مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە تىزىملىككە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟

19-‏باب

ئۆزىڭىزنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلاڭ

ئۆزىڭىزنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلاڭ

خۇدانى سۆيۈش دېگەن زادى نېمە دېگەن گەپ؟

قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ مۇھەببىتى ئىچىدە ساقلايمىز؟

يەھۋا ئۆزىنى ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئىچىدە ساقلىغانلارنى قانداق مۇكاپاتلايدۇ؟

يـولـدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا ئاسمان قارا بۇلۇتلارغا تولۇپ، چاقماقلار چېقىپ، ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چېلەكلەپ قۇيغاندەك يامغۇر يېغىپ كېتىپ، سىز سىرتتا قالغان بىر كۆرۈنۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ھېچ نەرسىگە قارىماي تېز يۈگۈرۈپ پاناھلىنىدىغان جاي ئىزدىگىنىڭىزدە، يولنىڭ چېتىدە بىر پاناھ جاينى كۆردىڭىز. ئۇ جاي بوران-‏چاپقۇنلۇق يامغۇردىمۇ مەزمۇت، قۇرغاق تۇرغان بولۇپ، ناھايىتى ئىللىق پاناھ جاي ئىدى. ئاشۇنداق بىخەتەر پاناھ جاي تاپقانلىقىڭىز ئۈچۈن سىز نەقەدەر خۇشال بولىسىز، ھە!

بوران-چاپقۇندا پاناھ جاي ئىزدەۋاتقان كىشى

سىز يەھۋانى مۇشۇ رەزىل زاماندا ياشىغان ۋاقتىمىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ باشپاناھى قىلامسىز؟

2 بۈگۈنكى كۈندە، بىز بوران-‏چاپقۇنلۇق زاماندا ياشاۋاتىمىز. دۇنيا ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بىراق، بىر بىخەتەر پاناھ جاي بار. بۇ پاناھ جاي بىزنى مەڭگۈلۈك زىيانكەشلىكتىن بىخەتەر ساقلىيالايدۇ. ئۇ قانداق پاناھ جاي؟ مۇقەددەس كىتابتا:‏ «ئۇ مېنىڭ پاناھىم بىلەن قورغانىم بولۇپ تەۋەككۈلۈم بولغان خۇدايىم ئۇدۇر دەپ ئېيتۇر» دەپ يېزىلغان. — زەبۇر 91:‏2.

3 تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ھۆكۈمرانى پەرۋەردىگار يەھۋا بىزنى قوغدايدىغان باشپاناھىمىز بولىدۇ. ئۇ بىزنى بىخەتەر ساقلاشقا قادىر، ئۇنىڭ كۈچ-‏قۇدرىتىنى بىزگە زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق ئادەم ۋە ھەرقانداق نەرسىلەر بېسىپ چۈشەلمەيدۇ. ئەگەر بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولساقمۇ، يەھۋا بىز دۇچار بولغان ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلىدۇ. قانداق قىلىپ يەھۋانى ئۆزىمىزگە باشپاناھ قىلالايمىز؟ بىز ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىشىمىز كېرەك. بۇندىن باشقا، مۇقەددەس كىتاب بىزنى:‏ «ئۆزىڭىزنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلاڭلار» دەپ دەۋەت قىلىدۇ (يەھۇدا 21). شۇنداق، بىز ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلاپ ئاسماندىكى ئاتىمىز بىلەن مېھر-‏مۇھەببەت رىشتىسىنى مەھكەم باغلىشىمىز لازىم. شۇندىلا، ئۇنىڭ بىزنىڭ باشپاناھىمىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالايمىز. ئەمما، ئاشۇ مېھر-‏مۇھەببەت رىشتىسىنى قانداق باغلىيالايمىز؟

خۇدانىڭ مېھر-‏مۇھەببىتىنى تونۇپ يېتىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش

