مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە تىزىملىككە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟

قۇشۇمچە ئىزاھات

بايراملارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟

بايراملارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟

بـۈگـۈنـكـى كۈندە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر تەبرىكلىشىدىغان نۇرغۇن دىنىي بايراملارنىڭ ۋە بىدئەت ئۆرپ-‏ئادەت بايراملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇقەددەس كىتاب بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئۇنداقتا، ئاشۇ بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى قانداق؟ ئەگەر سىز كۇتۇپخانىدىكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ كۆرسىڭىز، بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولالايسىز. تۆۋەندىكى بىر قانچە مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.

ئانىلار بايرىمى. «بۇ بايرام قەدىمكى يۇناندىكى ئانىغا چوقۇنۇش ئۆرپ-‏ئادەتلىرىدىن كېلىپ چىققان. ئانىغا چوقۇنۇش بولسا ئىلاھلارنىڭ ئۇلۇغ ئانىسى سىبىلى ياكى رېئاغا چوقۇنۇش مۇراسىملىرى بولۇپ، كىچىك ئاسىيا رايونىنىڭ ھەممە جايلىرىدا قەدىمكى رىم كالېندارى بويىچە 3-‏ئاينىڭ 15-‏كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن» دەپ «برىتانىكا قامۇسى»دا (‏Encyclopædia Britannica 1959) ‏15-‏قىسىم، 849-‏بەتتە خاتىرىلەنگەن.

يېڭى يىل بايرىمى. يېڭى يىلنى تەبرىكلەش كۈنى ۋە قائىدە-‏يوسۇنلىرى ھەرقايسى دۆلەتتە، ھەرقايسى ئەل خەلقى ئارىسىدا ئوخشاش ئەمەس. يېڭى يىلنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدا، ( The World Book Encyclopedia) «دۇنيا كىتاب قامۇسى» مۇنداق دەيدۇ:‏ «مىلادىدىن ئىلگىرىكى 46-‏يىلى رىم ئىمپېراتورى يۇلىيۇس قەيسەر، 1-‏يانۋارنى يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. رىملىقلار مۇشۇ كۈننى ئىشىك، دەرۋازا ھەمدە ئىش-‏ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش ئىلاھى يانۇسقا بېغىشلىغان. ئۇنىڭ ئالدى-‏ئارقىغا قارايدىغان يۈزى بار ئىككى يۈزلۈك ئىلاھ، يانۋار ئېيى دەل ئىلاھ يانۇسنىڭ ئىسمىدىن كېلىپ چىققان». مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېڭى يىلنى تەبرىكلەش غەيرى دىنىي ئۆرۈپ-‏ئادەتلەردىن كېلىپ چىققان.

ئاشىق-‏مەشۇقلار بايرىمى. «ئاشىق-‏مەشۇقلار بايرىمى كۈنى ۋەلېنتاين ئىسىملىك ئىككى شېھىت بولغان خرىستىئان مۇرىتىنى خاتىرىلەش كۈنىنى كېلىش مەنبەسى قىلغان. بىراق، ئاشۇ كۈننىڭ ئۆرپ-‏ئادەتلىرى…بەلكىم ھەريىلى 15-‏فېۋرالدا تەبرىكلىنىدىغان لۇپېركالىئا دەپ ئاتالغان قەدىمكى رىملىقلارنىڭ بايرام كۈنى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ بايرامدا رىملىقلارنىڭ ئاياللار ۋە نىكاھ ئىلاھەسى يۇنوغا ھەمدە تەبىئەت ئىلاھى پانغا ھۆرمەت-‏ئېھتىرام بىلدۈرۈلىدۇ» دەپ «دۇنيا كىتاب قامۇسى» (‏The World Book Encyclopedia 1973) ‏20-‏قىسىم، 204-‏بەتتە خاتىرىلەنگەن.

باشقا بايراملار. دۇنيادىكى بارلىق بايرام، تەبرىكلەش مۇراسىم كۈنلىرى توغرىسىدا بەس-‏مۇنازىرە قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئەمما ھەرقانداق شەكىلدىكى، ئىنساننى ياكى ئىنسانلار قۇرغان تەشكىلاتلارنى مەدھىيىلەپ كۆككە كۆتۈرىدىغان بايراملارنى يەھۋا خۇدا ياقتۇرمايدۇ (يەرەمىيا 17:‏5-‏7؛ ئەلچىلەر 10:‏25، 26). شۇنى ھەم ئەستە ساقلاش كېرەككى، مەلۇم بىر دىنىي بايرامنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ئاشۇ بايرامنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك (يەشايا 52:‏11؛ ۋەھىيلەر 18:‏4). مۇشۇ كىتابنىڭ 16-‏بابىدا تىلغا ئېلىنغان مۇقەددەس كىتاب قائىدە-‏قانۇنلىرى، بىدئەت بايراملارنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا نىسپەتەن يەھۋانىڭ قانداق كۆز قاراشتا بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ.

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش