھەر كىتاب تەلىم بەرگىلى، مالامەت قىلغىلى [ئەيىبلىگىلى]، تۈزەتكىلى ۋە ئادالەتتىكى ئەدەبنى ئۆگەتكىلى پايدىلىقتۇر تاكى خۇدانىڭ ئادىمى تەييارلىنىپ ھەر ياخشى ئىشقا يارىغۇدەك بولغاي» دېگەن (2-‏تىموتىي 3:‏16، 17). ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا:‏ «بىز ۋەز ئېيتقان خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئۇنى ئادەمنىڭ سۆزىدەك ئەمەس بەلكى ھەقىقەتتە خۇدانىڭ سۆزى بولغاندەك ئۇنى خۇدانىڭ سۆزى ئىكەن دەپ قوبۇل قىلدىڭىز» دەپ يازغان ئىدى (1-‏سالونىكالىقلار 2:‏13). دېمەك، توغرا دىنغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقاد ۋە ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-‏قارىشى ۋە ياكى قائىدە-‏يوسۇنلىرىغا ئاساسلانغان ئەمەس. بەلكى، ئۇلار خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرغان سۆزى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان.

7 ئەيسا مەسىھ، خۇدانىڭ سۆزىگە يەنى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن تەلىم بېرىش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. مەسىھ ئاسماندىكى ئاتىسغا دۇئا قىلغاندا:‏ «سېنىڭ سۆزۈڭ ھەقىقەتتۇر» دېگەن (يۇھاننا 17:‏17). ئۇ خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تەلىملىرى مۇقەددەس يازمىلار بىلەن ماسلاشقان ئىدى. ئەيسا مۇقەددەس يازمىلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلىگەندە، دائىم مۇقەددەس يازمىلاردا شۇنداق «دەپ يېزىلغان» دەيتتى (مەتتا 4:‏4، 7، 10، ھ.ز.). شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ خەلقى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ شەخسى ئوي-‏پىكىرنى ئۆگەتمەيدۇ. ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئىشىنىپلا قالماي، يەنە مۇقەددەس كىتابتىكى سۆزلەرگە ئاساسەن باشقىلارغا تەلىم بېرىدۇ.

8خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار پەقەت يەھۋاغىلا ئىبادەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى باشقىلارغا بىلدۈرىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا:‏ «خۇدايىڭغا سەجدە قىلغايسەن ۋە خاس ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغايسەن» دەپ جاكارلىغان (مەتتا 4:‏10). شۇڭا، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى پەقەت يەھۋاغىلا ئىبادەت قىلىدۇ. خۇداغا ئىبادەت قىلىش، ھەق خۇدانىڭ ئىسمىنى ۋە ئۇنىڭ قانداق خۇدا ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇقەددەس كىتابنىڭ زەبۇر 83-‏باب 18-‏ئايىتى:‏ «ئۇلار سېنىڭ بارەڭدە [سەن توغرىسىدا] يالغۇز ئۇ يەھۋا ئاتۇنۇر دەپ ئۇقۇپ سېنىڭ تامام يەر يۈزى ئۈستىگە ھەقتائالا [يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئاللا] ئىكەنىڭنى بىلگەي» دەپ ئېيتقان. ئەيسا باشقىلارنىڭ ئاللانى بىلىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشتە ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ دۇئا قىلىپ:‏ «مەن سېنىڭ ئىسمىڭنى سەن دۇنيادىن ئېلىپ ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە ئاشكارا قىلدىم» دېگەن ئىدى (يۇھاننا 17:‏6). شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار بۈگۈنكى كۈندە باشقىلارغا ئاللانىڭ ئىسمى، ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە خاراكتېر-‏سۈپەتلىرى توغرىسىدا ئۆگىتىدۇ.

9خۇدانىڭ خەلقى ئۆز شەخسى مەنپەئەتىنى كۆزلىمەستىن بىر-‏بىرىگە ھەقىقىي مېھر-‏مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ. مەسىھ ئەيسا:‏ «ئارىڭىزدا مۇھەببەت بار بولغىنىدىن ھەممىسى مېنىڭ شاگىرتلىرىم بولغىنىڭىزنى بىلۇرلار» دېگەن ئىدى (يۇھاننا 13:‏35). ئىلگىرىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا بىر-‏بىرىگە ھەقىقىي مېھر-‏مۇھەببەت بار ئىدى. مۇقەددەس كىتابتىكى خۇدا بىزگە ئۆگەتكەن مېھر-‏مۇھەببەت ئىرق، مىللەت، جەمئىيەت، دۆلەتلەرنىڭ توسالغۇلىرىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىلەرنى بۇزۇلماس ھەقىقىي قېرىنداشلىق زەنجىرى بىلەن باغلايدۇ (كولوسىلىقلار 3:‏14). يالغان دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئارىسىدا ئاشۇنداق قېرىنداشلىق مېھر-‏مۇھەببىتى يوق. بىز ئۇنى قانداق بىلىمىز؟ ئۇلارنىڭ ئىرقى ۋە مىللىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن بىر-‏بىرىنى ئۆلتۈرىدۇ. ھەقىقىي ئېتىقادچىلار قوللىرىغا قورال ئېلىپ ئۆز دىنىي قېرىنداشلىرىنى ۋە باشقىلارنى ئۆلتۈرمەيدۇ. مۇقەددەس كىتابتا:‏ «خۇدانىڭ بالىلىرى ۋە ئىبلىسنىڭ بالىلىرى پەرقىتىلۇر. كىمكى ئادالەت قىلمىسا ۋە ئۆز بۇرادىرىنى دوست تۇتمىسا خۇدادىن ئەمەس… . بىر-‏بىرىمىزنى دوست تۇتقايمىز. ياماندىن بولۇپ ئۆز بۇرادىرىنى قەتلى قىلغان [ئۆلتۈرگەن] قابىلغا ئوخشىمىغايمىز» دېيىلگەن. — 1-‏يۇھاننا 3:‏10-‏12؛ 4:‏20، 21.

10 ھەقىقىي مېھر-‏مۇھەببەتلىك كىشى ئەلۋەتتە باشقىلارنى ئۆلتۈرمەيدۇ. ھەقىقىي ئېتىقادچىلار سېخىيلىق بىلەن ئۆز ۋاقتىنى، كۈچىنى ۋە بايلىقلىرىنى ئىشلىتىپ بىر-‏بىرىگە ياردەم ۋە ئىلھام بېرىدۇ (ئىبرانىيلار 10:‏24، 25). ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتلاردا بىر-‏بىرىنى يۆلەپ ياردەم قىلىدۇ ھەمدە ئۇلار باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مۇقەددەس كىتابنىڭ:‏ «ھەممىسىگە…ياخشىلىق قىلايلى» دېگەن نەسىھىتىنى ئۆز تۇرمۇشىدا ئەمەلىي قوللىنىدۇ. — گالاتىيالىقلار 6:‏10.

11خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار مەسىھ ئەيسانى خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قۇتقۇزغۇچى دەپ قوبۇل قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتاب:‏ «ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىمەرسە [كىشى] دە نىجات يوقتۇر چۈنكى ئاسماننىڭ تېگىدە ئادەملەرگە بېرىلگەن بىز نىجات تاپقۇدەك بۆلەك [باشقا] ئىسىم يوقتۇر» دەيدۇ (ئەلچىلەر 4:‏12). بىز مۇشۇ كىتابنىڭ 5-‏بابىدا كۆرۈپ ئۆتكەندەك، خۇداغا ئىتائەتچان كىشىلەر ئۈچۈن مەسىھ ئەيسا تۆلەم سۈپىتىدە ئۆز ھاياتىنى قۇربانلىققا بەرگەن (مەتتا 20:‏28). بۇنىڭدىن باشقا، مەسىھ خۇدا تەيىنلىگەن ئاسماندىكى پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى. كەلگۈسىدە ئۇ پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. شۇڭا، ئەگەر بىز مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشنى خالىساق، خۇدا بىزنىڭ مەسىھ ئەيساغا بويسۇنۇشىمىزنى ۋە ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئۆز تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ نېمە ئۈچۈن:‏ «كىمكى ئوغۇلغا ئىشەنسە ئۇنىڭ ئەبەدىي تىرىكلىكى بار. كىمكى ئوغۇلغا ئىشەنمىسە تىرىكلىكنى كۆرمەس» دەپ جاكارلىغانلىقىدۇر. — يۇھاننا 3:‏36.

12خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس. ھەزرىتى ئەيسا رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنغان ۋاقىتتا:‏ «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىن ئەمەس» دېگەن (يۇھاننا 18:‏36). مەيلى قانداق دۆلەتلەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پۇقراسى. شۇڭا، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىدا قەتئىي ھالدا بىتەرەپلىكنى ساقلايدۇ. ھەرقانداق سىياسىي تالاش-‏تارتىش ۋە كۈرەشلەرگە قاتناشمايدۇ. باشقا كىشىلەرنىڭ سىياسىي پارتىيەلەرگە قاتنىشىشى، پارتىيە ھەيئەت نامزاتى بولۇشى ياكى بېلەت تاشلاپ سايلاش ۋە سايلىنىش ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ. يەھۋاغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار سىياسىي ئىشلاردا بىتەرەپلىكنى ساقلىغۇچىلار، ئەمما ئۇلار دۆلەت قانۇنىغا رىئايە قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ئۇلارغا:‏ «ھەر كىشى ئۆز ئۈستىدىكى ھۆكۈمەتكە بويۇن سۇنسۇن» دەپ بۇيرۇق قىلغان (رىملىقلار 13:‏1). ئەگەر خۇدانىڭ تەلەپ قىلغىنى بىلەن سىياسىي ھۆكۈمەتنىڭ تەلەپ قىلغىنى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت توقۇنۇشى پەيدا بولسا، يەھۋاغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئەيسا مەسىھنىڭ شاگىرتلىرى قالدۇرغان ئۈلگىگە ئەگىشىدۇ. شاگىرتلار:‏ «خۇداغا ئادەملەردىن ئۇشۇغراق بويۇن سۇنماق كېرەكتۇر» دېگەن. — ئەلچىلەر 5:‏29؛ ماركۇس 12:‏17.

13ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانلارنىڭ بىردىن-‏بىر ئۈمىدى دەپ خۇش خەۋەر ئېيتىدۇ. ئەيسا مەسىھ:‏ «بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئىنجىلى [خۇش خەۋەرى] ھەممە تائىفە [مىللەت] لەرگە گۇۋاھلىق بولماق ئۈچۈن بارچە دۇنيادا بېشارەت بېرىلۇر ۋە ئاندىن كېيىن ئاخىر كېلۇر» دەپ ئالدىن بېشارەت ئېيتقان (مەتتا 24:‏14). ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئادەملەرنى، ئىنسانلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ئۈمىد باغلاشقا رىغبەتلەندۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، خۇدانىڭ ئاسماندىكى پادىشاھلىقى ئىنسانلار ئۈچۈن بىردىن-‏بىر ئۈمىد دەپ خۇش خەۋەر ئېيتىدۇ (زەبۇر 146:‏3). ئەيسا پەيغەمبەر بىزگە ئاشۇ مۇكەممەل ھۆكۈمەت ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىپ:‏ «سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كەلگەي، سېنىڭ ئىرادەڭ ئاسماندا قىلىنغىنىدەك يەردە ھەم قىلىنغاي» دېگەن (مەتتا 6:‏10). خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ئالدىن ئېيتىپ مۇنداق دېگەن:‏ خۇدانىڭ ئاسماندىكى پادىشاھلىقى «ھەممە پادىشاھلىقلارنى سۇندۇرۇپ يوقۇتۇپ ئۆزى ئەبەدغىچە سابىت [تەۋرەنمەي] قالادۇر». — دانىيال 2:‏44.

14 يۇقىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، ‹قايسى دىننىڭ تەلىملىرى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ۋە پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ئىسمىنى كىملەر باشقىلارغا بىلدۈرىدۇ؟ كىملەر يەھۋا بۇيرۇغاندەك بىر-‏بىرىگە مېھر-‏مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ؛ ئەيسا مەسىھكە ئىشەنچ قىلىدۇ؛ بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس ۋە خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانلارنىڭ بىردىن-‏بىر ئۈمىدى دەپ خۇش خەۋەر ئېيتىدۇ؟› دېگەن سوئاللارنى ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ؛ قايسى دىندىكى كىشىلەر مۇشۇ تەلەپلەرگە ئۇيغۇن ئىبادەت قىلىدۇ؟ ئەمەلىيەت شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، ئاشۇ كىشىلەر — يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدۇر. — يەشايا 43:‏10-‏12.

خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق بۇرۇن يوقاتقاندىن نەچچە ھەسسە كۆپ بەرىكەتلەرگە ئىگە بولىسىز

ھەرخىل ئىرق كىشىلىرىدىن بولغان يېقىن دوستلار

سىز قانداق قىلماقچى؟

15 خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن مەن خۇداغا ئىشىنىمەن دەپ قويۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، مۇقەددەس كىتاب:‏ ھەتتا جىنلارمۇ خۇداغا ئىشىنىدۇ دەيدۇ (ياقۇپ 2:‏19). لېكىن ناھايىتى ئېنىقكى، جىنلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇندىمايدۇ ۋە ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. خۇدانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز چوقۇم ئۇنىڭغا ئىشىنىپلا قالماي، يەنە چوقۇم ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇندىشىمىز زۆرۈر. بىز يەنە يالغان دىندىن چوقۇم ئايرىلىپ چىقىپ، خۇداغا توغرا ئىبادەت قىلىش يولىغا مېڭىشىمىز لازىم.

16 مۇقەددەس كىتابتا ئەلچى پاۋلۇس، بىزنىڭ يالغان دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ:‏ پەرۋەردىگار يەھۋا «ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ ئايرىلىڭلار. ۋە ناپاك نەرسىگە تەگمەڭلار ۋە مەن سىزلەرنى قوبۇل قىلارمەن» دەپ بۇيرۇق قىلغان دەپ يازغان (2-‏كورىنتلىقلار 6:‏17؛ يەشايا 52:‏11). شۇڭا، خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار يالغان دىن بىلەن باغلىنىشلىق ھەرقانداق ئىشلاردىن ۋە نەرسىلەردىن خالىي بولىدۇ.

17 مۇقەددەس كىتاب شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بارلىق يالغان دىنلار «كاتتا بابىل»* نىڭ بىر بۆلىكى (ۋەھىيلەر 17:‏5، ھ.ز.). ئاشۇ ئىسىم، نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنىدىكى كەلكۈن سۈيىدىن كېيىن يالغان دىن باشلانغان جاي، قەدىمكى بابىلون شەھىرىنى بىزگە ئەسلىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان يالغان دىننىڭ نۇرغۇن تەلىملىرى ۋە قائىدە-‏يوسۇنلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى قەدىمكى بابىلون شەھىرى. مەسىلەن، قەدىمكى بابىلون كىشىلىرى ئۈچ بىرلىك يەنى ئۈچ بىرلەشكەن خۇداغا ئىبادەت قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن دىنلارنىڭ ئاساسىي دىنىي تەلىماتى بولسا ئۈچ بىرلىكنى مەركەز قىلغان. بىراق، مۇقەددەس كىتاب ناھايىتى ئېنىق قىلىپ:‏ پەقەت بىردىن-‏بىر چىن خۇدا يەھۋا بار ھەمدە ئەيسا ئۇنىڭ ئوغلى دەپ تەلىم بېرىدۇ (يۇھاننا 17:‏3). قەدىمكى بابىلونلۇقلار يەنە ئادەمدە ئۆلمەيدىغان روھ بار، ئادەم جىسمى ئۆلگەندىن كېيىن يەنىلا مەۋجۇت بولىدۇ ۋە دوزاختا قىينىلىدۇ دېگەندەك تەلىملەرگە ئىشەنگەن. ئوخشاشلا بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن دىنلار، ئۆلمەيدىغان جان ياكى روھ بار ھەمدە يامان ئىش قىلغان كىشىلەرنىڭ روھلىرى دوزاخنىڭ يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتىدا ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىدۇ دەپ تەلىم بېرىدۇ.

18 خاتا دىنىي-‏ئېتىقادلار قەدىمكى بابىلوندىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە بارلىق يالغان دىنلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كاتتا بابىل دەپ ئاتاش ناھايىتى مۇۋاپىق. ئاشۇ يالغان دىنىي ئىمپېرىيەنىڭ توساتتىن گۇمران بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خۇدا ئالدىن بېشارەت بەرگەن (ۋەھىيلەر 18:‏8). نېمە ئۈچۈن كاتتا بابىل بىلەن بولغان چەك-‏چېگرانى ئايرىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى سىز ھازىر چۈشەنگەنسىز؟ تەڭرى يەھۋا، سىزنىڭ «ئۇنىڭدىن چىقىڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى ئاڭلاپ، ۋاقىت بار چاغدا تېزلىكتە كاتتا بابىلدىن ئايرىلىشىڭىزنى خالايدۇ. — ۋەھىيلەر 18:‏4.