4 ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلاش ئۈچۈن بىز پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھر-‏مۇھەببىتىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. مۇشۇ قولىڭىزدىكى كىتابنىڭ ياردىمىدە ئۆگەنگەن مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىنى ئەسلەپ بېقىڭ. ياراتقۇچى يەھۋا يەرشارىنى بىزگە گۈزەل ماكان قىلىپ بەردى. مۇشۇ ماكاننى يېتەرلىك سۇ ۋە ئاشلىق، تەبىئىي بايلىقلار، كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان جان-‏جانىۋارلار ۋە چىرايلىق مەنزىرىلەر بىلەن تولدۇرۇپ بەردى. مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق خۇدا ئۆز ئىسمىنى ۋە خاراكتېر-‏سۈپەتلىرىنى بىزگە ئاشكارا قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدا سۆيۈملۈك ئوغلى ئەيسا مەسىھنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، بىز ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىپ ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب بىزگە ئاشكارا قىلدى (يۇھاننا 3:‏16). خۇدانىڭ ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىققا بېرىشىنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بار؟ بۇ گۈزەل كېلەچەك ئۈچۈن ئۈمىد بېرىدۇ.

5 بىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈمىدىمىز يەنە يەھۋا خۇدا قۇرغان ئاسماندىكى ھۆكۈمەت يەنى مەسىھ پادىشاھ بولۇپ باشقۇرىدىغان خۇدا پادىشاھلىقى بىلەن باغلىنىشلىق. ئاشۇ پادىشاھلىق پات-‏ئارىدا ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يەرشارىنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئويلىنىپ كۆرۈڭ! بىز كەلگۈسىدە تىنچ-‏ئامان ۋە خۇشال-‏خۇرام مەڭگۈ ياشايمىز (زەبۇر 37:‏29). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇدا ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق قىلىپ ئەڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن كۆرسەتمە بەرگەن. ئۇ يەنە بىزگە ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھەرقانداق جايدا دۇئا ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئەركىن-‏ئازادە ئالاقە قىلىشمىز ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى. يەھۋا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ۋە شەخسەن سىز ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇلدا مېھر-‏مۇھەببەت كۆرسىتىپ كەلدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئۇسۇلى خالاس.

6 سىز مۇلاھىزە قىلىدىغان بىر مۇھىم سوئال:‏ پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ مېھر-‏مۇھەببىتىگە قانداق جاۋاب قايتۇرىمەن؟ نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق دېيىشىدۇ:‏ «ئۇ مېنى سۆيگەن ئىكەن، مەنمۇ ئۇنى سۆيۈشۈم كېرەك». سىز ھەم شۇنداق ئويلامسىز؟ ھەزرىتى ئەيسا:‏ ئەڭ مۇھىم بۇيرۇق، «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھىنىڭ بىلەن سۆيگىن» دەپ ئېيتقان (مەتتا 22:‏37، ھ.ز.). سىزنىڭ خۇدا يەھۋانى سۆيۈشىڭىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن كۆپ سەۋەب بار. ئەمما، قەلبىڭىزدىلا ئۇنى شۇنچە بەك سۆيىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلسىڭىز، بۇ يەھۋا خۇدانى پۈتۈن قەلب، پۈتۈن جان، پۈتۈن زېھىن بىلەن سۆيگەنلىك بولامدۇ؟

ئالما ئۇرۇقى

7 مۇقەددەس كىتابتا تەسۋىرلەنگەندەك، خۇدانى سۆيۈش، شۇنداق ھېس-‏تۇيغۇدا بولۇشلا ئەمەس. ئەلۋەتتە، خۇدانى سۆيۈش ھېس-‏تۇيغۇسىدا بولۇش مۇھىم. بىراق، شۇنداق ھېس-‏تۇيغۇدا بولۇش ھەقىقىي سۆيۈشنىڭ باشلىنىشى خالاس. مۇنداق بىر مىسال قىلساق، مول مېۋە بېرىدىغان ئالما دەرىخىنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئالما ئۇرۇقى بولۇشى مۇھىم. لېكىن سىز ئالما يېيىشنى خالىسىڭىز، بىر كىشى سىزگە پەقەت ئالما ئۇرۇقى بەرسە، سىز رازىمەنلىك ھېس قىلامسىز؟ ئەلۋەتتە، ياق! شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋا خۇدانى سۆيۈش ھېس-‏تۇيغۇسىنىڭ بولۇشى پەقەتلا باشلىنىشى خالاس. مۇقەددەس كىتاب:‏ «خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىمۇ ئېغىر ئەمەس» دەپ تەلىم بېرىدۇ (1-‏يۇھاننا 5:‏3، ھ.ز.). خۇدانى راستتىنلا سۆيىدىغان كىشىلەر چوقۇم ياخشى مېۋە بېرىشى كېرەك. چوقۇم ئۆز ئەمەللىرى يەنى ئىش-‏ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىپادىلىشى كېرەك. — مەتتا 7:‏16-‏20.

8 بىز خۇداغا بولغان سۆيگۈمىزنى ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش ۋە مۇقەددەس كىتاب قائىدە-‏قانۇنلىرىنى ئەمەلىي ئىشلىتىش ئارقىلىق كۆرسىتەلەيمىز. ئاشۇنداق قىلىش ئانچە تەس ئەمەس. يەھۋانىڭ قانۇنلىرى ئېغىر يۈك بولماستىن، بىزنىڭ خۇشال-‏خۇرام، قانائەتلىنەرلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن (يەشايا 48:‏17، 18). خۇدانىڭ كۆرسەتمىسىگە ماسلىشىپ ياشاش ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا ھەقىقىي مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا خۇداغا ھەقىقىي مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. بىز ھەرگىزمۇ ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدە بولغان ۋاقىتتا ياشىغان بەزى كىشىلەرگە ئوخشاش مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇيدىغان نائەھلى كىشىلەردىن بولماسلىقىمىز كېرەك. ئەيسا ئون ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتقان. بىراق، پەقەت بىرى قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتقان (لۇقا 17:‏ 12-‏17). ھەممىمىز ئاشۇ توققۇز مېھر-‏شەپقەتنى ئۇنتۇيدىغان نائەھلى كىشىلەردەك ئەمەس، بەلكى مېھر-‏شەپقەت ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتقان بىرسىگە ئوخشاش بولۇشنى خالايمىز، ئەلۋەتتە!

9 ئۇنداقتا، يەھۋانىڭ قايسى بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز مۇشۇ كىتابتا خۇدانىڭ خېلى كۆپ قائىدە-‏قانۇنلىرىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئەمدى بەزى بىر قىسىملىرىنى قايتا تەكرارلاپ كۆرەيلى. يەھۋانىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش ئۆزىمىزنى ئۇنىڭ مۇھەببىتىدە ساقلىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ.

خۇداغا بارغانسېرى يېقىنلىشىش

10 پەرۋەردىگار يەھۋا توغرىسىدا بىلىم ئېلىش، ئۇنىڭغا بارغانسېرى يېقىنلىشىشتىكى بىر مۇھىم قەدەم-‏باسقۇچ. بۇ ھەرگىز توختىتىشقا بولمايدىغان جەريان. ئەگەر سىز ناھايىتى سوغۇق كېچىدە سىرتتا ئوت يېقىپ ئىسسىنىۋاتقان بولسىڭىز، ئوت يالقۇنىنىڭ ئاجىزلاپ، ئۆچۈپ قېلىشىغا يول قويامسىز؟ ياق. سىز داۋاملىق ئوتۇن سېلىپ ئوت يالقۇنىنى ئۇلغايتىپ تۇرىسىز، چۈنكى ھاياتىڭىز ئاشۇ ئوتنىڭ كۆيۈپ تۇرۇشىغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن! ئاشۇ ئوتۇنغا ئوخشاش، «خۇدانىڭ مەرىپىتى» يەنى بىلىمى بىزنىڭ يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر مېھر-‏مۇھەببىتىمىزنى داۋاملىق ساقلايدۇ. — پەندى-‏نەسىھەت 2:‏1-‏5.

ئوتنىڭ يالقۇنجاپ كۆيۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئوتۇن كېرەك بولغاندەك، يەھۋاغا بولغان مۇھەببەت ئوتىڭىزنىڭ ھەردائىم يالقۇنجاپ تۇرۇشى خۇدانىڭ بىلىمىگە موھتاج

ئوتسىنىپ ئۆزىنى ئىسسىتىۋاتقان كىشى

11 ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ پەرۋەردىگار يەھۋانى ۋە ئۇنىڭ قىممەتلىك سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى توختىماي يېنىۋاتقان ئوتتەك سۆيۈشىنى ئۈمىد قىلغان. ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىككى شاگىرتىغا قەدىمكى مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتلەرنىڭ ئۆزىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى ھەققىدە تەلىم بەرگەن. نەتىجىدە نېمە بولدى؟ ئۇ ئىككى شاگىرت مۇنداق دېگەن:‏ «ئۇ يولدا بىزنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ بىزگە كىتابلارنى ئۇقتۇرغىنىدا كۆڭلىمىز ئىچىمىزدە كۆيمىدىمۇ؟» — لۇقا 24:‏32.