19 سىز يالغان دىنغا ئېتىقاد قىلىشدىن ۋاز كەچكەنلىكىڭىز سەۋەبلىك، بەزى كىشىلەر سىز بىلەن بولغان باردى-‏كەلدى قىلىشنى توختىتىشى مۇمكىن. ئەمما، سىز يەھۋا خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرى يوقاتقاندىن نەچچە ھەسسە كۆپ بەرىكەتلەرگە ئىگە بولالايسىز. 1-‏ئەسىردىكى بارلىق نەرسىلەردىن ۋاز كېچىپ ئەيساغا ئەگەشكەن ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ئوخشاش، ئەڭ ئاخىرىدا سىز نۇرغۇن روھىي قېرىنداش يەنى ئاكا-‏ئۇكا ۋە ئاچا-‏سىڭىللارغا ئىگە بولىسىز. سىزگە ھەقىقىي مېھر-‏مۇھەببەت كۆرسىتىدىغان، دۇنيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى مىليونلىغان خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولىسىز. سىزدە «كېلەدۇردىغان ئالەمدە» يەنى كەلگۈسى يېڭى دۇنيادا مەڭگۈ ھاياتلىقتىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدى بار (ماركۇس 10:‏28-‏30). بەلكىم، ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز سەۋەبلىك سىز بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى توختاتقانلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بارلىقىنى بىلگەندە، پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشى مۇمكىن.

20 مۇقەددەس كىتاب خۇدا پات-‏ئارىدا بۇ رەزىل دۇنيانى يوق قىلىپ، ئورنىغا ئادىل يېڭى بىر دۇنيانى دەسسىتىدىغانلىقى ۋە ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ بۇ يېڭى دۇنيا ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەلىم بېرىدۇ (2-‏پېترۇس 3:‏9، 13). كېلەچەكتىكى يېڭى دۇنيا نېمە دېگەن گۈزەل، ھە! ئاشۇ ئادىل يېڭى جەمئىيەتتە پەقەت بىرلا دىن ۋە خۇدا ئىبادەت قىلىشنىڭ بىرلا توغرا ئۇسۇلى بار بولىدۇ. ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھەرىكەتكە كېلىپ، توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى باشلاش سىزچە دانالىق ئەمەسمۇ؟

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • پەقەت بىرلا توغرا دىن بار. — مەتتا 7:‏13، 14.
  • توغرا دىننى ئاشۇ دىننىڭ تەلىملىرى ۋە ئېتىقادچىلىرىنىڭ سۆز-‏ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. — مەتتا 7:‏16، 17.
  • يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇدا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. — يەشايا 43:‏10.

*  نېمە ئۈچۈن كاتتا بابىل بۇ دۇنيادىكى بارلىق يالغان دىنلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆپرەك مەلۇماتلارنى قۇشۇمچە ئىزاھاتتىن كۆرۈڭ.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1. ئەگەر بىز خۇداغا توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلساق، قانداق پايدا-‏مەنپەئەتكە ئېرىشىمىز؟

2. بىز قانداق قىلىپ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلنى ئۆگىنەلەيمىز؟ قايسى مىسال بۇنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ؟

3. مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن، خۇدانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشىشنى خالىساق، بىز چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟

4. ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئىككى يول توغرىسىدىكى سۆزىنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ ئىككى يولنىڭ ھەربىرى قەيەرگە يېتەكلەيدۇ؟

5. توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى بىز قانداق ئېنىقلىيالايمىز؟

6، 7. خۇدانىڭ خەلقى مۇقەددەس كىتابقا قانداق قارايدۇ؟ ۋە مۇشۇ توغرىسىدا ئەيسا مەسىھ قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟

8. پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش قايسى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

9، 10. ھەقىقىي ئېتىقادچىلار قايسى ئۇسۇلدا بىر-‏بىرگە مېھر-‏مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ؟

11. نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنى خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قۇتقۇزغۇچى دەپ قوبۇل قىلىش ناھايىتى مۇھىم؟

12. بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس دېگەنلىك نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟

13. ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار خۇدا پادىشاھلىقىغا نىسبەتەن قانداق كۆز قاراشتا؟ شۇڭا ئۇلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟

14. قايسى دىندىكى كىشىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىشتا، خۇدانىڭ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن ئىبادەت قىلىدۇ دەپ قارايسىز؟

15. خۇداغا ئىشىنىشتىن باشقا، خۇدا يەنە بىزدىن نېمە ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟

16. يالغان دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىش لازىم؟

17، 18. «كاتتا بابىل» دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن «ئۇنىڭدىن چىقىڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى ئاڭلاپ تېزدىن ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم؟

19. سىز يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق نېمىلەرگە ئىگە بولىسىز؟

20. توغرا ئۇسۇلدا خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنى قانداق كېلەچەك كۈتمەكتە؟