12 سىز تۇنجى قېتىم مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بارلىقىنى بىلگىنىڭىزدە، قەلبىڭىزنىڭ ھاياجان ۋە غەيرەت-‏شىجائەتكە تولۇپ، تەڭرى يەھۋاغا بولغان مېھر-‏مۇھەببىتىڭىز ئوت يالقۇنىدەك كۆيۈشكە باشلىغاندەك ھېس قىلغانمىدىڭىز؟ شەك-‏شۈبھىسىزكى، شۇنداق بولغان. نۇرغۇن كىشىلەر ھەم شۇنداق ھېس قىلغان. ھازىرقى قىيىن ئىش بولسا يەھۋاغا بولغان قىزغىن مېھر-‏مۇھەببەت ئوتىنى ئۆچۈرمەي ساقلاش ۋە ئاشۇ ئوتنىڭ يالقۇنلىشىغا ياردەم بېرىش. بىز بۇ دۇنيانىڭ ئېقىمىغا ئەگەشمەسلىكىمىز لازىم. مەسىھ ئەيسا ئالدىن بېشارەت ئېيتىپ:‏ «تولالار [نۇرغۇن كىشىلەر] نىڭ مۇھەببىتى سوۋۇپ كېتەدۇر» دېگەن (مەتتا 24:‏12). ئۆزىمىزنىڭ يەھۋاغا ۋە مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىگە بولغان مېھر-‏مۇھەببىتىنى سوۋۇپ كېتىشتىن توسۇپ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلالايمىز؟

13 يەھۋا خۇدا ۋە مەسىھ ئەيسا توغرىسىدا توختىماي داۋاملىق بىلىم ئېلىش (يۇھاننا 17:‏3). مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن بىلىملەرنى چوڭقۇر ئويلىنىش ياكى خىيال قىلىش ئارقىلىق ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ ‹يەھۋا خۇدا توغرىسىدا نېمىلەرنى ئۆگەندىم؟ ئاشۇ ئۆگەنگەن بىلىملەر قانداق قىلىپ يەھۋانى پۈتۈن قەلبىم، پۈتۈن جېنىم، پۈتۈن زېھنىم بىلەن سۆيۈشۈمگە ئىلھام بېرىدۇ؟› دەپ سوراڭ (1-‏تىموتىي 4:‏15). ئاشۇنداق چوڭقۇر ئوي-‏خىيال قىلىش يەھۋاغا بولغان مېھر-‏مۇھەببەت ئوتىڭىزنى يالقۇنجىتىدۇ.

14 پەرۋەردىگار يەھۋاغا بولغان مۇھەببەت ئوتىڭىزنى يالقۇنجىتىپ ساقلاشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى ھەمىشە دۇئا-‏تىلاۋەت قىلىش (1-‏سالونىكالىقلار 5:‏17). مۇشۇ كىتابنىڭ 17-‏بابىدا، دۇئا قىلىش بولسا يەھۋانىڭ بىزگە بەرگەن قىممەتلىك سوۋغىتى ئىكەنلىكىنى ئۆگەندۇق. ئادەملەر ئارىسىدا ھەردائىم ئالاقە قىلىپ تۇرۇش كىشىلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرغاندەك، بىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئوت يالقۇنىدەك يالقۇنجاپ تۇرۇشى ئۈچۈن ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەك. مۇھىمى، بىزنىڭ دۇئا-‏ئىبادەتلىرىمىز پەقەت تەرتىپلىك سۆزلەرنى ۋە ھېچقانداق ھېسسىيات يوق قۇرۇق گەپلەرنى قايتا-‏قايتا تەكرارلاش بولماسلىقى كېرەك. بىز يەھۋاغا خۇددى بىر كىچىك بالا ئۆز مېھرىبان ئاتىسى بىلەن پاراڭلاشقاندەك سۆزلىشىمىز لازىم. ئەلۋەتتە، بىز سۆزلەشكەندە ھۆرمەت بىلەن بىراق ناھايىتى ئوچۇق-‏يورۇق، سەمىمىي ۋە چىن كۆڭلىمىزدىن چىقىرىپ سۆزلىشىشنى خالايمىز (زەبۇر 62:‏8). شۇنداق، شەخسەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە چىن قەلبدىن چىقىرىپ دۇئا قىلىش، بىزنىڭ دۇئا-‏ئىبادىتىمىزنىڭ مۇھىم ئامىللىرى، ئۇلار ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ.

دۇئا-‏ئىبادەتلىرىڭىز ئارقىلىق خۇشاللىق تېپىڭ

15 يالغۇز ئولتۇرۇپ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە دۇئا قىلىش، بىز شەخسەن ئۆزىمىز قىلىدىغان ئىبادەتتۇر. ئەمما، ھازىر بىز ئاشكارا قىلىدىغان ئىبادەت توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلايلى:‏ باشقىلارغا ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىمىز ھەققىدە سۆزلەش. سىز ئاللىقاچان بەزى مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ پاراڭلاشتىڭىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسىڭىز، بۇ ئاجايىپ شان-‏شەرەپتۇر (لۇقا 1:‏74). بىزنىڭ پەرۋەردىگار يەھۋا توغرىسىدا ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشىمىز، ئەمەلىيەتتە بارلىق ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئورۇندىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ناھايىتى مۇھىم بىر ۋەزىپە بولۇپ، ئۇ دەل خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز ئېيتىشتۇر. — مەتتا 24:‏14؛ 28:‏19، 20.

16 ئەلچى پاۋلۇس ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى ناھايىتى ئەتىۋارلىق ئىش دەپ قارىغان. ئۇنى خەزىنە ياكى بايلىق دەپ ئاتىغان (2-‏كورىنتلىقلار 4:‏7). يەھۋا خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى توغرىسىدا باشقىلارغا ۋەز ئېيتىش سىز قىلىدىغان ئەڭ ياخشى خىزمەتتۇر. چۈنكى، بۇ خىزمەتنى يەھۋا بىزگە تاپشۇرغان. ئۇ ئەڭ ياخشى خوجايىن ھەمدە مۇشۇ خىزمەتنى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيمىز. مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى قىلىش ئارقىلىق سىز سەمىمىي ساپ دىل كىشىلەرنىڭ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا يېقىنلىشىشىغا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش يولىدا مېڭىشغا ياردەم بېرەلەيسىز! قانداق خىزمەت كىشىنى بۇنىڭدىنمۇ بەك رازى قىلالايدۇ؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ سۆزى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش سىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭغا بولغان مېھر-‏مۇھەببەتىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. يەھۋا سىزنىڭ چىقارغان كۈچىڭىزنى ئۇنتۇمايدۇ (ئىبرانىيلار 6:‏10). ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى بوشاشماستىن قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئۆزىڭىزنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. — 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏58.

17 شۇنى ئەستە تۇتۇش ناھايىتى مۇھىمكى، پادىشاھلىقنىڭ خۇش خەۋىرى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىش ئىنتايىن جىددىي خىزمەت. مۇقەددەس كىتاب:‏ «سۆزنى ۋەز ئېيتىپ مۇناسىپ ۋاقىتتا ۋە مۇناسىپ ئەمەس ۋاقىتتا چىقىپ…تەلىم بەرگەيسەن» دەيدۇ (2-‏تىموتىي 4:‏2). بۈگۈنكى كۈندە، نېمە ئۈچۈن ئاشۇ خىزمەتنى جىددىي قىلىش كېرەك؟ مۇقەددەس كىتاب بىزگە:‏ «خۇداۋەندىنىڭ چوڭ كۈنى بولسا يېقىنلىشىپ ئىتتىكلىك بىلەن يېتىپ كېلىپتۇر» دەيدۇ (سەفنىيا 1:‏14). شۇنداق، يەھۋانىڭ مۇشۇ رەزىل زاماننى بىر تەرەپ قىلىپ يىغىشتۇرىدىغان ۋاقىت-‏سائىتى ناھايىتى تېز يېتىپ كەلمەكتە. شۇڭا، كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش زۆرۈر! ئۇلار ھازىر يەھۋانى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى دەپ تاللاش ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بۇ زاماننىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى «بەجا كەلمەي قالماس». — ھاباقۇق 2:‏3.

18 تەڭرى يەھۋا، بىزنىڭ توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئوچۇق ئاشكارا ئىبادەت قىلىشىمىزنى خالايدۇ. شۇڭا، خۇدا سۆزى:‏ «خەۋەردار بولۇپ بىر-‏بىرىمىزنى مۇھەببەتكە ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مايىل قىلدۇرغىلى جاھىد قىلايلى [تىرىشايلى]. ۋە بەزىلەرنىڭ ئادىتى بولغاندەك ئۆز يوغلاشماقىمىزنى [ئالاقە قىلىشىمىزنى] تاشلىماي ئۇ كۈننىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرۈپ بىر-‏بىرىمىزگە نەسىھەت بېرەيلى» دەيدۇ (ئىبرانىيلار 10:‏24، 25). جامائەتچىلىك يىغىلىشىدا ئېتىقادچىلار بىلەن جەم بولۇش بىزنى مېھر-‏شەپقەتلىك خۇدايىمىزغا دۇئا-‏ئىبادەت قىلىش؛ ھەمدۇسانا ئېيتىش ۋە بىر-‏بىرىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئۆزئارا يار-‏يۆلەكتە بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

19 بىز يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم ئالاقە قىلىش ئارقىلىق جامائەتچىلىكتىكى مېھر-‏مۇھەببەت ۋە دوستلۇق رىشتىنى كۈچەيتىمىز. يەھۋا بىزنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرىپىمىزگە دىققەت قىلغاندەك، بىز ھەم بىر-‏بىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرىپىگە دىققەت قىلىشىمىز مۇھىم. ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلماڭ. شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئوخشاش بولمىغان روھى جەھەتتىكى ئۆسۈپ-‏يېتىلىش باسقۇچىدا، ھەرقانداق بىرىمىز خاتالىق سادىر قىلىمىز (كولوسىلىقلار 3:‏13). يەھۋانى قىزغىن سۆيىدىغانلار بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتىشقا تېرىشىڭ. شۇنداق قىلىش سىزنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ-‏يېتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئىلھام بېرىدۇ. روھىي جەھەتتىكى ئاكا-‏ئۇكا ۋە ھەدە-‏سىڭىللىرىڭىز بىلەن يەھۋاغا دۇئا-‏ئىبادەت قىلىش ئۆزىڭىزنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن دۇئا-‏ئىبادەت قىلغانلارنى ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئىچىدە ساقلىغانلارنى يەھۋا قانداق مۇكاپاتلايدۇ؟

«ھەقىقىي ھاياتقا» ئىنتىلىڭ

20 يەھۋا ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرىنى ھايات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇ قانداق ھايات؟ خوش، سىز ھازىر راستتىنلا ھاياتمۇ؟ كۆپچىلىكىمىز ئەلۋەتتە بىز ھايات دەپ جاۋاب بېرىمىز. چۈنكى، بىز يەنىلا نەپەسلىنۋاتىمىز، يەۋاتىمىز ۋە ئىچىۋاتىمىز، بۇلار ئەلۋەتتە بىزنىڭ ھايات ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ. بىز ناھايىتى خۇشال بولغان ۋاقىتتا، ھەتتا شۇنداق دەيمىزكى، «ھەقىقىي ھايات دېگەن مانا شۇ!» ئەمما، مۇقەددەس كىتاب كۆرسەتكەندەك، ھېچبىر ئىنسان بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقىي ھاياتنى كۆرگىنى يوق.

جەننەتتىكى بەخت-سائادەتتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى

يەھۋا سىزنىڭ «ھەقىقىي ھايات»تىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزنى خالايدۇ. سىز شۇنداق ھاياتقا ئېرىشەلەمسىز؟

21 خۇدانىڭ سۆزى بىزنى «ھەقىقىي ھاياتقا» ئېرىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ (1-‏تىموتىي 6:‏19، ھ.ز.). ئاشۇ سۆزلەر، «ھەقىقىي ھايات» بولسا بىز كەلگۈسىدە ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق، بىز مۇكەممەل بولغاندا ھەقىقىي ھاياتنى كۆرگەن بولىمىز. كەلگۈسىدە بىز خۇدا ئەسلى مەقسەت قىلغاندەك ھايات كەچۈرىمىز. كېلەچەكتە بىر كۈن، بىز يەر يۈزى جەننەتتە ساق-‏سالامەت، تىنچ-‏ئامان ۋە بەخت-‏سائادەتلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولۇپ، ئاندىن ھەقىقىي ھايات يەنى «ئەبەدى تىرىكلىك»تىن بەھرىمەن بولۇپ ياشايمىز (1-‏تىموتىي 6:‏12). بۇ ئاجايىپ ئۈمىد ئەمەسمۇ، ھە!

22 قانداق قىلىپ «ھەقىقىي ھاياتقا» ئېرىشىشكە بولىدۇ؟ ئەلچى پاۋلۇس ھەقىقىي ھاياتلىقنى تىلغا ئېلىشتىن ئىلگىرى، ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكۈچىلەرنى «ياخشىلىق قىلىپ ياخشى ئەمەللەرگە دۆلەتمەن» بولۇشقا دەۋەت قىلغان (1-‏تىموتىي 6:‏18). مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشىقا بولىدۇكى، «ھەقىقىي ھايات»نى تېپىش، مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلىتىشىمىزگە باغلىق. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ دېگىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق «ھەقىقىي ھاياتقا» ئىگە بولۇشنى كۆرسىتەمدۇ؟ ياق. بىزنىڭ ئاجايىپ گۈزەل كېلەچىكىمىز راستتىنلا «خۇدانىڭ ئىنايىتى [ئىلتىپاتى]»غا باغلىق (رىملىقلار 5:‏15). يەھۋا ئۆزىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغانلارنى خۇشاللىق بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. يەھۋا سىزنىڭ «ھەقىقىي ھايات» كەچۈرۈشىڭىزنى كۆرۈشنى خالايدۇ. ئۆزىنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلىغانلارنى ئاشۇنداق بەخت-‏سائادەتلىك، تىنچ-‏ئامان، مەڭگۈلۈك ھايات كۈتۈپ تۇرماقتا.

23 ھەربىرىمىز ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن ‹مەن خۇدا مۇقەددەس كىتابتا كۆرسەتكەن ئۇسۇل بىلەن ئۇنىڭغا دۇئا-‏ئىبادەت قىلىۋاتىمەنمۇ؟› دەپ سورىشىمىز لازىم. ئەگەر بىز ھەركۈنى ئۆز-‏ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك، بىز ھەقىقەتەن ئاشۇ كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا يەھۋاغا دۇئا-‏ئىبادەت قىلغان بولساق، بىز توغرا يولدا ماڭغان بولىمىز، يەھۋانىڭ باشپاناھىمىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالايمىز. ئۇ ئۆزىنىڭ ساداقەتمەن خەلقىنى مۇشۇ رەزىل زاماننىڭ ئاخىرقى قىيىن كۈنلىرىدە بىخەتەر ساقلايدۇ. يەھۋا بىزنى قۇتقۇزۇپ، يېقىنلاپ كېلىۋاتقان كىشىنى خۇشال قىلىدىغان كەلگۈسى يېڭى دۇنياغا يېتەكلەپ ئېلىپ كېرىدۇ. ئاشۇ ۋاقىت-‏سائەتنى كۆرۈشكە نەقەدەر تەققەزادۇرمىز، ھە! ھازىر مۇشۇ ئاخىر زامان كۈنلىرىدە توغرا يولنى تاللىغانلىقىمىز ئۈچۈن كەلگۈسىدە نەقەدەر خۇشال بولىمىز! ئەگەر سىز ھازىر يەھۋانىڭ توغرا يولىنى تاللىسىڭىز، كەلگۈسىدە «ھەقىقىي ھايات» يەنى يەھۋا ئەسلى مەقسەت قىلغان ھاياتلىقتىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولىسىز!

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • بىز خۇدانىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنىڭ قائىدە-‏قانۇنلىرىنى ئەمەلىي ئىشلىتىش ئارقىلىق خۇداغا بولغان ھەقىقىي مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. — 1-‏يۇھاننا 5:‏3.
  • مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش؛ چىن كۆڭلىمىزدىن يەھۋاغا دۇئا قىلىش؛ يەھۋا توغرىسىدا باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە ئېتىقادچىلار يىغىلىشىلىرىدا ئۇنىڭغا دۇئا-‏ئىبادەت قىلىش ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. — مەتتا 24:‏14؛ 28:‏19، 20؛ يۇھاننا 17:‏3؛ 1-‏سالونىكالىقلار 5:‏17؛ ئىبرانىيلار 10:‏24، 25.
  • ئۆزىنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلىغانلارنىڭ «ھەقىقىي ھايات»تىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدى بار. — 1-‏تىموتىي 6:‏12، 19، ھ.ز.؛ يەھۇدا 21.

مۇلاهىزه سوئاللىرى

1، 2. بۈگۈنكى كۈندە، بىز قەيەردىن بىر بىخەتەر پاناھ جاي تاپالايمىز؟

3. بىز قانداق قىلىپ يەھۋانى ئۆزىمىزگە باشپاناھ قىلالايمىز؟

4، 5. پەرۋەردىگار يەھۋا بىزگە قايسى ئۇسۇلدا مېھر-‏مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ كەلگەن؟

6. پەرۋەردىگار يەھۋا سىزگە كۆرسەتكەن مېھر-‏مۇھەببەت ئۈچۈن سىز قانداق جاۋاب قايتۇرالايسىز؟

7. خۇدانى سۆيۈش پەقەت ئاشۇنداق ھېس-‏تۇيغۇدا بولۇشمۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ.

8، 9. بىز خۇداغا بولغان سۆيگۈمىزنى ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق ئىپادىلىيەلەيمىز؟

10. يەھۋا خۇدا توغرىسىدا توختىماستىن بىلىم ئېلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈڭ.

11. ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە تەلىم بەرگىنىدە، نەتىجىدە نېمە بولدى؟

12، 13. (1) بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ خۇداغا ۋە مۇقەددەس كىتابقا بولغان مېھر-‏مۇھەببىتىگە نېمە بولدى؟ (2) مېھر-‏مۇھەببىتىمىزنى سوۋۇپ كېتىشتىن توسۇپ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلالايمىز؟

14. يەھۋاغا بولغان مېھر-‏مۇھەببەت ئوتىمىزنىڭ يالقۇنجاپ تۇرۇشى ئۈچۈن دۇئا-‏تىلاۋەت قىلىش قانداق ياردەم بېرىدۇ؟

15، 16. نېمە ئۈچۈن پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىشنى شان-‏شەرەپ ۋە بىر خەزىنە دەپ قاراشقا بولىدۇ؟

17. نېمە ئۈچۈن پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىش بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن جىددىي خىزمەت؟

18. نېمە ئۈچۈن بىز توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەھۋا خۇداغا ئوچۇق ئاشكارا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك؟

19. كۆپچىلىك نېمە ئىش قىلىش ئارقىلىق جامائەتچىلىكنىڭ مېھر-‏مۇھەببەت رىشتىنى مۇستەھكەملىيەلەيمىز؟

20، 21. «ھەقىقىي ھايات» دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ بىر ئاجايىپ ئۈمىد؟

22. قانداق قىلىپ «ھەقىقىي ھاياتقا» ئېرىشىشكە بولىدۇ؟

23. نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلاش بەك مۇھىم؟

تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىش

ھە‌قسىز مۇقە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشنى ئىلتىماس قىلىش

نېمە ئۈچۈن مۇقە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش كېرە‌ك؟‏

دۇنيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلە‌رنىڭ كىشىلىك ھ‌اياتتىكى مۇھىم سوئاللارغا جاۋ‌ابنى مۇقە‌ددە‌س كىتاب بە‌رمە‌كتە .‏سىزمۇ جاۋ‌اب تېپىشنى خالامسىز؟‏